ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
جىنەن شەھىرى يېڭى تاراتقۇ ئارقىلىق ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتتى
ۋاقتى : 2017-08-28 16:19:50  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

جىنەن شەھىرىنىڭ شىجۇڭ رايونى يېڭى تاراتقۇدىن پايدىلىنىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى كېڭەيتتى.
نۇرغۇن كىشىلەر ئەيدىزنىڭ نۆۋەتتىكى تارقىلىش ئەھۋالىنى تېخى چۈشەنمەيدىغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى جەمئىيەتنىڭ ئىشى، ئۆزى بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق، دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىش كېرەك بولغاچقا، شىجۇڭ رايونى تور تاراتقۇسىنىڭ جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىدىن پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ ساغلام جىنسىي ئاڭ يېتىلشۈرۈشىدە، تور، يانفون قاتارلىق يېڭى ۋاستىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنىڭ قاپلىنىشىنى كېڭەيتكەن.
يېقىندا «بىز كىم» دېگەن چاتما سۈرەت توردا تارقىلىپ، كىشىلەر بۇ چاتما سۈرەتنى ھەرخىل مەزمۇنلاردا كىرىشتۈرگەن، ھەربىر كىرىشتۈرمە رەسىم كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالغان. شىجۇڭ رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىمۇ كۆپچىلىككە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مەزمۇنىدىكى «بىز كىم» نى تارقىتىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا «جىنەن شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى» ۋە «لى خۈي ۋاقتى» ئۈندىدار سۇپىسىدا ئېلان قىلغان، مىليونلىغان كىشىلەر يېڭى تاراتقۇدىن پايدىلىنىپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى