ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  سىياسەت
سىياسەت
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگونىڭ ئەيدىزنى چەكلەش ۋە ئالدىنى ئېلىشىدىكى <13-بەش يىللىق> ھەرىكەت پىلانى» نى بېسىپ تارقاتتى
ۋاقتى : 2017-05-15 17:33:18  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جۇڭگونىڭ ئەيدىزنى چەكلەش ۋە ئالدىنى ئېلىشىدىكى <13-بەش يىللىق > ھەرىكەت پىلانىنى بېسىپ تارقىتىپ، «13-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇمي نىشان، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئېنىق بېكىتتى.
      «ھەرىكەت پىلانى» دا، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەر تەشكىللىشى، تارماقلارنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇشى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى؛ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنلۇق، تېخنىكىلىق ئالدىنى ئېلىشى؛ ئۇنىۋېرىسال تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلەر بويىچە قوماندانلىق قىلىپ باشقۇرۇشى تەكىتلەندى.
خىزمەت نىشانى جەھەتتە، «ھەرىكەت پىلانى» دا، ئەڭ چوڭ چەكتە يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارنى بايقاپ، جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇشنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، ئورتاق شىپىرس ئىشلىتىش، قان سالغۇزۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتىنى داۋاملىق ئازايتىپ، يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەل بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتىنى ئازايتىش، يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارنىڭ ھايات قېلىش سۈپىتىنى تەدرېجىي يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى كەمسىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئازايتىش، شۇ ئارقىلىق مەملىكىتىمىزدە ئەيدىزنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
«ھەرىكەت پىلانى» دا ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسىي قىلمىشىدىن يۇقۇش نىسبىتىنى ئادەم توپىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتىكى خەتەرلىك قىلمىشى نىسبىتىدىن %10 ئازايتىش، باشقا جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇش خەۋپى نىسبىتىنى ئادەم توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىدىن %0.5 دىن تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
 زەھەر تاشلاشقا قاتنىشىپ ئىزچىل دورا ئىستېمال قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يىلدا يېڭىدىن بايقىلىش نىسبىتىنى %0.3 دىن ئازايتىش؛ ئەر-ئايال بىر تەرەپ ئەيدىز كېسىلىدىن يۇقۇملانغان ئائىلىلەر ئىچىدىكى ھەمرايىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %1 دىن چۈشۈرۈش؛ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئانىنىڭ بالىغا يۇقۇش نىسبىتىنى %4 دىن چۈشۈرۈش؛ دىياگنوز قويۇشتىن كېيىن بايقالغان ھەمدە ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىق ئەھۋالىنى بىلەن كىشىلەر ۋە بىمارلارنىڭ نىسبىتىنى %90 دىن ئاشۇرۇش. داۋالاش شارائىتىغا ماس كەلگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان بىمارلار نىسبىتىنى %90 دىن ئاشۇرۇش، جۇڭيىچە داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ نىسبىتىنى 2015-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشۇرۇش كېرەك.
«ھەرىكەت پىلانى» دا ئالتە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇلار تەشۋىقات تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى، ئاممىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىش ئېڭى؛ ئۇنىۋېرىسال تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئۈنۈملۈكلىكىنى ئاشۇرۇپ، جىنسىي ئالاقىدىن يۇقۇش ۋە شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىشتىن يۇقۇشنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىش؛ تەكشۈرۈشتە مەسلىھەت سوراش ۋە داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يوقلاش مۇلازىمىتىنى تەرتىپلەشتۈرۈش، ئەڭ چوڭ چەكتە يۇقۇملانغۇچىلارنى بايقاش ۋە يۇقۇش نىسبىتىنى ئازايتىش؛ يادرو كىسلاتاسىدا تەكشۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قان سېلىش ئارقىلىق يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى ئىزچىل ئازايتىش؛ قۇتقۇزۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ھەمدە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ تەربىيەلەش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىش كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.
  «ھەرىكەت پىلانى»دا كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى جەھەتتە، رەھبەر تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش؛ قوشۇن كۈچىنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، مۇداپىئە خىراجىتى ۋە دورا-بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئىلمىي تەتقىقات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
(مەنبەسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى / شىنخۇا تورى)
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى