ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەرلىك بۇيۇم
زەھەرلىك بۇيۇم
مەجۈن خالىغانچە ئىستىمال قىلىندىغان شاتلىق كۇمىلىچى ئەمەس
ۋاقتى : 2016-04-26 12:13:41  مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 

      كورلا شەھرىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەر ئارىسىدا ئاتالمىش <<تېۋىپ>> لار ياسىغان << مەجۈن >> ئىسىملىك بىر ساغلاملىق بويۇمىنى ئىستېمال قىلىش مودا بولغان. جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، بۇ بىر خىل تەركىبىدە نەشە بولغان ساختا ساغلاملىق بويۇمى ئىكەن. كورلا زەھەرگە قارشى تۇرۇش ساقچىلىرى مەجۈن ياساپ ساتقان جىنايەت گۇماندارىنى تۇرپاندىن كورلىغا يالاپ ئەكەلگەن، ئۇنىڭ يېنىدىكى سومكىدىن 4200 گىرام نەشە (مەجۈن)، تۇرۇشلۇق جايىدىن 5800 گىرام نەشە (مەجۈن) چىققان. ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ << تېۋىپ >> مەجۈن دەيدىغان بۇ دورىنى ياساپ باشقىلارغا نۇرغۇنلىغان كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ، بەدەننى ساغلام قىلىدۇ، دەپ ئالداپ ساتقان. بۇ بىر خىل ئۆزى ياسىۋالغان يېمەكلىك بولۇپ، ئالدامچى كاززاپلار بۇنى ئاممىغا << بۇ بىر ساغلاملىق دورىسى، ئۇيقۇنى ياخشىلاپ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىنى داۋالايدۇ، كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ، بەدەننى كۈچلەندۈرىدۇ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، جىنسىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ... >> دېگەندەك بىر تالاي يالغان-ياۋداقلار بىلەن داڭلاپ ساتقان. ھەممىدىن كىشىنى چۆچىتىدىغىنى بۇ خىل << مەجۈن >> كورلىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەرگىچە كىرىپ ئۈلگۈرگەن.
ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ مەجۈننى يېگەندىن كېيىن ھاياجانلىنىش، خام خىيال قىلىشتەك ناچار تەسىرلەر كۆرۈلگەن. ساقچىلار بۇ مەجۈنلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا نەشە بارلىقىنى بايقىغان.
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىنكاس قىلشىچە، ياتاقتىكى ھەمراھلىرى 2-1 ئايدىن بېرى مەجۈن دەيدىغان بىرخىل نەرسىنى يەۋاتقان بولۇپ، شۇلارنىڭ تەسىرىدە ئۆزلىرىمۇ يېيىشنى باشلىغان، يېگەندىن كېيىن خۇشكەيىپ بولۇپ، بىكاردىن بىكار كۈلىدىغان، خامخيال سۈرىدىغان، چۈش كۆرگەندەك تۇيغۇدا بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن، يېگەن ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېگۈسى كەپ تۇرىدىغان، يېمىسە جىلە بولۇپ، مىجەزى ئىتتىكلەپ، نېرۋىسى چېچىلىپ، تىت-تىت بولۇپ تۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ھازىر ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى قىز ساۋاقداشلىرىمۇ بۇ مەجۈننى يەيدىغان بولۇپ، ھەتتا مەجۈن يېيىش بىرخىل مودا ئىشقا ئايلىنىپ قالغان. بولۇپمۇ كەچلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بارغاندا ئېلىۋالمىسا، ئىستېمال قىلىۋالمىسا بولمايدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇلار يەنە بۇ مەجۈننى كوچىلاردىكى بەزى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دورا دۇكانلىرى ۋە دوقمۇشلاردا تومۇر تۇتۇپ دورا ساتىدىغان < تېۋىپ> لاردىن سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلار ئاخىرىدا، مەجۈننىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى، قانداق پايدىلىق ۋە زىيانلىق تەسىرى بارلىقىنى بىزدىن سورىغان ئىدى.

مەجۈن ئەسلى دورا ياسالما تۈرى بۇلۇپ غەرىپ تىبابىتىدىكى تابلىت، كاپسۇل، ئۇكۇل ………. دىگەندەك. بىز بىلدىغان مەجۈن تۈرىدىكى دورلارمۇ 150 دىن ئاشىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ ئارىسىدا مەست قىلىش تەسىرىنى بېرىدىغانلىرى بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا. ھازىر بىر قىسىم ياشلار ئارىسىدا مودا بولىۋاتقان مەجۈننىڭ ئاساسلىق تەركىۋى نەشە . پايدىلىق تەرىپى يوق دېيەرلىك، زىيانلىق تەرىپى كۆپ بولۇپ ئاساسلىقى خۇمار قىلىدۇ، كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ئەقىلنى كېمەيتىدۇ، روھىي قۇۋۋەتنى خورىتىپ قورقۇنچاق، زەئىپ قىلىدۇ.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېۋىپ قېرىنداشلىرىمىزدىن ئەھۋال ئېگىلىشىمىزچە، يۈرەك كسەللىكىنى داۋالاش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، باھنى قۇۋۋەتلەش، كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە بىرقانچە خىل مەجۈن نۇسخىلىرى ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن ئىكەن. ئەمما، يېقىندىن بۇيان كېتەرلىك دورا ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىل، باھاسىنىڭ قىممەت بولۇشى سەۋەبلىك بەزى قىزىلكۆز مەلئۇن << تېۋىپ>> لار بۇ دورىلارنىڭ تەركىبىگە كۆپ مىقداردا نەشە، ئەپيۇن قاتارلىقلارنى قوشۇپ ياسىغان، ھەتتا بەزىلىرى بۇلارنى تاپالمىسا تىرامدول (چۈمادو) دېيىلىدىغان ناركوز قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دورىلارنى قوشۇپ ياساپ ساتقان.
ھازىر جەمئىيەتتە ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى نەشە، مەجۈن، چۇمادۇ دېگەندەك خۇمار قىلىش خاراكتىرىگە ئىگە دورا ۋە چىكىملىكلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى يۈزلىنىشىنىڭ ئېغىرلىقىدۇر. بۇنىڭغا جەمئىيەت، مەكتەپ رەھبەرلىرى، ئاتا-ئانىلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشلىرى زۆرۈر.
بىزچە، پەزىلەتلىك تېۋىپلار بۇنداق جەمئىيەتكە زىيانلىق، پاك قەلىبنى ئۆلتۈردىغان، ياشلارنى نابۇت قىلىدىغان بۇنداق زىيانداشنى ياساپ ساتمايدۇ. ئادەمنى بولۇپمۇ ياش بوغۇنلارنى زەئىپلەشتۈردىغانلىقىنى بلىپ تۇرۇپ ئۇنى ياساپ ساتقان تېۋىپ ھەم پەزىلەتسىز ھېسابلىنىپ لەنەتكە لايىقتۇر.

 

مەجۈن خالىغانچە ئىستىمال قىلىندىغان شاتلىق كۇمىلىچى ئەمەس

مەجۈن ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ناتونۇش بولمىسا كېرەك، ئۇنداقتا كىشلەر ئۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟ ئۇنىڭ ياسىلىپ چىقىشى قانداق ، مەجۈن سېتىۋېلىش قانۇنلۇق ھەم بىخەتەرمۇ ؟ ئۇنى باشقۇرۇش تۇزۈمىچۇ؟
مۇخبىر بۇ ھەقتە زىيارەتتە بولدى .مۇخبىر 20گە يېقىن كىشىنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا مەجۈننى كۆپ ئادەمنىڭ بىلىدىغانلىقىنى، ئەمما يەپ باقمىغانلىقىنى بايقىدى . ئسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرسى مەجۈن يېگەندىكى سېزىم توغرۇلۇق مۇنداق دېدى
-مەجۈن يېگەندىن كېيىن ئادەمنىڭ بېشى قايىدۇ، كۈلگۈنچەك بولۇپ قالىدۇ ،ئۇنى يېگەندىن كېيىن قورساق ئاچىدۇ ، لېكىن كۆپ يەۋەتسە كۆڭلى ئېلىشىپ ،ياندۇرۇش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلىدۇ.
مۇخبىر يۇقىرىقى كىشىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن مەلۇم دۇكانغا كىرىپ مەجۈن بار يوقلىقىنى سورىدى .دۇكاندار چوڭ بىر تۆمۈرقۇتىدىن مەجۈننى چىقىرىپ :
-قانچىسى لازىم؟ بىر كۇمىلىچى ئون يۈەن،-دېدى..
مۇخبىر ئەتراپتىكى ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىلىرى ۋە دورا دۇكانلىرىغا كىرىپ ،ھەممىسىدە دېگۈدەك مەجۈن سېتىلىدىغانلىقىنى، ھەربىر كۇمىلىچىنىڭ باھاسىنىڭ ئون يۈەندىن 20يۈەنگىچە بولىدىغانلىقىنى بىلدى .

بازارلاردىكى مەجۈننىڭ سۈپىتى كاپالەتسىز

مەجۈننىڭ قانداق رولى بار؟ ئۇ نورمال كىشىلەرنىڭ يىيىشىگە ماس كېلەمدۇ ؟ مۇخبىر بۇھەقتە ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانسى ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىدىن مۇدىرۋىراچ ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا نى زىيارەت قىلدى .ئۇمۇنداق دېدى :
-كىشلەر دەۋاتقان مەجۈن شۇ تۈردىكى دورىلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇ ياسىلىشى ، رولى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن يەنە بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ ، مەجۈن تۈرىدىكى دورىلارنىڭ بىر قىسىم نېرۋا كېسەللىكى ، سەۋدالىق، ئسپىرما تۇتالماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ياخشى . بىمارلار مۇۋاپىق مىقتاردا ئستىمال قىلغاندا ، كۆڭلى خۇش بولۇپ ، نېرۋىسى تېنىچلىنىدۇ . ئەمما دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىستىمال قىلىش كېرەك .مەجۈنگە نەشە يېغى ،مورفىن قاتارلىق بىر قانچە تۈرلۈك قممەت باھالىق ،دۆلەت قاتتىق باشقۇرىدىغان ماتېرىياللار ئىشلىتىلىدۇ .ئۇلارنىڭ ئىشلىنىشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ ئىنچىكىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ .
كوچىلاردا سېتىلىۋاتقان مەجۈنلەر بىرىنچىدىن ،يۇقىرىقى قىممەتلىك خام ماتېرىيالغا ئېرىشەلمىگەنلىكتىن ،باشقا خىمىيەلىك ماددىلار قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ ؛ ئىككىنچىدىن ،ياسىلىشى ئاددىي ،زھەر قايتۇرغۇچى ماددىلار قوشۇلمىغاچقا بەدەنگە زىيانلىق . دوختۇرخانىدا بىمارغا مەجۈن تۈرىدىكى دورىلارنى يېزىش ھوقۇقى بار، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ، دوختۇرخانا رەھبەرلىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغان ئاساستا ئاز مىقتاردا ياساپ بېرىلىدۇ .كوچىلاردىكى مەجۈننى نورمال كىشى ئېستىمال قىلسا ،مەجۈننىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىلار تولۇق يوقىتىلمىغاچقا جىگەر گە زىيانلىق ، نېرۋا سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ ،خۇمار قىلىدۇ ، ئۇزاق ئىستېمال قىلىنغاندا ئاغرىق توختىتش دورىلىرى ناركوز دورىلىرى تەسىر قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

مەجۈننىڭ بازاردا سىتىلىشى قانۇنغا خىلاپ


ئاپتونوم رايونلۇق يىمەكلىك - دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى دورابىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باشقارمىسىدىن ساۋۇت مەممەت مۇنداق دېدى :
ھەرقانداق دورىنى ياساش ئۈچۈن ئاۋال تەستىق ئېىلىش كېرەك .مەجۈن دوختۇرخانا ياساپ ئىشلىتىدىغان ئىچكى ياسالما دورا قاتارىغا كىرىدۇ.
بەلگىلىمە بويىچە ، ئىچكى ياسالما دورىلارغا قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى بولۇپ ھەر قېتىم ياسىغاندا ، ئىدارىمىزنىڭ دورىلارنى رويخەتكە ئېلىش باشقارمىسىدا رويخەتكە ئالدۇرىدۇ. باشقا دوختۇرخانا ياكى شەخىسىلەرنىڭ شۇ دورىنى خالىغانچە ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ ، گوۋۇيۇەننىڭ 2005-يىلى تارقاتقان ناركوز ۋە روھىي كېسەللىك دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامىغا ئاساسلانغاندا، ناركوز ۋە روھىي كېسەللىك دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلىش، سىتىىش، ساقلاش ،يۆتكەش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدىغان بولۇپ ، دورا خام ئەشياسىنى خالىغانچە ئۆستۈرۈشمۇ مەنئىي قىلىنىدۇ ، شۇڭا مەجۈننىڭ كوچىلاردا سېتىلىشى قانۇنغا خىلاپ بەلگىلىمىگە پۈتۈنلەي خىلاپ .:
مەجۈن يىيىش ئجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ

شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ئاممۋىي ئىشلار ئىنىستېتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، جەمئىيەتشۇناس مۇرات ئېزىز مۇنداق دېدى: مەجۈن يىگەن ئادەم كەيىپ بولۇپ ، ئش –ھەرىكەت ۋە گەپ سۆزلىرىنى كونتىرول قىلالمايدۇ، قىسمەنلەر مەجۈنگە ئوخشاش ئادەمنى خامۇش قىلىدىغان دورىلارنى يەپ ياشلىقىنى نابۇت قىلماقتا.
بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چوڭلىرىمىزدا مەسئۇلىيەتچانلىق، ياشلىرىمىزدا مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك .روھىي بېسىمنى كىتاب ئوقۇش ، دوستلىرىمىز بىلەن مۇڭدىشىش قاتارلىق توغرا ئۇسۇلدا يىنىكلىتىپ، ئادەمنى دېۋەڭلەشتۈردىغان ، بىمەنىلەشتۈردىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشىمىزلازىم . بىزگە كېرىكى بىلىمخۇمارلىق ، مەجۈنخۇمارلىق ئەمەس.