ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەرلىك بۇيۇم
زەھەرلىك بۇيۇم
كۆپ ئۇچىرايدىغان زەھەرلىك چىكىملىكلەر(1)
ۋاقتى : 2016-11-02 13:42:35  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

كۆپ ئۇچىرايدىغان زەھەرلىك چىكىملىكلەر(1)

      K تالقىنى (خلورامىنكېتون)

تومۇردىن ئۇرىدىغان ناركوز دورىسىغا تەۋە. كلىنىكىدا ئوپېراتسىيە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ناركوز دورىسى بۇلۇپ، بەزىدە ھايۋانلارنىمۇ ناركوز قىلىشقا ئىشلىتىدۇ.


سىرتقى كۆرۈنىشى ئاق رەڭلىك كىرىستالسىمان پاراشوك بۇلۇپ، پۇراقسىز، سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ .ھەر خىل سوغۇق ئىچىملىك، قىزىل ھاراقلار بىلەن ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ .ئىستېمال قىلغان چاغدا پۇت-قوللىرى سەل ماغدۇرسىزلىنىدۇ.
بىراق يۇقىرى ئاۋازلىق شوخ مۇزىكىنى ئاڭلىغان ھامان شەرتلىك رېفلىكىس ئاساسىدا پۇت-قوللىرىغا قايتىدىن كۈچ كىرىپ، نەچچە سائەتكىچە روھلىنىپ شوخلىشىپ كېتىدۇ .ئاڭ ۋە ئىنكاسنىڭ بۆلۈنۈش ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .نېرۋىسى زەھەرلىنىش ۋە ئېلىشىپ قىلىشتەك ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە خىيالىي تۇيغۇ، ھەرىكەت ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، غەلىتە ۋە خەتەرلىك قىلىقلارنى قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىكىر قىلىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جىنسىي ھاياجانلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .شۇڭلاشقا بەزىلەرK تالقىنىنى (جىنسىي مەستانە تالقىنى) ياكى (باسقۇنچىلىق تالقىنى) دەپمۇ ئاتايدۇ.
 


K تالقىنى تەركىبىدىكى خلور ئامىلكېتوننى قالايمىقان ئىشلەتكەندە ئىنتايىن ئېغىر  كېسەللىك ئاسارەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يىنىك بولغاندا نېرۋا جايىدا بولماسلىق، ئېغىر بولغاندا مەركىزىنى نېرۋىنى پالەچلەندۈرىدۇ، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەنئەنىۋىي زەھەر كەندىر

كەندىر بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ زەھەرلىك كەندىر ۋە زەھەرسىز كەندىردە 2 خىلغا بۆلۈنىدۇ .زەھەرسىز كەندىرنىڭ غولى ۋە شېخىدىن تالا ياسىلىدۇ، ئۇرۇقىدىن ماي چىقىرىدۇ. زەھەرلىك كەندىر ئاساسلىقى پاكار شېخى كۆپ بولغان ھىندىستان كەندىرىنى كۆزدە تۇتىدۇ.


كەندىر تۈرىدىكى زەھەردىن كەندىر تاماكسى يەنى نەشە ۋە كەندىر يېغى بار .كەندىرنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى چەكلەش ناركوز قىلىش رولى بار، كەندىر تۈرىدىكى زەھەرنى ئىستىمال قىلغان ئادەم روھلىنىپ خۇشال بولۇپ كېتىدۇ ، بەزىدە خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ ۋە خام خىياللارغا غەرق بولۇپ كېتىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلسا روھىي توسالغۇلۇق، تەپەككۇرى گالۋاڭلىشىش، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   خېروئىن

خېروئىننىڭ خىمىيىلىك نامى 2 ئاتسېتىل مورفىن، ئاق پاراشوك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مورفىننى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. ئاغرىق توختىتىش ئۈنۈمى مورفىنغا قارىغاندا 4 ھەسسىدىن 8 ھەسسىگىچە كۈچلۈك بولۇپ تېببىي ساھەسىدە ئىلگىرى ناركوز دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن.


بىراق خۇمار قىلىشى تېز، تاشلاش بەك قىيىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە ئادەمنىڭ ئېممۇنىتېت ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، شۇنداقلا بۆرەك، يۈرەك، جىگەر قاتارلىق ئەزالارنى زەھەر زەئىپلەشتۈرىدۇ. زەھەرنى ئىشپىرىس بىلەن ئىستېمال قىلغاندا ئەيدىز قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش نىسپىتى يۇقۇرى بولىدۇ.

باش چايقىتىش كومىلىچى

بېنزىن پروپىلامىن تۈرىدىكى مەركىزىي نېرۋىلارنى غىدىقلىغۇچى دورا. ھاياجانلاندۇرۇش ۋە خىيالىي سېزىم پەيدا قىلىش رولى بار .ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن مۇزىكىغا ئەگىشىپ خېلى ئۇزاق باش گىلدىڭشىتىپ ئۆزىنى كونترول قىلالماي قالىدۇ، شۇڭا (باش گىلدىڭلاتقۇ) دەپمۇ ئاتالغان.


ئىستېمال قىلغۇچىدا ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە بىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىپ بىنورمال ھالەتتە جانلىنىپ كېتىدۇ، كېچىلەپ تەلۋىلەرچە ئۇسسۇل ئويناپ ھارغىنىنى بىلمەيدۇ. شۇنداقلا خىيالىي تۇيغۇسىغا ئاساسەن كوللېكتىپ ماجرا كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، ئۆزىنى پالەچ قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىۋالىدۇ. ھەتتا ئېلىشىپ قېلىش، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مېڭە كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.