ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ئەيدىز كېسەللىرى تەجرىبە بويۇمى ئەمەس(1
ۋاقتى : 2017-02-09 11:23:08  مەنبەسى : ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى  يوللىغۇچى : كۆك بۆرە

 ئەيدىز كېسەللىرى تەجرىبە بويۇمى ئەمەس(1

 

مۇشۇ كۈنلەردە، «بىز بەش نەپەر ئەيدىز بىمارى ئىزدەيمىز...» دېگەن تېمىدىكى بىر بىچارىلىق مۇراجەتنامىسى ئۈندىداردا كۆزگە پۇتلىشىپ تۇردى. ئۇلار ئەيدىز بىمارى ئىزدەپ نېمە قىلىدۇ؟ تىرىك ئادەم تەجرىبە بويۇمى قىلماقچىمىكەن! مەھسۇلاتىنى ئەيدىز بىمارلىرىغا ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكۈزمەكچىكەن! مانا بۇ ئەيدىز بىمارلىرىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ئەمەسمۇ!

QQ截图20170209111331.jpg

ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا يىگىرمە يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەتلىك ئورۇنلىرى ئېنىقلاپ تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان ئەللىك مىڭدەك ئەيدىز كېسەللىرى بايقالغان تۇرسا، ھەرقايسى دوختۇرخانىلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمى ۋە مەخسۇس يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا ئەيدىز كېسەللىرى داۋالىنىۋاتقان تۇرسا، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركەزلىرىدە ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ ئارخىپلىرى مەخپى ساقلىنىۋاتقان تۇرسا، ئەيدىز كېسەللىرى توغرا بولمىغان كەمسىتىشتىن قېچىپ ئۆزلىرىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان تۇرسا، ئەيدىز كېسىلىگە خۇمار بولغاندەك مەزكۇر ئەيدىز بىمارلىرىنى ئىزدەپ يۈرگۈچىنىڭ خۇددى كۆزى ئوچۇق قارىغۇدەك «بەش نەپەر ئەيدىز بىمارى ئىزدەيمىز» دەپ مۇراجەتنامە ئېلان قىلىپ يۈرۈشىنىڭ غەرەز-مەقسىدى جەمئىيەتتىكىلەرنى ئويلاندۇرماي تۇرالمايدۇ. چۈنكى، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭمۇ خىزمىتىنى قىلىدىغان ئورۇن بار.

دۆلىتىمىزدە دۆلەتلىك يىمەكلىك-دورا نازارەتچىلىك ئىدارىسى تۈزۈپ تارقاتقان «دورىلارنى كېلىنكىلىق سىناق قىلىشقا ئەخلاقى جەھەتتىن تەكشۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش فىرىنسىپى» 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەخلاق كومىتېتى دورىلارنى كېلىنكىلىق سىناق قىلىش تۈرىگە ئىلمىيلىك، ئەخلاقىيلىق بويىچە قاراپ چىقىپ، قۇبۇل قىلغۇچىنىڭ قەدىر-قىممىتى، بىخەتەرلىكى، ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، دورىلارنى كېلىنكىلىق سىناق قىلىشنى ئىلمىي، ساغلام ھالدا تەەققى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دېيىلگەن. يەنە دۆلەتنىڭ ئاساسى قانۇنى، قانۇن ماددىلىرى، قانۇن-نىزاملىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا، دورىلارنى كېلىنكىلىق سىناق قىلىش خىزمىتىگە ئەخلاقى جەھەتتىن قاراپ چىقىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ھەم دورا نازارەت-باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىنى، نازارىتىنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك دېيىلگەن.

