ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ئالدامچى تىككۈچى ۋە ئەخمەق بىمارلار
ۋاقتى : 2017-02-15 12:52:02  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيتى تورى   يوللىغۇچى : كۆك بۆرە

 

ئالدامچى تىككۈچى ۋە ئەخمەق بىمارلار

 

گۇچۇڭلۇق ئالدامچى تىككۈچى  رېۋۇدۇللارنىڭ ئۈندىداردا ئىلگىر-كىيىن ئىككى قېتىم ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ھەم نېمە ئىش قىلالايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ھالەتتىكى ئاۋازلىق كۆرۈنمىسىدە تارقاتقان ئېغىر كېسەللەرنى داۋالىۋېتىدىغان بايانلىرىدىن ھەم ئېكرانغا چىققان تەرقى-تۇرقىدىن ئانچە نۇرمال ئادەم ئەمەسلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ تىككۈچى تۇرۇپ داۋالاش بىلەن شۇغۇللانسا بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان ھالىغا ساقايتقىلى بولمايۋاتقان ئېغىر كېسەللەرنى داۋالايمەن دەپ، ئۇيقۇسى قانمىغان ھالەتتە ئىگىز-پەس سۆزلەپ يۈرسە، چۈچۈپ ئويغۇنۇپ جۆيلىۋاتقاندەك بىلىنمەي قالمايدۇ ئەلۋەتتە.

   دېمىسىمۇ، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈشتىن  باشقا ھەممە كېسەللەرنى داۋالايمەن، ساقايتىمەن دەيدىغان بىرەرسى ئالدامچىلىق، يالغانچىلىق بىلەن  ئۆزىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈپ ھەر خىل ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ ئېلان-داۋراڭ ئېلىپ بارسا، بىر قىسىم بىمارلار ئەخمەقلەرچە ئۇلارغا ئىشىنىپ، پۇلنىڭ كۆزىگىمۇ قارىماي، ئارىلىقنىڭ يىراق-يېقىنلىقى بىلەنمۇ كارى بولماي، خۇددى جىسمىدىكى بارلىق كېسەللىرى ئاشۇ ئالدامچى تىككۈچى ياكى شۇلارنىڭ دورا-مەھسۇلاتلىرى بىلەن ساقىيىپ كېتىدىغاندەك، شۇ ئېلان-داۋراڭ بەرگۈچىنىڭ ئەتراپىغا پوققا چىۋىن ئۇلاشقاندەك يۈگۈرۈشىدىكەن. ماۋۇ كىشى كىمۇ، نەدە نېمە ئىش قىلىدۇ، كەسپى بىلىمى قانچىلىك، دورا-مەھسۇلاتىنىڭ ھەقىقەتەن دېگىنىدەك رولى-ئۈنۈمى بارمۇ-يوق؟ دېگەنلەر بىلەن ھېساپلىشىپ باقماي، باشقىلارنىڭ نىيەت-غەرىزى نېمە دېگەنلەرنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەي ئەخمەقلەرچە-ھاماقەتلەرچە ئۇلار نېمە دېسە شۇنىڭغا ئىشىنىپ يۈريدىكەن.

 https://v.qq.com/x/page/t0370qzcft9.html

  ئالدانغۇچىلار بولمىسا ئالدامچىلار بازار تاپالمايدۇ. جەمئىيەتتە تولۇق ساقايتقىلى بولمايدىغان ھەم خەتەرلىك داۋالىنىشقا يۈزلىنىدىغان ھەر خىل راك كېسەللىرى، بۆرەك كېسىلى، سۇزۇلما خارەكتېرلىق دىئابىت، قان بېسىم كېسەللىكلىرى، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادا ئۈزۈل-كېسىل داۋالىيالمايۋاتقان يۇقۇملۇق ئەيدىز كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايمەن، ساقايتىۋېتىمەن دېگەندەك ئالىجوقا، پەلىپەتىش گەپ قىلىدىغان ئالدامچى- قويمىچىلارغا ئىشىنىپ ھاياتىنى دوغا تىكىپ يۈرىۋاتقان ئەخمەق بىمارلارنىڭ نادانلىقى، دۆتلىكى سەۋەبىدىن، داۋالىنىش بازىرىدا "توپىلاڭدىن توقاچ ئوغۇرلايدىغان" ئەھۋاللارنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ.

