ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەرلىك بۇيۇم
زەھەرلىك بۇيۇم
كۆپ ئۇچرايدىغان زەھەرلىك چېكىملىكلەر (2)
ۋاقتى : 2016-11-02 13:40:18  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

كۆپ ئۇچرايدىغان زەھەرلىك چېكىملىكلەر (2)

ئەنئەنىۋىي زەھەر دولانتىن

 


دولانتىن كلىنىكىدا ئىشلىتىدىغان ئاغرىق توختىتىش ئارىلاشما دورىسى، ئاق رەڭلىك كرىستالسىمان پاراشوك، تەمى ئازراق ئاچچىق، پۇراقسىز.
دولانتىننىڭ رولى ۋە تەسىر قىلىش مېخانىزمى مورفىن بىلەن ئوخشاش، بىراق ئاغرىق توختىتىش ۋە ناركوز رولى سەل ئاجىزراق بولۇپ مورفىننىڭ 10 % ئەتراپىغا توغرا كېلىدۇ.
ئۇزاق مەزگىلدە ئىشلەتكەندە خۇمار پەيدا قىلىدۇ، دۆلىتىمىز تەرىپىدىن قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان ناركوز دورىسى ھېسابلىنىدۇ.
 


ئەنئەنىۋىي زەھەر كوكا

 

كوكا ئامېرىكا قىتئەسى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا قاتارلىق جايلاردا ئۆسىدىغان ئەنەنىۋى ئۆسۈملۈك.
كوكا دەرىخى 1 يېرىم مېتىردىن ئۈچ مېتىر ئېگىزلىككىچە ئۆسىدىغان، ئوتتۇز قېرىق يىل ياشايدىغان، ھەر يىلى 3- 4 قېتىم يوپۇرمىقىنى يىغقىلى بولىدىغان ئۆسۈملۈك.
كوكا يوپۇرمىقىدىن زەھەر ئايرىۋالغىلى بولىدۇ، ئىندىئانلار كوكا يوپۇرمىقىنى چايناش ئارقىلىق بەزى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنى داۋالىغان.
بىراق بۇنىڭ زەھەرلىكلىكى ئىلىم پەن ساھەسىدە ئىسپاتلانغان بۇلۇپ، كوكا يوپۇرمىقىدىن ئايرىۋېلىنىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ماددا كوكائىن.


    ئەنئەنىۋىي زەھەر ئەپيۇن

ئەپيۇننىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ئاپيەن، بۇرۇن چوڭ تاماكا دەپمۇ ئاتالغان.
كۆكنار يەنى ئەپيۇن گۈلى مېۋىسىدىن چىققان سۇيۇقلۇقنى قاتۇرۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.
كۆكنار ئۆسكەن يەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن رەڭگى قارامتۇل ياكى قۇڭۇر رەڭلىك تەمى ئاچچىق بولىدۇ.
خام ئەپيۇننى ئوتقا قاقلاش ئېچىتىش ئارقىلىق ئەپيۈن جەۋھىرى ياسىلىدۇ. ئىستېمال قىلغاندا بىرخىل كۈچلۈك تاتلىق پۇراق چىقىدۇ.
تۇنجى ئىستېمال قىلغاندا باش قېيىپ كۆزى خۇمالىشىدۇ، بەزىدە قۇسۇپ باش قايىدۇ كۆپ قېتىم ئىستېمال قىلغاندا خۇمار پەيدا بولىدۇ.


 

 

ئەنەنىۋى زەھەر كەندىر مېيى

كەندىر مېيى كەندىردىن ئايرىۋېلىنىدىغان ماي تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىنىڭ مىقدارى كەندىر تاماكا ئىسىغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ.
ئادەتتە ئوماچ قىلىش سۈزۈش مىجىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئايرىۋېلىنىدۇ.
كاللەكسىمان ھالەتتە بولىدۇ، قاتتىقلىق دەرىجىسى شەكلىمۇ ھەرخىل بولىدۇ.
بەزى كەندىر مېيىدا ھەرخىل ھەرپ گۈل قاتارلىق بەلگىلەر چېكىلگەن بولۇپ، بۇ ئاساسەن زەھەر ئىشلەپ چىقارغان ماركا بەلگىلىرى.

 

 

【مەسئۇل تەھرىر : 】