دېمەك، ئەخلاقى نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۆز مەيلىچە ئېلان چىقىرىپ «بەش نەپەر ئەيدىز بىمارى ئىزدەيمىز» دېگەن مۇراجەتنامىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، شۇڭا قوللىغىلىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى بولسىمۇ، باشقا ئادەملەرگە ئوخشاشلا ھاياتلىق ئىگىسى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئويناشقاندەك مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ. ئەيدىز بىمارلىرى ئەلدوست شىركىتىنىڭ ئاتالمىش «ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى»نى كېلىنكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزىدىغان تەجرىبە بويۇمى ئەمەس! بەلكى ئەيدىز بىمارلىرىغا خەلقئارادا كېلىنكىلىق سىناقتىن ئۆتكەن مەخسۇس ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بار.

تېخى بەش نەپەر ئەيدىز بىمارىغا قۇيۇلغان تۆۋەندىكى شەرتلەرنى كۆرۈڭ.

 

QQ截图20170209111443.jpg

مانا بۇ ئەيدىز بىمارلىرىنى ئوچۇقتىن ئاشكارا تەجرىبە قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئەمەسمۇ-ھە! ئۆزى دوختۇر ئەمەس، ئىشلەتكىنى دورا ئەمەس، ھەم ئەيدىز كېسىلى بولمىغان ساق ئادەم ئىشلەتسىمۇ بولىدىغان، ھەم باشقا كېسەللەرگە ئىشلەتسىمۇ بولىدىغان مەھسۇلات بىلەن ئەيدىز بىمارلىرىنى تەجرىبە قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار-ھە! ئەگەر ئەيدىز بىمارلىرىغا ئۈنۈمى بولماي يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟!

3.jpg

مانا بۇ كاللا بىلەن پاقالچەكنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۆزىنى داۋراڭ قىلىپ خېرىدار ئىزدەشتۇر. پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ ئىلغار مىدىتسىنا پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى توختىماي ئىزدىنىپ ئەيدىز كېسىلىنى ساقايىتىدىغان دورىنى ياساپ چىقىپ بولالمايۋاتقان ئەھۋالدا، «يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى، جېنىمنىڭ راھىتى» دېگەن بويىچە ئەيدىز بىمارلىرى ئىچسىمۇ بولىدىغان، ساق ئادەم ئىچسىمۇ بولىدىغان، باشقا كېسەللەر ئىچسىمۇ بولىدىغان، ئەيدىز كېسىلىنى ھەم ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى تەڭ داۋالاپ ماڭىدىغان، ھەتتا زەھەر چەككەنلەرنى خۇماردىن قۇتۇلدۇرالايدىغان، تېخى مىتادۇن ئىچىۋاتقانلارنىمۇ ئىچمەس قىلىۋېتەلەيدىغان بۇنداق ھەممىگە شىپا بولىدىغان مەھسۇلاتنى ھەجەپ دۇنيا خەلقى بىلمەي قاپتۇ-ھە!

ئۈندىداردىكى مەزكۇر ئېلان-ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كىيىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى: مەزكۇر ئاتالمىش «ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى» ئىشلەپچىقارغۇچىنى نوبىل مۇكاپاتى كومىتېتىدىكىلەر بىلمەي قاپتۇ. ئۇياق ئۆزى ئىلتىماس سۇنسا، بىز تۇنۇشتۇرساق، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ يېڭى بىر تۈرى بويىچە ئۇنىڭغا نوبىل «پوق» مۇكاپاتى بەرسە بولغىدەك.

 

