ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
سانتىياگودا ئۆزىنى كۆۋرۈكتىن ئېتىپ ئۆلۈۋالغان بالا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئىكەن
ۋاقتى : 2017-08-30 14:58:45  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

   ئامېرىكا «مۇھاجىرلار گېزىتى» دە خەۋەر قىلىنىشىچە، سانتىياگودىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى جاۋ يىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ كۆۋرۈكتىن ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالغان. سان تىياگو جەسەت تەكشۈرۈش ئىشخانىسى 24-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان رەسمىي دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى جاۋ يىنىڭ توي قىلغان بولۇپ، 16 يېشىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان.
16-ئىيۇن سەھەر، 22 ياشلىق جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى جاۋ يىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ كىروندو كۆۋرۈكىنىڭ رېشاتكىسىنى بۇزۇۋەتكەندىن كېيىن قازا قىلغان. ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۇ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سانتىياگو تارماق مەكتىپىدە تولۇق كۇرس ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
بۇ ئالاھىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش دېلوسىغا نىسبەتەن كىشىلەر ھەيرانلىق ھېس قىلغان بولۇپ، بۇ ياشنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغانلىقى ھەممىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، جاۋ يىنىڭ قازا قىلىشتىن بۇرۇنقى بىر قانچە ئاي ئىچىدە كەيپىياتى قالايمىقان بولۇپ، پىسخىكا دوختۇرىنىڭ داۋالىشىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئىكەن. داۋالىنىش جەريانىدا ئۇ دوختۇرغا ئۆزىنىڭ ئۆلۈۋېلىش ئويىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى