ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  سىياسەت
سىياسەت
ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا دۆلىتىمىزنىڭ قانداق سىياسەتلىرى بار؟
ۋاقتى : 2017-05-04 12:31:06  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىمارلارغا قارىتا تۆۋەندىكى سىياسەتلەرنى تۈزدى:
1 .ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرتىدىغانلارنى ھەقسىز مەسلىھەت ھەمدە دەسلەپكى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
2 .ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.
3 .ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ھامىلىدارلارنى ھەقسىز داۋالاش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
4.ئەيدىز كېسلى بار يېتىم بالىلارنىڭ ئۇقۇش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ.
5 . تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنى زۆرۈر بولغان تۇرمۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم غەمخورلۇق قىلىدۇ.
قانداق قىلغاندا قان بېرىشتىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟
ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، ھۆكۈمەت تەستىقلىغان قان ئېلىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ قان تەغدىم قىلىش.