ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ھاياتلىقنىڭ «قىزىل لېنتىسى»
ۋاقتى : 2017-09-07 15:19:08  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

يازلىق تەتىلدىكى كۈچلۈك قۇياش نۇرى دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن ماراپ، گو شياۋپىڭنىڭ يۈزىگە چۈشتى. ئۇ يىراقتىكى بالىلىق دەۋرىگە نەزەر سېلىپ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا كۈلۈپ كەتتى. 
ئۇ بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچى، ئىلگىرى سەنشى لىنفىن 3-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى ئىدى. يېقىندا، ئۇ دوختۇرخانا باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، بۇ مەكتەپكە مۇدىر بولدى. ئۇنداقتا ئۇنى بۇنچىۋالا قىزىقتۇرغان بۇ قانداق مەكتەپتۇ؟
مەكتەپنىڭ ئىسمى «قىزىل لېنتا مەكتىپى» بولۇپ، بۇ بىر ئالاھىدە مەكتەپ ئىدى، يەنى بۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىلار مەكتىپى ئىدى.
مەكتەپ 2004-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ بىر كېسەللىك رايونى ئىدى، ۋاھالەنكى مەكتەپتىكى بالىلارنىڭمۇ كېسەللىك رايونى بىلەن ئالاقىسى بار ئىدى.
گو شياۋپىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىكى ۋاقىتتا، قازا قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپ كۆرۈلەتتى. بىر قانچە بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى مۇشۇ دوختۇرخانىغا قازا قىلغان ئىدى. بۇ بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇۋم-قېرىنداشسىز بولۇپ، پەقەت كېسەللىك رايونىدىلا دوختۇر-سېستىرالار بىلەن ئالاقە قىلاتتى، ئۇلارنى باشقۇرىدىغانمۇ ئادەم يوق ئىدى. بالىلار چوڭ بولۇپ ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە، بۇنداق ئۆتىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر ئويلاپ يەتتى.
كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق گو شياۋپىڭ ئۇلارغا بىر مېھىرلىك سىنىپ ئېچىپ بەردى، بالىلارنىڭ دەسلەپكى ئوقۇتقۇچىسى ئۇلارنىڭ مەسئۇل دوختۇر سېستىرالىرى بولۇپ، سۆزلىگەن دەرسلىرى ناھايىتى ئاددىي مەزمۇنلار ئىدى.
كېيىن ئاخىرى بۇ كىچىك دەرىسخانا مەكتەپ بولۇپ قۇرۇلدى. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ چوڭ-كىچىك مەسىلىلەر گو شياۋپىڭنى ئارامىدا قويمىدى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بولسا ئۇ مەسىلە دېگەندەك چىقىۋەردى، كېيىن مەسىلىلەرمۇ ئازىيىپ، مەكتەپ بارا-بارا مۇنتىزىملاشتى. بالىلارمۇ دەرىس مەزمۇنلىرىغا قىزىقتى، كۈندىلىك دەرستىن باشقا ئۇلار يەنە پىئانىنو، رەسىم سىزىش قاتارلىق قوشۇمچە پەنلەرنىمۇ ئۈگىنەلەيدىكەن.
گو شياۋفىڭنىڭ تىرىشچانلىقى بىكارغا كەتمىدى، 2015-يىلى ئۇ دوختۇرخانىدىكى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ مەكتەپكىلا دىققەت-نەزىرىنى ئاغدۇرماقچى بولدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بەلكىم ئۆزى ئاچقان مەكتەپنىڭ تېزراق ئېتىلىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بىردىنبىر ئادەم بولۇشۇم مۇمكىن. مەن جەمئىيەتتىكى بۇ خىل دوختۇرخانىلارنىڭ بارا-بارا ئازىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى