ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  سىياسەت
سىياسەت
جۇڭگونىڭ ئەيدىزنى چەكلەش ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى «13-بەش يىللىق» ھەرىكەت پىلانى سىياسىتى ھەققىدە چۈشەنچە
ۋاقتى : 2017-05-18 17:50:07  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

2017-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «جۇڭگو ئەيدىزنى چەكلەش ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى <13-بەش يىللىق> ھەرىكەت پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ <ھەرىكەت پىلانى> دەپ ئېلىنىدۇ)نى ئېلان قىلدى، بۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق يېتەكچى، «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ تۇتقىلىق ماتېرىيالى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئەيدىز قاتارلىق يۇقۇملۇق ئېغىر كېسەللەرگە قارىتا تەدبىر قوللىنىپ، نۆۋەتتىكى كونترول نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، يۇقۇم ئەھۋالى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چۈشۈرۈش كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بەردى. زۇڭلى لى كېچياڭ ئەيدىزنى چەكلەش ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى «13-بەش يىللىق» ھەرىكەت پىلانىدىكى تەلەپلەرنى چىڭ تۇتۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى. گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، دۆلەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئالاقىدار تارماقلار «ھەرىكەت پىلانى»نىڭ تۈزۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.
«ھەرىكەت پىلانى» گوۋۇيۈەن بېسىپ تارقاتقان 4-قېتىملىق چەكلەش ۋە ئەيدىزنى چەكلەش ۋەئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى بەش يىللىق پىلان. «ھەرىكەت پىلانى» تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «<ساغلام جۇڭگو 2030> پىلانىنىڭ ئاساسىي قىسمى»نى بىۋاسىتە ئىپادىلەپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەردىن مۇداپىئەلىنىش چارىسى» ۋە «ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە جەمئىيەت ئىناقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر، مەملىكىتىمىزنىڭ دۇنيا سەھىيە ساھەسىدىكى تۈزەشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ب د ت «2030 سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»غا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.
1. «ھەرىكەت پىلانى» نىڭ يېزىلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە جەريانى
«12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، جايلار، تارماقلار «جۇڭگونىڭ ئەيدىزنى چەكلەش ۋە ئالدىنى ئېلىشىدىكى <12-بەش يىللىق> ھەرىكەت پىلانى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. زەھەر چېكىپ شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇقۇش، قاندىن يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشتا ئەيدىز كېسىلى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىپ، نۇقتىلىق رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى كونتىرول قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرغان، «12-بەش يىللىق» ھەرىكەت پىلان نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئېشىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە باھالىشىغا ئېرىشكەن.
نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش ۋەزىيىتى داۋاملىق كەسكىن بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىدە كونا، يېڭى مەسىلىلەر ۋە قىيىن نۇقتىلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. مەلۇم ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار تەكشۈرۈپ بايقالماي، جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇش ئاساسىي يۇقۇش يولى بولۇپ قالدى. ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ قىلمىشىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئۇدا ئېشىپ، ياش ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى يۇقۇملانغانلار سانى نىسبەتەن تېز ئاشتى. پاھىشىۋازلىق قاتارلىق جىنايى قىلمىشلار، بىرىكمە زەھەرنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ئەخلاقسىز جىنسىي ئالاقە ۋە بىخەتەر بولمىغان جىنسىي ئالاقە قاتارلىق ئامىللار ئەيدىزنىڭ جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇش خەۋپىنى ئېغىرلىتىپ، ھازىر بار بولغان ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارلىرى ۋە ۋاستىسى خىزمەتنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمايتى.
2015-يىلى، دۆلەتلىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى «ھەرىكەت پىلانى» يېزىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گورۇپپىسىنى قۇرۇپ، «12-بەش يىللىق پىلان»نى كەڭ دائىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، خەلقئارا مۇداپىئە نىشانى ۋە ئىستراتېگىيە تەدبىرلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەدبىق قىلىش ئارقىلىق، ئالاقىدار مۇتەخەسسىس، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار، گوۋۇيۈەن ئېغىر كېسەللەردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى تارماقلىرى، ئەزا ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى ئۆلكە (رايون، شەھەر)لىك سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ پىكرىگە قارىتا قايتا-قايتا تۈزىتىش كىرگۈزگەن. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، «ھەرىكەت پىلانى» گوۋۇيۈەن ئېغىركېسەللەردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى بويىچە تارماقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىنىڭ قارارىدىن ئۆتكەن.

