ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ئەيدىز كېسەللىرى ئالدامچىلارنىڭ پۇل تاپىدىغان بازىرى ئەمەس
ۋاقتى : 2017-08-07 21:46:46  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

World-AIDS-Day-2014.jpg

 
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىلگىر-كېيىن بولۇپ،  ئەلدوست شىركىتىئوزۇقلۇق، دورا، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ۋە ھەر خىل ئىچىملىكلەر بىلەن ئەيدىزنى داۋالايمىز دەپ، ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق بىلەن ساختا ئېلان-تەشۋىقات تارقىتىپ يۈرۈشكەن ئىدى. ئەلدوست شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى يوق ھالەتتە ئىشلەپچىقرىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى توغرىسىدا يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن ئومۇمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى. ئىزچىل جاھىللىق بىلەن ئەيدىز كېسەللىكلىرىگە يېپىشىۋالغان ئەلدوست شىركىتى تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئەيدىز كېسەللىرىنى ئوڭدا قويۇش غەرىزىدە تۇرۇپ-تۇرۇپ ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى قىلىپ يۈرگەن بەزى شىركەتلەرمۇ ئۈندىداردا تارقاتقان ساختىپەزلىك يوشۇرۇنغان ئېلان-تەشۋىقاتلىرىنى دەرھال يىغىشتۇرىۋېلىپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ يۈرگەن مۇشۇ كۈنلەردە، «تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك»، ئۈندىداردا يەنە «زەنگو ئارىلاشما مېۋە شەربىتى ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىممونىتېتىت كۈچىنى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» دېگەن ئالدامچىلىقتىن باشلانغان ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈشتىن باشقا ھەممىگە داۋا بولىدىغاندەك بىلىنىدىغان كۆپتۈرمە روللىرى بار بىر  ئارىلاشما مېۋە شەربىتىنى بىر قاتار كېسەللىكلەر بىلەن باغلاپ تىزىۋالغان «خاسىيىتىنى» بازارغا سېلىپ ئۈندىداردا ئۆزىنى ماختىغان بولۇپ، بۇ مېۋە شەربىتىنىڭ ئاتالمىش ئىقتىدارىغا قارىغاندا، دوختۇرخانا بىلەن دورىخانىلارنى ئېچىشنىڭ ھاجىتى قالمىغاندەك تۇراتتى. ئەمدى دوختۇرخانىلار بىلەن دورىخانىلار تاقىلىپ قالارمۇ-ھە! ئەپسۇس، بۇنداق تەنە گەپكە زەنگو ئارىلاشما مېۋە شەربىتى «يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى» دەپ بېزىرىپ تۇرۇشى مۇمكىن.
نەدىمۇ بىر مېۋە شەربىتى ئادەم گىرىپتار بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەممە كېسەللىكلەرگە دېگۈدەك مەنپەئەت قىلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسۇن-ھە! قارىماققا، ئاتالمىش مېۋە شەربىتى بىلەن داۋالايدىغان بۇ كېسەللەرنى بىر قاتار تىزىپ چىققان كىشى ئۆزى ئاڭلىغان، بىلگەن، ياكى ئۆزى گىرىپتار بولغان كېسەللەرنىڭ ئىسمىنى خىيالىغا كەلگىنىچە يېزىۋالغاندەك قىلىدۇ. تۆۋەندە بۇ مېۋە شەربىتىنىڭ ئاتالمىش داۋالاش رولى توغرىسىدا ئۈندىدارغا يوللانغان مەزمۇن تولۇق كۆچۈرۈپ بېرىلدى.
   زەنگو ئارىلاشما مېۋە شەربىتىنى ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرۈلگەن ئەھۋاللار:
 1. ئەيدىز كېسىلى: ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتىرىدۇ.
 2. ھەر خىل ياللۇغلار:
3. ھەرخىل ئاغرىقلار: مەسىلەن بەل-پۇت ئاغرىقى، باش ئاغرىقى، بوغۇم ئاغرىقى.
4. ھەر خىل راك كېسەللىكلىرى.
5. ھەر خىل تېرە كېسەللىكلىرى، بۆرە چاقىسى ھۆل تەمرەتكە، كالا تەمرەتكىسى، قىچىشقاق، دانىخورەك. 
6. باشقا كېسەللىكلەر: دىيابېت، قان تومۇر كېسەللىكلىرى، رېماتىزىم، ئەر ئاياللار كېسەللىكلىرى، كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكلەر، كۆز كېسەللىكلىرى، تۇبېركۇليۇز، ئۇيقۇسىزلىق، ئىچى تىتىلداش، كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەش، ھارغىنلىق، زۇكام، ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرى.
7. ھەرخىل ئۆسمىلەر: مېڭە ئۆسمىسى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، پوقاق قاتارلىقلار.
 شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ۋاكالەتچى قوبۇل قىلىمەن.
     مانا مۇشۇنداق مېۋە شەربىتى دەپ ئاتالغان ئىسمىدىن نېمىلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئىچىملىك بىلەن ئۆزىچە ساقايماس ھەم خەتەرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالايمەن دەپ ئېلان چىقىرىۋالغان، ئۆزىنىلا ئەقىللىق باشقىلارنى دۆت چاغلايدىغان ئاتالمىش بۇ بىلەرمەن ۋاكالەتچى يېقىندا دۆلەتنىڭ توققۇز مىنىستىرلىقى (گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى، سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، سودا-سانائەت باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى، رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، يېمەكلىك-دورا باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت ئىنتېرنېت تور ئۇچۇر ئىشخانىسى) بىرلىشىپ چىقارغان «يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك بىلەن تەشۋىق قىلىشنى تۈزەش لاھىيىسى»نى ئوبدان بىلىۋاسا بولغۇدەك. بۇنىڭدا، تور ۋە تېلېفوندىن پايدىلىنىپ، يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى قانۇنسىز ئۇسۇلدا تەشۋىق قىلىش، سېتىش قىلمىشى تۈزىتىلىدۇ دەپ مەخسۇس كۆرسۈتۈپ بېرىلگەن بولۇپ، زەنگو ئارىلاشما مېۋە شەربىتىنىڭ ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ دېگەن ئالدامچىلىقى دۆلەتنىڭ توققۇز مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بىرلىكتە چىقىرىلغان «يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئالدامچىلىق ۋە ساختىپەزلىك بىلەن تەشۋىق قىلىشنى تۈزەش لاھىيىسى»نىڭ دەل ئۆزىگە چۈشىدۇ. چۈنكى، ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلىگەندىن كېيىن ئاندىن يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى ۋىرۇسقا قارشى دورىلاردىن باشقا نەرسىلەر چەكلىيەلمەيدۇ، تىزگىنلىيەلمەيدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ھازىرغىچە پۈتۈن دۇنيا بويىچە يوقۇتالمايۋاتقان خەتەرلىك ھەم يۇقۇملانغۇچىغا ھەر تەرەپلىمە ئازاب ئېلىپ كېلىدىغان يۇقۇملۇق ۋىرۇستۇر. مانا مۇشۇنداق دۇنياۋى خارەكتېرلىق ئاپەت ھېساپلىنىدىغان ئەيدىز كېسىلىگە پايدا-مەنپەئەت قىلىدىغان ئاتالمىش ئارىلاشما مېۋە شەربىتىنى سېتىشقا ھەمكارلىشىدىغان ۋاكالەتچى ئىزدەپ ئۈندىداردا بىچارىلەرچە يالغانچىلىق بىلەن ماختاپ يۈرمەي، بەلكى چوڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش سەھنىسىگە چىقىپ تۇنۇشتۇرسا بىردەمدىلا بازارلىق بولۇپ كەتمەسمىدى-ھە! ئەپسۇس، بولۇڭ-پۇشقاقتا يوغان گەپ قىلىدىغانلار خۇددى «يىرتىق ئىشتاندىن *** چىققاندەك» مانا مۇشۇنداق ساختىپەزلىك بىلەن ئالدامچىلىق يوللىرىدا تىمسىقلاپ يۈرىشىدۇ. ئالدامچىلىقىنى بازارغا سېلىشتىن نومۇس قىلىشنى بىلمەيدۇ.
    ئەيدىز كېسىلىنى چۈشەنمەيدىغانلار ئەيدىز كېسىلى بازىرىدا پۇل تاپىمەن دەپ شىلتىڭ ئېتىپ يۈرىۋاتىدۇ. ئەسلى يۇقۇملۇق، خەتەرلىك، ساقايماس ئەيدىز كېسەللىرى مېۋە شەربىتىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىدىغانلاردەك كىملا كەلسە شىلىپ يەيمەن دەيدىغان لوق گۆش ئەمەس ئىدى. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئوينىشىدىغانلار ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھاياتىنى كۆزگە ئىلمايۋاتىدۇ، قەدىرلىمەيۋاتىدۇ، داۋالاش كەمسىتىشى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار مانا مۇشۇنداق ئالداشقا ئەمەس، بەلكى چۈشىنىشكە ئېھتىياجلىق كىشىلەر ئىدى. «ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر تۇقۇمىنى» دېگەندەك پۇل تېپىش يولىنى تاپالماي يۈرگەنلەر، نۆۋەتتە ساقايماس ھالەتتە تۇرىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىدىن ساقىيىش ئارزۇسىدا تىپىرلاپ يۈرگەن ئەيدىز كېسەللىرىنى ئوڭدا قۇيۇشتىن ئىبارەت يامان نىيىتىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. تەربىيە كۆرمىگەن كىشىلەر مانا مۇشۇنداق باشقىلارغا «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» مۇئامىلە قىلىشتىن خىجىل بولۇشنى بىلمەيدۇ. دېمىسىمۇ، ئالدامچىلىقنى بازارغا سېلىش قاتتىق ساپاسىزلىق ئەمەسمۇ-ھە! 
    ۋۇجۇدىدىن سەمىمىيەتنى تەرك ئەتكەن بىر قىسىم كىشىلەر مانا مۇشۇنداق ۋاستە تاللىماي پۇل تېپىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش پاراسىتى دېگەن تونۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئالدامچىلىقلىرى بىلەن كېسەللىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى بىلمەيدىغان ساقايماس ھەم خەتەرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار مېۋە شەربەتلىرى ھەم ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىگە ئەگىشىپ بىر-بىرسىنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. ئەسلىدە باشقىلارنىڭ يامان غەرىزىنى بىلمەي  ئۇلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ قالىدىغان كىشىلەرنى ساختىپەزلىك بىلەن ئالداپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى بۇنداق ئوڭدا قۇيۇپ يۈرۈيدىغان كىشىلەر بولمىسا بولاتتى. چۈنكى، يالغانچىلار بىلەن ئالدامچىلار باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىناۋەت-ئوبرازىنى يوقىتىش يولىدا كېتىۋاتقان كىشىلەردۇر.

e1ee0953c6869cfe7b6f5394097f2595.jpg