ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
قانداق قىلغاندا قىش پەسلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟
ۋاقتى : 2017-02-08 12:21:50  مەنبەسى : ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى  يوللىغۇچى : يارپ

 قانداق قىلغاندا قىش پەسلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟

 

ئەيدىز كېسىلى خەتىرى ئىنتايىن چوڭ يۇقۇملۇق كېسەل. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغان بولغاچقا، ئەيدىز بىمارلىرى ئاسانلا باشقا كېسەللەر بىلەنمۇ يۇقۇملىنىپ قالىدۇ. 

قانداق قىلغاندا، قىش پەسلىدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەت «تازىلىقى»غا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. 

ئەيدىز كېسىلى يەنە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئارقىلىقمۇ تارقىلىدىغان بولۇپ، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ كۆپ قىسىمى زەھەرلىك چېكىملىكنى ئىشپىرىس ئارقىلىق ۋېنا تومۇرىدىن ئۇرىدىغان بولغاچقا، ئوكۇل يىڭنىسى ۋە باشقا يۇقۇملانغان ئەسۋابلارنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن ئاسانلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ. 

ئامال بار قان سالدۇرماسلىق، سالدۇرغاندىمۇ چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان قانلارنى سالدۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىزدىكى قانلارنى سالدۇرغاندا چوقۇم ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرتۈش قىلدۇرۇلغان قانلارنى سالدۇرۇش كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قالغان ئاياللار بالىلىق بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى ھامىلىدارلىق، تۇغۇت ۋە تۇغۇتتىن كېيىنكى مەزگىللەردە بالىلارغا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇپ قېلىشى مۇمكىن.