2. «ھەرىكەت پىلانى»نىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى
«ھەرىكەت پىلانى»دا كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشتىكى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئىلمىيلىك، يېتەكچىلىك، مەشغۇلاتچانلىقىگەۋدىلەندۈرۈلگەن، بۇ تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە:
(1) گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى يېتەكچى قىلىش. نۆۋەتتە، جىنسىي ئالاقە ئاساسلىق يۇقۇش يولى بولۇپ، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان ئادەم توپى كۆپەيگەن، ياخشى بولمىغان مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ئامىلنىڭ تەسىرىدە، ئاسان ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىدىغان خەتەرلىك قىلمىشلار كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئەر ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى تارقىلىش كۆپىيىپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان، مۇداپىئەلىنىش مۇرەككەپلىشىپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىيىن مەسىلىسى، «12-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولۇپ قالغان. «ھەرىكەت پىلانى» ئۇنىۋېرىساللىق جەھەتتە پۈتۈن جەمئىيەت ئامىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇداپىئەلىنىشنى ئاساس قىلىپ، ئۇنىۋېرىسال تۈزەش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۈرلەر بويىچە كۆرسەتمە بېرىشتە چىڭ تۇرغان.
(2) يىراق كەلگۈسى بىلەن ھازىرنى بىرلەشتۈرۈش. «<ساغلام جۇڭگو 2030» يىرىك پىلان لايىھەسى> ۋە ب د ت «2030» سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نىشان تەلەپلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا، سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، داۋالاش دورىلىرى سەھىيە تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق لايىھە بىلەن زىچ ئالاقىلىشىپ، بايلىقنى تەرتىپلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «12-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە تەجرىبىسىنى خۇلاسىلاپ، مۇداپىئەلىنىش خىزمەت نەتىجىسىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇستەھكەملەپ، نۆۋەتتىكى كۆرۈنەرلىك مەسىلىگە قارىتا مەملىكىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات ئەمەلىيتىنى باغلاپ، ھۆكۈمەت تەشكىلات رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشنى ھەرقايسى تارماقلارنىڭ سىياسىتىگە باغلاش، ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىشنى تارماقلار سىياسىتىگە يۇغۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قاتنىشىشقا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىشتەك جەمئىيەت مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك.
(3) ئىلمىيلىك ۋە قوللىنىشچانلىققا ئەھمىيەت بېرىش. مەملىكەت ئىچى، سىرتىدىكى ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرى ۋە ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ، ب د ت ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت نىشانى ۋە ئىستىراتېگىيەسىدىنپايدىلىنىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ مۇداپىئە ئەمەلىيتى، نىشانى، كۆرسەتمىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆلچەپ ھېسابلاپ، «ھەرىكەت پىلانى»نىڭ باش نىشانى ۋە خىزمەت كۆرسەتمىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، كۆپ تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، نىسبەتەن كۈچلۈك قوللىنىشچانلىققا ئىگە قىلىدىكەن.

3. «ھەرىكەت پىلانى» نىڭ يادرولۇق مەزمۇنى
«ھەرىكەت پىلانى»«13-بەش يىللىق پىلان» مۇداپىئە ئومۇمىي گەۋدە نىشانىنى بېكىتتى: ئەڭ چوڭ چەكتە يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارنى بايقاپ، جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇشنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، زەھەر چېكىشتە شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىشتىن يۇقۇش، قان سېلىش ئارقىلىق يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، كېسەل بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تۆۋەنلەتتى، يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارنىڭ ھاياتلىق سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى كەمسىتىشنى ئازايتىپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى داۋاملىق تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلىدىكەن. تەشۋىقات تەربىيە، ئۇنىۋېرىسال مۇداخىلە، تەكشۈرۈپ داۋالاش قاتارلىق 11 خىل كونكرېت خىزمەت كۆرسەتمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئىچىدە دىياگنوز قويۇپ بايقالغان ۋە ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىق ئەھۋالىنى بىلگەنلەر نىسبىتى، داۋالاش شارائىتىغا ماس كەلگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلار باكتېرىيەگە قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، داۋالىنىش نىسبىتى قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىكى كۆرسەتمە ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ 2020-يىلىدىكى ئۈچ %90 لىك نىشانى بىلەن بىردەك.
«ھەرىكەت پىلانى»دا «تۆت جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈش»، «تۆتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نىڭ مۇداپىئە سىياسەت-تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1) تەشۋىقات تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. كۆپ تارماقنىڭ خىزمەت ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئامما، نۇقتىلىق كىشىلەر ۋە ئەيدىزدىن ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، قاراتمىلىقى ۋە يېتەكچىلىكى بار تەشۋىقات ماتېرىيالىنى بېكىتىپ، تەشۋىقات تەربىيەنىڭ ئۈنۈملۈكلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. نۇقتىلىق ھالدا ياش ئوقۇغۇچىلار، ياشانغانلار، كۆچمەنلەر ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى خادىملىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئادەم توپى ھەمدە ئاسان ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىدىغان خەتەرلىك كىشىلەرنىڭ قىلمىشىنىڭ ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
2) ئۇنىۋېرسال مۇداخىلەنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. پاھىشۋازلىق، توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش، قەستەن ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىتىش قاتارلىق قانۇنسىز جىنايى پائالىيەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش، مۇزسىمان زەھەر قاتارلىق بىرىكمە زەھەرلەرگە بولغان باشقۇرۇپ كونتىرول قىلىشنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، تور سۇپىسى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ياخشى بولمىغان ئۇچۇرلارنى تازىلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىش. يات جىنىسلىقلار ئارا يۇقۇشنى جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنسىي يۆنىلىشى، جىنسىي ئىدىيەسى ۋە جىنسىي ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىدىكى نىسبەتەن تېز ئۆرلەشكە نىسبەتەن چوڭ، ئوتتۇرا تىپلىق شەھەر ئۇنىۋېرسال مۇداخىلە خىزمىتىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزگە ماس كېلىدىغان مېدىتسىنا، پىسخىكا، جەمئىيەت،مەدەنىيەت قاتارلىق ئامىللار بىرلەشكەن ئۇنىۋېرىسالمۇداخىلە ئىستراتېگىيەسىنى ئىزدەپ تېپىش. زەھەر تاشلاش دورىلىرىنىڭ قامداپ داۋالاش خىزمىتى ۋە باشقا زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئۇلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق شىپرىس ئىشلىتىشتىن يۇقۇش نىسبىتىنى داۋاملىق ئازايتىش.
3) تەكشۈرۈپ مەسلىھەت سوراشنىڭ ئۆتۈشۈشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. لابوراتورېيە تورىنىڭ مۇكەممەللىكىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ياخشىلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق، تېز بولغان ئەيدىز كېسىلىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە مەسلىھەت سوراش، ئاكتىپلىق بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپى بولغانلارنى مەسلىھەت سوراش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش. مۇلازىمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، توردا، تېلېفوندا ۋە ئاكتىپ مۇلازىمەت قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق مەيلى بار كىشىلەرنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش. ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە تەكشۈرۈپ، داۋالاشتىن كېيىنكى يوقلاش مۇلازىمىتى قاتارلىق مېخانىزىمنى بەرپا قىلىش.
4) داۋالاشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنىڭ تەرتىپلىكلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. ھەقىقىي تۈردە تۇنجى قېتىملىق داۋالاشتىن كېيىنكى يوقلاش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارنىڭ پىسخىكا قوللىشىنى، قىلمىش مۇداخىلىسى ۋە تەكشۈرۈش، تېببىي مەسلىھەت بېرىشنى  قانۇنلۇق ھوقۇقنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت ۋە ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەرنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى جىنسىي ئالاقىدە بولغانلارغا يەتكۈزۈپ، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلغان. يۆتكىلىشچان يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارنى داۋالاشتىن كېيىن يوقلاش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كەلگەن جايى، كەتكەن جاي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىپ داۋالاش مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.
5) قان تەكشۈرۈش، يادرو كىسلاتاسىدا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش. قان پونكىتى مۇلازىمەت تۈزۈلمىسىنى ياخشىلاپ، قان پونكىتى يادرو كىسلاتاسىدا تەكشۈرۈش لابوراتورېيەسىنى مۇۋاپىق لايىھەلەپ، كېلىنكىلىق داۋالاشتىكى بارلىق قاننى ئەيدىز ۋىرۇسى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، گامما تىپلىق جىگەر ياللۇغى جەھەتتە تەكشۈرۈش. يادرو كىسلاتاسىدا تەكشۈرۈش لابوراتورېيەسىنىڭ سۈپىتىنى كونتىرول قىلىپ، ئۇچۇرلاشقان قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، قاندىكى قالدۇق خەتەرنى چىقىرىپ تاشلاش.
6) ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئاتا-بالا ساقلىقنى ساقلاش ساغلاملىق مۇلازىمەت تورى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى قاتمال، يىراق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئەيدىز، سىفلىس، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلاردىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. تويدىن بۇرۇنقى ساغلاملىق، ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇنقى ساغلاملىق قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان داۋالاش ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ساغلاملىق تەربىيەسى، يۇقۇملانغان ھامىلدارلار ۋە تۇغۇلغان بالىلارنى داۋالاپ، جىنسىي ئالاقىدە ئىشلىتىلىدىغان دورىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مۇداخىلە مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ.
7) قۇتقۇزۇپ داۋالاش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش. بارلىق داۋالاش ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان، ئۆزلىكىدىن داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىدىغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنى داۋالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش. ئالاقىدار داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى مۇكەممەل بولغان يۆتكەپ داۋالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا داۋالاش باشقۇرۇشىنى تەرتىپكە سېلىش، داۋاالاش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. جۇڭيىچە دورىلار بىلەن داۋالاش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، جۇڭيىچە ۋە غەرپچە ئۇنىۋېرىسال داۋالاش سىناق نۇقتىسىنى كېڭەيتىش. قانۇن بويىچە يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلارنىڭ داۋالىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش قاتارلىق قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ كاپالەت خاراكتېرلىك سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،يېتىم بالىلار ۋە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بالىلارغا ۋاقتىدا، يېتەرلىك تولۇقلىما تارقىتىپ، يۆلەش شەرتىگە ماس كېلىدىغان، ئەمگەك ئىقتىدارى بار بولغان يۇقۇملانغۇچى ۋە ياشانغانلار ئارىسىدا چامىسى يېتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى قوللاپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىدىن بەھرىمەن بولۇش كېرەك.
8) ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تەربىيەلەپ يېتەكلەش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى مۇداپىئە خىزمەت پىلانىغا كىرگۈزۈپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ئەيدىزدىن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان ئادەم توپىنىڭ مۇداخىلىسى، يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارلارنىڭ داۋالاشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ۋە كۆيۈنۈپش ياردىمى قاتارلىق ساھەلەردە خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش. ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتناشقان ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش فوندىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەرتنى تولۇق ھازىرلىغان، ئىشەنچىلىك جەمئىيەت تەشكىلاتى تەربىيە بازىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەربىيەلەش ۋە قوللاشنى كۈچەيتىپ، شەرتكە ماس كېلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا تىزىملىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش.

4. «ھەرىكەت پىلانى»نىڭ ئەمەلىيلىشىشى
«ھەرىكەت پىلانى» نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، رەھبەرلىك گورۇپپىسىنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە مەسئۇلىيتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سالماقنى زورايتىپ، خىراجەت ۋە دورا بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە سەۋىيەسى قاتارلىق تۆت تەرەپنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى تەۋەلىكتە ئەيدىز مۇداپىئە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئە خىزمىتىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم مۇلاھىزىسى ۋە تەكشۈرۈش مەزمۇنى قىلىپ، يەرلىككە ماس كېلىدىغان يۇقۇم ئەھۋالى ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەت ئەمەلىيتىدىكى مۇداپىئە لايىھەسىنى بېكىتىپ، ئەيدىزنىڭ مۇداپىئەلىنىش خىراجەت سېلىنمىسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۆلۈملەرنىڭ مەسئۇلىيتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، تارماقلار تۈزۈمىنى قۇرۇپ، باشقۇرۇش مەسئۇلىيتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇداپىئە خىزمىتىنى تەپتىش قىلىپ باھالاش كېرەك.
(مەنبەسى: دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تور بېكىتى)