ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ئۆتكەن 10 يىلدا ئەيدىز سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان بىمارنىڭ يېرىمى ئازايدى
ۋاقتى : 2017-07-31 17:27:59  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

 نۇر تورى تەرجىمىسى:

1981-يىلى ئامېرىكىدا تۇنجى ئەيدىز بىمارى بايقالغاندىن كېيىن پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تېز سۈرئەتتە تارقالدى. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، پەقەت بىمارلار ھەر كۈنى ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى دورا يېيىش ئارقىلىق كېىسلىنى كونترول قىلالايدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىملار ئۇزۇندىن بۇيان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى. ب د ت ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش پىلانلاش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەن 36 مىليون 700 مىڭ بىمار بار بولۇپ، ئەيدىز سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانى 2005-يىلىدىكى بىر مىليون 900 مىڭدىن 2016-يىلىدىكى بىر مىليونغا تۆۋەنلىگەن. ئامېرىكا ئالىملىرى يېقىندا ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىغا سېلىنىدىغان بىر خىل ھالقىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇش نىسبىتىنى %56 تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقىنى بايقىدى.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى:

ب د ت ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش پىلانلاش مەھكىمىسىدىكىلەر يېقىندا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانىنىڭ 2005-يىلىدىكى بىر مىليون 900 مىڭدىن 2016-يىلىدىكى بىر مىليونغا تۆۋەنلىگەنلىكىنى، 10 يىل ئىچىدە ئەيدىزنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدىغانلار سانىنىڭ يېرىمىغا يېقىن ئازايغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەيدىز كېسىلى ئەيدىز ۋىرۇسى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. ئۇ ئىلگىرى ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولغان 10 چوڭ ئامىلنىڭ بىرى ئىدى.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ. پەقەت ئۇلار ھەر كۈنى ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى دورا يېيىش ئارقىلىق داۋالىنىپ، كېسىلىنى مەلۇم مۇددەت كونترول قىلالايدۇ. ناۋادا كونترول قىلىنمىسا ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ ئەيدىز كېسىلى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىمارلار تۇبېركليۇز قاتارلىق كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

نۆۋەتتە، دۇنيادىكى 36 مىليون 700 مىڭ ئەيدىز بىمارىدىن %53ى داۋالىنىۋاتقان بولۇپ، ئۆمرى نورمال ئادەملەرنىڭكىگە يېقىنلاشتى. ب د ت ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش پىلانلاش مەھكىمىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مايكېل سىدىب (Michel Sidibe): «بىز 2015-يىلى 15 مىليون ئادەمنى داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردۇق. 2020-يىلى بىز بۇ نىشاننى بىر قاتلاپ، 30 مىليونغا يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتىمىز. بىز داۋالاش دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىمىز ھەمدە ھېچقانداق بىمارنى چۈشۈرۈپ قويماسلىققا ۋەدە بېرىمىز» دېدى.

ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش پىلانلاش مەھكىمىسىدىكىلەر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئافرىقىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنى داۋالاش ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى كۆرسىتىلدى. 2020-يىلىدىن ھازىرغىچە بۇ رايونلاردىكى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئازلىدى. ئۆتكەن 10 يىلدا بىمارلارنىڭ كۆزلەنمە ئۆمرى 10 يىل ئاشتى.

بۇ ئورۇن «90-90-90 نىشانى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش نىشانلارنى بەلگىلىدى. بۇ پىلاننىڭ كونكرېت مەزمۇنى: 2020-يىلىغا بارغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان %90 بىمارغا ئېنىق دىياگنوز قويۇش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان %90 ئادەمنى داۋالاش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان %90 ئادەمنىڭ كېسىلىنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت. 2016-يىلى يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشانلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا %70، %77 ۋە %82كە يەتتى.

سىدىب ئەپەندى تولۇقلاپ: «ئەيدىز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتىنىڭ ئارقىغا سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، مەھەللە ۋە ئائىلىلەر تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى. بىراق، شىمالىي ئافرىقا، ئوتتۇرا شەرق، ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى داۋالاش سېلىنمىسى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن ئەيدىز سەۋەبلىك ئۆلۈپ كېتىدىغانلار سانى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا» دېدى.

جىنسىي يول ھالقىسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %56 ئازايتىدۇ.

BBCنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئالىملىرى ئاياللارنىڭ جىنسىي يولىغا سېلىنىدىغان بىر خىل ھالقىنىڭ قىزلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

24-15 ياش ئارىلىقىدىكى ئاياللار ۋە قىزلار پۈتۈن دۇنيادىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار نىسبىتىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا قىتئەسىدە كۈنىگە 1000غا يېقىن ئادەم يۇقۇملىنىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرى جىنسىي يول ھالقىسىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى %56 تۆۋەنلىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇتەخەسسىلەر: «بۇ ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشتا ئەرلەرنىڭ گاندون ئىشلىتىشىگە تايىنىپ قالمايدىغانلىقى، ئۆزلىرىنى قوغدىيالايدىغان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ» دېيىشتى.

ئامېرىكا دۆلەتلىك زىيادە سەزگۈرلۈك ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى دوكتۇر ئانتونىي (Anthony Fauci): «ئاياللار باراۋەرلىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئاياللار ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىۋاتىدۇ. ئۇلارغا ئۆزىنى قوغدايدىغان مەخپىي ئۇسۇل تېپىپ بېرىش ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا ئېلىنغان چوڭ قەدەم» دېدى.

بۇ خىل يۇمشاق ھالقا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش پەردىسىگە ئوخشاش ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى dapivirine ئىسىملىك بىر خىل دورا قويۇپ بېرەلەيدۇ. بىراق، ئالىملار ئۇنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرگە ماس كېلىدىغان، كەلمەيدىغانلىقىنى بېكىتەلمىگەنلىكتىن بۇ ھالقىنى ئىشلىتىپ باقمىغان 17-15 ياش ئارىلىقىدىكى 96 قىزنى قاتناشتۇرۇپ 6 ئاي تەجرىبە قىلدى. خەلقئارالىق ئەيدىز قۇرۇلتىيىدا سۇنۇلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن %87 ئايالنىڭ جىنسىي يولىدا دورا بارلىقى، %95 قىزنىڭ ئۇنى ناھايىتى قولايلىق ھېس قىلغانلىقى، %74 ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا دەخلى يەتمىگەنلىكى كۆرسىتىلدى.

پىتتىسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى تىببىي ئىنىستىتوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى پىروفېسسور شارون خىللېر (Sharon Hillier): «ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش 18-16 ياش ئارىلىقىدىلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، بارلىق ئاياللار قوغداشقا ئېرىشىشى كېرەك. نۆۋەتتە، بىز بۇنى ئافرىقىدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا سىناق قىلىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

ناۋادا جىنسىي يول ھالقىسى نازارەتچىلىك تارماقلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ قالسا بۇ مەخسۇس ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تەدبىر بولۇپ قالىدۇ.

yarp.jpg