ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ۋۇخەن كوچىلىرىدا شۆلگەي ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى
ۋاقتى : 2017-09-13 12:56:25  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

9-سېنتەبىر ئالاھىدە بىر كۈن بولۇپ، ئاز بولمىغان ياشلار بۇ كۈنى ئۆزئارا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتى ياكى توي خېتى ئېلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا «كونا شوپۇر» تېمىسىدا ئىككى جىنىسنىڭ ساغلاملىق مەسىلىسى جامائەت پاراۋانلىق پائالىيتى ئۆتكۈزۈلۈپ، چوڭ تاختىغا «كونا شوپۇر، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، ئۆزىڭىزنى تەكشۈرتۈپ بولۇپ يولغا چىقىڭ» دېگەن پىلاكات ئېسىلدى. بۈگۈنكى پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان «كونا شوپۇر» لار ئىككى جىنىس ساغلاملىق تۈرىدىكى بىلىملەرنىلا ئەمەس، نەق مەيدانغا تەكلىپ قىلىنىپ شۆلگەي ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈردى، ئۇلار كىچىك چىش چوتكىسى بىلەن ئاز بىر قىسم شۆلگىيىنى ئېلىپلا تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇردى.
ئەسلىدە بۇ ۋۇخەن شەھەرلىك تېرە مۇداپىئە تەتقىقات ئورنى ئويۇشتۇرغان بىر مەيدان ئىككى جىنىسنىڭ ساغلاملىقىغا ئائىت جامائەت پاراۋانلىق پائالىيتى بولۇپ، «كونا شوپۇر» قاتارلىق قىزىق تېمىلىق ماركا ۋاستە قىلىنىپ ياشلارنى پائالىيەتكە قىزىقتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان، بۇ قىزىقارلىق ئويۇن ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئىككى جىنىس ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياش قىز-ئوغۇللار تەكلىپ قىلىنىپ، شۆلگىيى ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشكە جەلپ قىلىنىپ، ساغلام بولغان تۇرمۇش ئادىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تەشەببۇس قىلىنغان. نەق مەيداندا مۇتەخەسىسىلەر كۆپچىلىكنى نەق مەيداندا شۆلگەي ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىنغان.
پائالىيەتكە قاتناشقان كۆپىنچە «كونا شوپۇر» لار ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەلگەن بولغان تونۇشى چوڭقۇر بولماستىن، پائالىيەتتىن كېيىن ئەيدىز ھەققىدىكى بىلىملىرى چوڭقۇرلاشقان.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى