ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ئەيدىز بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان كېسەللىك دېگەن نېمە؟
ۋاقتى : 2017-02-08 17:19:25  مەنبەسى : ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى  يوللىغۇچى : يارپ

ئەيدىز بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان كېسەللىك دېگەن نېمە؟



نۇر تورى تەرجىمىسى:
تېكىستكە كىرىش: ئەيدىز كېسىلى يۇقۇشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك كېسەل بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقىغا قاتتىق زىيان سالدى. تۇرمۇشتا كېسەللىكلەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، بەزى كېسەللەر ئەيدىز كېسىلى بىلەن بەكلا ئوخشايدۇ، شۇڭا ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىدۇ، ئۇنداقتا، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان كېسەللىكلەردىن قايسىلىرى بار؟
ئەيدىز بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان كېسەللەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك:
بىرىنچى، بىرلەمچى كېسەلگە قارشى كۈچى كەمچىلىك كېسىلى؛
ئىككىنچى، ئىككىلەمچى كېسەلگە قارشى كۈچى كەمچىلىك كېسىلى. كورتىن، خىمىيەلىك داۋالاش، رادىياتسىيەلىك داۋالاشتىن كېلىپ چىققان ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلار ئىككىلەمچى كېسەلگە قارشى كۈچى كەمچىلىك كېسىلىگە تەۋە؛
ئۈچىنچى، ئالاھىدە يۈز بېرىشچان CD4+T لىمفا ھۈجەيرىسى ئازىيىش كېسىلى ئەيدىز كېسىلىگە بەكلا ئوخشايدۇ، بىراق، hiv بىلەن يۇقۇملانمايدۇ؛
تۆتىنچى، ئۆزلۈكىدىن كېسەلگە قارشى كۈچلىشىش كېسىلى. بىرىكتۈرگۈچى توقۇلما كېسىلى، قان كېسىلى قاتارلىقلار ئەيدىز كېسىلىدەك قىزىش،ئورۇقلاش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ئەمما، بۇ كېسەللەرنى ئەيدىز بىلەن پەرقلەندۈرۈش كېرەك؛
بەشىنچى، لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ قېلىش كېسىلى. مەسىلەن، KS، خودكىن كېسىلى، لىمفا ئۆسمىسى، قان كېسىلى؛
ئالتىنچى، ساختا ئەيدىز كېسىلى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى. ئەيدىزدىن قورقۇش كېسىلى، ئەنگلىيەدىكى جىنسداشلار مۇھەببەتلەشكۈچىلىرىدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدەك نېرۋا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن؛
يەتتىنچى، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكى. مېڭە زەخىمىسىنى ئەيدىز كېسىلى ياكى باشقا كېسەللەر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك.