ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  سىياسەت
سىياسەت
ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز داۋالاش ئۆلچىمى تەڭشەلدى
ۋاقتى : 2016-06-17 10:53:52  مەنبەسى : خەلق تورى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز داۋالاش ئۆلچىمى تەڭشەلدى

 

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋىرۇسقا قارشى ھەقسىز داۋالاش ئۆلچىمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، داۋالاش ئوبيېكتى ئۆلچىمىنى كېڭەيتكەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار بارلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار، ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش تەكلىپى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشتا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، مەجبۇرلانمايدۇ.
جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەللىكلەر، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋۇ زۈنيو مۇنداق دېدى: ئەڭ بالدۇر ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتا كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ناھايىتى تۆۋەنلەپ، ئىممۇنىتېت سەۋىيەسىنىڭ 200 گە چۈشۈپ قېلىشى ئۆلچەم قىلىنغان ئىدى، كېيىن ناھايىتى كۆپ بىمارلار كېسەل قوزغىلىپ، داۋالانسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولمىغاندىن كېيىن بۇ ئۆلچەم 350 گە تەڭشەلگەن ئىدى، 2014-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى داۋالاش ئۆلچىمىنى 500 گە تەڭشىدى، ئۆتكەن يىلى ئىلمىي تەتقىقاتتا يەنە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى، 500 لىك ئۆلچەم بىلەن بالدۇر داۋالاش كېچىكىپ داۋالاشتىن كۆپ ئۈنۈم بەردى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك داۋالاش، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن كېچىكىپ داۋالاشتىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بەردى.
ۋۇ زۈنيۇ مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى ئۆلچەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن خوش خەۋەر، جەمئىيەتتىكىلەر ۋە دۆلەتمۇ بۇنىڭدىن نەپكە ئىگە بولىدۇ، چۈنكى بالدۇر داۋالانسىڭىز، يۇقۇملىنىش ئاز بولىدۇ، تارقىلىشى ئاز بولىدۇ، كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ئۇزاقتىن قارىغاندا جەمئىيەت بايلىقىنى تېجەپ قالدى دېگەن گەپ، ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى 2030-يىلى پۈتۈنلەي توسۇپ قېلىشقا ۋەدە بەردى، جۇڭگو ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇنداق ئومۇميۈزلۈك داۋالاش قارارى چىقىرىش ئىجابىي، تەسىرى ياخشى ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.