بولۇپمۇ يېقىندا گۇچۇڭ ناھىيىسىدىكى تىككۈچىلىك دۇكىنى ئاچىدىغان رىۋىدۇللا دېگەن كىشى خۇددى ھاراق ئىچىپ مەسىت بولۇپ جۆيلۈۋاتقاندەك ھالەتتە ئۈندىداردا ئۆزىنىڭ ئالىجوقىلىقىنى بازارغا سېلىپ، نەدە ساقايتىش تەس بولغان كېسەللەرنىڭ ئىسمىنى قاتارى يادلىۋېلىپ ئۇلارنى ساقايتىۋېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئالدامچىلىقىنى يۈزى قىزارماي، نومۇسمۇ قىلماي تۇرۇپ ئېلان-داۋراڭ قىلىپتۇ. ئالدى بىلەن غەرەزلىك ھالدا ئۆزى ياسىۋالغان لەۋھەلەرنى ئاسقىلى يەر قالمىدى دەپ كۆز-كۆز قىلىپ، ئاندىن مۇمكىن بولسا نەچچە قاتلاپ نوبىل مىدىتسىنا مۇكاتىغا ئېرىشكۈدەك يالغانچىلىققا تولغان داۋالاش ئىقتىدارىنى يۈزى قېلىنلىق بىلەن تۆكمە قىلىپ ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى نامايەن قىلىپ،  كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىلمەيدىغان، كېسەل بولۇشنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىغان، كېسىلىنى قانداق داۋالىتىشنى بىلمەيدىغان ساددا ھەم جان قايغۇسىدا قالغان ھەر خىل كېسەل ئىگىلىرىنى "مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن داۋالاپ قۇياي" دەپ، ئەخلاقسىزلارچە، قانۇنسىزلارچە ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرۈش تەشۋىقات ئېلانى تارقىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش بازىرىنى سۈپەتلىك، ئۆلچەملىك باشقۇرۇش-نازارەت قىلىشىغا قارشى قىلمىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈندىدار-تور دۇنياسىدا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى.

 جەمئىيەتتە ھەر خىل كېسەل ئىگىلىرىنىڭ كېسىلىنى ساقايتىشتىن ئىبارەت ئۈمىدىدىكى ئاجىزلىقىنى چىڭ تۇتىۋېلىپ، نەدە ساقايماس كېسەللەر توغرىسىدا ئەنە شۇنداق ئاغزىغا نېمە كەلسە شۇنى جۆيلۈيدىغان ھېيلىگەر، ساختىپەز، ئالدامچى داۋاكەشلەر ھەر خىل كېسەللەرنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماي، كېسەل داۋالاش مەسئۇلىيىتىنى ئويۇننىڭ ئورنىدا كۆرۈپ داۋالاش بازىرىغا ھاقارەت ئېلىپ كەلمەكتە.

 ئاز بولمىغان كىشىلەرنىڭ كېسەللىكنىڭ سەۋەپ-نەتىجىسىگە بولغان ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن، باشقىلارنىڭ نېمە بولۇشلىرى بىلان كارى بولمايدىغان ئىنساپسىز، داپيۈز، رەزىل نىيەتلىك گۇچۇڭلۇق رىۋۇدۇللاغا ئوخشاش ئالدامچى تىككۈچى كىشىنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ، "يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى" دەيدىغان پەسكەشلىكى بويىچە، جەمئىيەتنىڭ، خەلقنىڭ نېمە دەپ قالار دېيىشلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماي، ئالدامچىلىق قىلىپ يۈرۈشلىرى جەمئىيەتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشى كېرەك.

 https://v.qq.com/x/page/z0370b3tdb8.html

شۇڭا، بىمارلارنى ساددا ھەم ئەخمەق كۆرۈپ، ئەمەلىيەتتە مۇمكىن بولمايدىغان داۋالاش داۋرىڭىنى چىقىرىپ، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت سۈپىتىگە ناچار تەسىر ئېلىپ كەلگەن گۇچۇڭدىن چىققان رىۋىدۇللا دېگەن ئالدامچى  ئادەم ئوغرى چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك نەپرەتكە، تەنقىتكە ئۇچرىشى كېرەك. ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان داۋالاش ۋەدىسىنى داۋراڭ قىلىپ، كېسەلنىڭ غېمىدە بېشىنى قاتقان كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇپ، كەسپى مەسئۇلىيەتچانلىق بولمىغان پۇزىتسىيە بىلەن، كۈچلۈك ئۈمىدتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ھۆرمەت قىلمايدىغان، ئىقتىسادىنى ھەم سالامەتلىكىنى ئوڭدا قۇيۇدىغان بۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىكى چەكلىنىش بىلەنلا قالماي، بەلكى يەنە ۋاقتىدا قانۇنى جازاغىمۇ ئۇچرىشى كېرەك.