ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرتۈش نەتىجىسىنى چۈشىنىشتىكى توغرا ئۇسۇللار
ۋاقتى : 2017-02-09 10:56:04  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيتى تورى   يوللىغۇچى : يارپ

ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرتۈش نەتىجىسىنى چۈشىنىشتىكى توغرا ئۇسۇللار
 


ئەيدىز ناھايىتى خەتەرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدىغان بىر خىل ۋىرۇس. ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدىكى T شەكىللىك لىمفا چۈجەيرىسىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، بۇ ھۈجەيرىنى زور مىقداردا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ ۋە ئادەمنى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىدىن ئايرىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغانلار ئاسانلا يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە قاتارلىق باشقا خەتەرلىك كېسەللەر بىلەنمۇ يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، مۇشۇ كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.
ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ مۇسبەت چىقىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرتۈش ئەيدىز كېسىلىنى ئېنىقلاشتىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، شۇنداقلا ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل. ناۋادا دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن كېيىنكى قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئوخشاشلا مۇسبەت چىقسا:
1. تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛
2. تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىنى ياكى بەدىنىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛
3. تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنى باشقىلارغىمۇ يۇقتۇرۇپ قويۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقسا، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمىدى دەپ قاراشقا بولامدۇ؟
ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە يۇقۇپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. بۇ مەزگىل «كۆزنەك مەزگىلى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مۇددىتى ئادەتتە 2 ھەپتىدىن 3 ئايغىچە بولىدۇ. ناۋادا، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ بەدىنىدىن كۆزنەك مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېتلاسى بايقالمىسا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويغانلار 4-، 8-، 12-ھەپتىسى ۋە 6-ئېيىدا ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېتلاسىنى تەكشۈرتۈپ بېقىشى كېرەك. ناۋادا، 6 ئايدىن كېيىن تەكشۈرتكەندىمۇ نەتىجە مەنپىي چىقسا، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا قانداق قىلىش كېرەك؟
نۇرغۇن كىشىلەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغاندىن كېيىن، بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى يوق دەپ قاراپ، ئۆلۈپلا تۈگىشىشىنى لايىق كۆرىدۇ. بىراق، يۇقۇملانغۇچى داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلاشسىلا تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى، شۇنداقلا ئۆمرىنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىگە يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىققان تەقدىردىمۇ:
1. ئۈمىدۋار بولۇش، مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، باشقا كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش.
2. ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىنى جىنسىي ھەمراھى ياكى جورىسىغا راستى بىلەن ئېيتىش ھەمدە گاندون ئىشلىتىشكە سەل قارىماسلىق؛ ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويماسلىق مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق.
3. دوختۇرنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ۋاقتىدا داۋالىنىش، داۋالاشقا ماسلىشىش.