دېمەك، بۇ كىمنىڭ نېمە قىلغىسى كەلسە شۇنى قىلىۋېرىدىغان جاھان ئەمەس. ئۇنداقتا، ئەگەر ئىزدەپ تاپالىسا ئۇلارغا ئەيدىز بىمارلىرىنى تىرىك ئادەم تەجرىبىسى قىلىدىغان ھوقۇقنى كىم بىرىپتۇ! بۈگۈنكى دەۋردىمۇ خۇددى ئەينى ۋاقىتتا ياپۇن جاھانگىرلىرى جۇڭگولۇقلارنى تىرىك توختۇتۇپ تەجرىبە ماتىرىيالى قىلغاندەك قىلىشنى ئويلاپ قالغان ئوخشىمامدۇ! پىسخىكىسىدا مەسىلە بارلىقىنى بىلمەيدىغاندەك ئۆزىنى ئۆزى ماختاپ ھەم ھۆكۈمەتتىن قوللاشقا ئېرىشەلمىدۇق دەپ دەردىنى تۆكۈپ، بىر مۇنچە شەرت بىلەن ئۈندىداردا ئېلان چىقىرىپ ئەيدىز بىمارىنى ئىزدەيمىز، ئىزدەپ تاپقاننى سىناق ماتىرىيالى قىلىمىز دېگۈچە، قىلماقچى بولغۇنىمىز ئەخلاقى جەھەتتىن توغرىمۇ-خاتا، دۆلەتنىڭ قانۇن-قائىدىلىرىگە ئۇيغۇنمۇ-ئەمەس دېگەننى كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك ئىدى.

ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئۈندىداردا ئۆز بىچارىلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ ئەيدىز بىمارىنى ئىزدەپ يۈرۈشتىكى سەۋەپ، يۇمشاق ئېلان ھالەتتە ئۆزىنى تەشۋىق قىلىش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۈمىد قىلىش بولۇپ، بۇنداق ئۇسۇل ئۆزىنى كارخانىچى دەپ ئاتىغان كىشىگە ماس كېلەرمۇ-ھە!

3.jpg

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۈز مىڭلىغان، ھەتتا خەلقئارادا مىليۇنلاپ ئەيدىز كېسەللىرىگە قارىتا ئىشلىتىۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى دورىنى ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ھاياتلىق ئوزۇقلىقى» بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ۋىرۇسقا قارشى دورىغا قارا چاپلاۋاتقان، سىناقتىن ئۆتكەن ۋىرۇسقا قارشى دورىنى ئىنكار قىلىۋاتقان، كۆز ئالدىنى خۇددى ئۈرۈمچىنىڭ ئايرۇپىلان ئۇچۇپ-قۇنالمايدىغان ئېغىر تۇمانلىرىدەك تۇتۇقلۇق- زۇلمەت قاراڭغۇلۇق توسۇۋالغان، ئىنسان كۈندە يەۋاتقان ئۈچ ۋاخ تاماق خۇددى ئادەمنىڭ ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى ھېساپلانمايدىغاندەك مەخسۇس ماركىلىق ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىپ، ھەممە كېسەلنى داۋالايمەن دەپ يۈرۈيدىغان، (يەنى «بەش نەپەر ئەيدىز بىمارى ئىزدەيمىز» دېگەن ئېلانىدا بېرىلگەن يۇقىرىدىكى ۋە تۆۋەندىكى مەزمۇن پاكىتلىق بولۇش ئۈچۈن، ئەينەن كۆچۈرۈپ چاپلاندى. )

 

 

«ھاياتلىق ئوزۇقلۇقى» تەتقىقاتچىسى تۆۋەندىكى مەخسۇس ئەيدىز كېسىلى ساھەسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قىسقىچە بايانىنى بىر ئوقۇپ باققاي.

 

شىنجاڭ تىببىي ئۈنۋېرىستېتى يۇقۇملۇق كېسەللەر مەركىزى 2-بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مەمەتئېلى ئۇبۇل مۇنداق دېدى: ھازىر ئەيدىز كېسەللىرى ئۆلمەيدىغان بولۇپ كەتتى. چۈنكى، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىزچىل يەپ بەرگۈچىلەر نۇرمال ئادەملەردىن پەرقى يوق ھالدا ياشاۋېرىدۇ. مەن 2004-يىلدىن باشلاپ ئەيدىز كېسەللىرىنى داۋالاپ كېلىۋاتىمەن، شۇ چاغدىن باشلاپ ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىزچىل يەپ كىلىۋاتقانلار ھازىرمۇ ھايات ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق 6 – دوختۇرخانا ئەيدىز كېسەللىكىنى داۋالاش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر 5 – بۆلۈمىدىن مەسئۇل ۋاراچ خالمۇرات ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: مۇشۇ بىر يىل ئىچىدە دوختۇرخانىمىزغا كەلگەن 10 دەك بىمار ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن دورىنى يىمەي، كوچا - كويلاردىكى «ياۋا تىۋىپ» لارنىڭ ئەيدىزنى داۋالايدىغان دورىلىرىنى يېيىش سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىز ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ھەقسىز تەمىنلەۋاتقان دورىلار ئۈنۈمى ياخشى دورىلار. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە بىمارلىرى بىزنىڭ داۋالىشىمىزغا ماسلىشىپ، دورىنى ۋاقىتىدا ئىستېمال قىلسا، ئۇلارنىڭ نورمال تۇرمۇش، خىزمەت قىلىشى كاپالەتلىك قىلىغىلى ۋە ئۆمرىنى ئۇزارتىقىلى بولىدۇ. بىراق، بىر قىسىم بىمارلار «ياۋا تىۋىپ» لارغا ئىشىنىپ، داۋالاشنىڭ ئالتۇن پەيتىنى ئۆتكۈزۈۋىتىۋاتىدۇ.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش مەركىزىنىڭ مەسئۇل دوختۇرى گۈلمىرە ئابدۇرىشىت مۇنداق دېدى: ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى دوختۇرخانا ھەقسىز تەمىنلەپ بىرىۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى دورىنى ئىزچىل يىگەندە ھەم باشقا ناچار تۇرمۇش ئادەتلىرى بولمىغان ئەھۋالدا، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان قاراش بويىچە 57 يىل ياشىيالايدۇ. يەنى، بىرەيلەن 20 يېشىدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسا، 77 ياشقىچە ياشىيالايدۇ دېگەن گەپ. شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلى پەيدا بولغىلى ئەمدى يىگىرمە يىل بولدى، شىنجاڭدا ئەيدىز كېسىلىنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقىلى 13 يىل بولدى. 2003-يىلدىن باشلاپ ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ماسلىشىشچانلىق بىلەن ئىزچىل يەپ كېلىۋاتقانلار ھازىرمۇ نۇرمال ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار خەلقئارادا ئاللىقاچان كېلىنكىلىق سىناق-تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ بولۇنغان دورىلار بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىلار ھېساپلىنىدۇ.

قەشقەر ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى يۇسۇپقادىر ھاشىم مۇنداق دېدى: ۋىرۇسقا قارشى دورا ئۈنۈملۈك ھالدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى كۆپىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، كۆڭۈلدىكىدەك داۋالاشتا قان شىرنىسىدىكى ۋىرۇسنى تەكشۈرگەندە، بايقىيالمىغۇدەك سەۋىيەگە يەتكۈزەلەيدۇ، CD4 ھۈجەيرىسى يۇقىرىلاپ، ئىممۇنىتىت ئىقتىدارى كۈچىيىدۇ، شۇندىلا ئادەم بەدىنى ھەر خىل يۇقۇملىنىشلار بىلەن جەڭ قىلالايدۇ. نەتىجىدە كۆپ كېسەل بولماي، ساغلام ئادەملەردەك خىزمەت، ئەمگەك، ئۆگىنىش قىلالايسىز ھەمدە ئائىلىدىكىلەر بىلەن نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيسىز.

دېمەك، ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىدىغان، ئەيدىز كېسەللىرى بىلەن دائىم كۆرۈشىدىغان، نۇرغۇنلىغان ئەيدىز كېسەللىرىنى داۋالىغان ھەم داۋالاۋاتقان مەخسۇس دوختۇرلار مۇشۇنداق دەۋاتقان يەردە، «بەش نەپەر ئەيدىز بىمارى ئىزدەيمىز» دېگۈچى ئەلدوست شىركىتىنىڭ "ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك" دېگەندەك شەرتلەر بىلەن ئەيدىز بىمارلىرىنى ئىزدىشى ئەيدىز بىمارلىرىنى تەجرىبە قىلىش غەرىزىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە!