ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىشتىكى 8 تۈرلۈك مۇھىم ساۋات
ۋاقتى : 2017-02-08 17:06:08  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيتى تورى   يوللىغۇچى : يارپ

 ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىشتىكى 8 تۈرلۈك مۇھىم ساۋات

 

AIDS بىلەن HIV ئارىسىدا زادى نېمە مۇناسىۋەت بارلىقىنى بىلەمسىز؟ كوكتېل ھارىقى ئۇسۇلىدا داۋالاش ھاراق ئىچىش ئارقىلىق كېسەل داۋالاشنى كۆرسىتەمدۇ؟ ئەيدىز كېسىلى بار ئاياللار ساغلام بوۋاق تۇغالامدۇ؟

1. AIDS بىلەن HIV نىڭ مۇناسىۋىتى

ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى خۇددى يۇقۇملۇق زۇكام بىلەن يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ. ئەيدىز كېسىلى (AIDS) ئېرىشمە ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك سىندرومىنىڭ (Acquired ImmuneDeficiencySyndrome) ئىنگلىزچە يېزىلىشىنىڭ باش ھەرپىدىن تۈزۈلگەن. HIV بولسا ئىنسانلاردىكى ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېسىلىنىڭ (HumanImmunodeficiencyVirus) ئىنگلىزچە يېزىلىشىنىڭ باش ھەرپىدىن تۈزۈلگەن.

HIV ۋىرۇسى ئىممۇنىتېتلىق ھۈجەيرىگە يۇققاندىن كېيىن ئەيدىز كېسلى شەكىللىنىدۇ. بۇ خۇددى تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ تۇبېركۇليوزنى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنىغا ئوخشايدۇ.

HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. بىراق، يەنىلا باشقىلارغا يۇقىدۇ. بۇ مەزگىل ئاز بولغاندا 2 يىل، كۆپ بولغاندا 20 يىل داۋاملىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى HIV ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. HIV ۋىرۇسى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاستا-ئاستا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقاندىن كېيىن، ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچىنى ئاسانلا باشقا كېسەللەر بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ قويىدۇ ياكى راك كېسىلى قىلىپ قويىدۇ. بۇ باسقۇچقا كەلگەندە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى رەسمىي ئېنىق ئىپادىلىنىپ، بىمارنىڭ 24-6 ئايلىقلا ئۆمرى قالغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدىغان مەزگىلدە HIV ۋىرۇسىنىڭ سانىنى كونترول قىلىپ، ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتىشتىكى مۇھىم پەيت.

2. ئەيدىز كېسىلى ھەمجىنسلارغىلا خاس ئەمەس

نۇرغۇن ئادەم HIV ۋىرۇسىنى ھەمجىنسلار ئارىسىدىكى جىنسىي مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن تارقالغان دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يوللىرىنىڭ بىرى، ھەرگىزمۇ بىردىنبىر يولى ئەمەس.

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يوللىرى:

HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش؛

HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قاننى سالدۇرۇش؛

HIV ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇپ قالغان ئوكۇل يىڭنىسى ۋە باشقا بىسلىق بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىش؛

ھامىلىدارلىق مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بالىغا يۇقۇش.

ئادەتتە، قان سالدۇرۇش ياكى ئىشپىرسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدىغان مەزگىل 5-4 يىل بولىدۇ؛ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغانلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدىغان مەزگىل 13-11 يىل بولىدۇ. دۇنيادىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان.

3. ياشلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك

ھازىر دۇنيادا ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر سانى 35 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىليون 100 مىڭى ياش-ئۆسمۈرلەردۇر (19-10 ياش). ياش-ئۆسمۈرلەر بۇ ۋاقىتتا ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۇرىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەتەرلىك ھەرىكەتلەرگە تەۋەككۈل قىلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولغاچقا، ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. 2012-يىلى، يېڭىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار سانى تەخمىنەن 2 مىليون 300 مىڭ بولغان.

4. ئەيدىز كېسىلى دۇنيادىكى جان ئالغۇچى يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ بىرى

ھازىرغا قەدەر ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلار سانى 36 مىليون بولۇپ، 2012-يىلى بىر مىليون 600 مىڭ ئادەم ئەيدىز سەۋەبلىك قازا قىلغان. جۇڭگودىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى ھازىر دۇنيادا 12-ئورۇندا تۇرىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ پەقەت %50 ى ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىدۇ.

5. كوكتېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن بىمارلار 13.8 يىل ئارتۇق ياشىيالايدۇ
ئەمەلىيەتتە، كوكتېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ھاراق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. ئەيدىز ۋىرۇسى بىر خىل تەتۈر كۆچۈرگۈچى ۋىرۇس بولغاچقا، تەتۈر ۋىرۇسقا قارشى دورىلارلا ئەيدىز كېسىلىنى داۋالىيالايدۇ. 1996-يىلى، ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئالىم خې دايى 3 خىل ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەتۈر ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدە كۆپىيىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كوكتېل ھارىقى كۆپ خىل ھاراق تېتىتقۇلىرىدىن ھاسىل قىلىنغان ئىچىملىك بولغاچقا، بۇ ئۇسۇلمۇ كوكتېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلى دەپ ئاتالغان. ناۋادا، ئەيدىز ۋىرۇسى كۆپىيىشتىن توختىسا ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى ۋە شۇ ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر كوكتېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئۇلارنىڭ باشقىلارنى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملاندۇرۇپ قويۇش نىسبىتى خېلىلا تۆۋەنلەيدۇ؛ داۋالاش خادىملىرىنىڭ يارا ئېغىزىغا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان قان تېگىپ كەتسە، 2 سائەت ئىچىدە كوكتېل ھارىقى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى «0» گە چۈشۈرگىلىمۇ بولىدۇ.
بىراق، بۇ ئۇسۇلدىمۇ نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر بار. مەسىلەن، دورىنىڭ ئەكس تەسىرى بولغاندىن باشقا، يەنە بىمارلار ھەر كۈنى دورا يېيىشى كېرەك بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ دورىغا ماسلىشىۋېلىش خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. گەرچە، داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ھەر كۈنى دورا يېيىش بىمارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەتتا، مۇشۇ سەۋەبتىن ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىپ، دائىملا قايغۇرىدىغان، يالغۇزسىرايدىغان، چېچىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق داۋالاشقا كېتىدىغان چىقىممۇ يۇقىرى بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز بىمارلىرى بۇ دورىنى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالىدۇ، ھەر ئايلىق دورا پۇلى 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ.
6. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان بالىلار
2011-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان بالىلارنىڭ كۆپ قىسىمى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەردە بولۇپ، بۇ بالىلارغا ئانىسىدىن يۇقۇپ قالغان. ھازىر، كۈنىگە 900 دىن ئارتۇق بالا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىۋاتىدۇ. بىراق، بۇ بالىلار ساغلام چوڭ بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتى. بىر قسىم دۆلەتلەردە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانا تېنىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ياخشى ئىشلەنمىگەنلىكتىن، بۇ بالىلار مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان.
7. ئەيدىز بىمارلىرى تۇبېركۇليوز تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇبېركۇليوز بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئەيدىز كېسىلى يوقلارنىڭكىدىن 30 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. 2011-يىلى، ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەن 430 مىڭ ئادەم تۇبېركۇليوز سەۋەبىن قازا قىلىپ، شۇ يىلى ئەيدىز كېسىلى بىلەن قازا قىلغانلار سانىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگىلىگەن. ئەيدىز ۋە تۇبېركۇليوز بىمارلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى يەنىلا سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا قىتئەسى دۆلەتلىرىدە.
8. ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل
ئېبولا قاناش قىزىتمىسى، تىپىك بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەيدىز كېسىلى يەنىلا ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان يۇقۇملۇق كېسەلگە تەۋە. چۈنكى، ئەيدىز كېسىلى ھاۋا ياكى قول ئېلىشىشتىن يۇقمايدۇ.