ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
جۇڭگودا ئەيدىز تارقىلىش ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر بولماقتا
ۋاقتى : 2017-02-08 12:20:38  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىئىيتى تورى   يوللىغۇچى : يارپ

جۇڭگودا ئەيدىز تارقىلىش ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر بولماقتا

 

    جۇڭگو ئاخبارات تورى، 5-فېۋرال تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى 5-فېۋرال «جۇڭگونىڭ ئەيدىزنى چەكلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش13-بەشيىللىق« يىرىك پىلانى» (قىسقارتىلىپ «پىلان» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «پىلاندا»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە، جۇڭگونىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر بولۇۋاتقان بولۇپ، بەلگىلىك ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمالار تېخىچە تەكشۈرۈشنىڭ سىرتىدا تۇرماقتا، جىنسىي تارقىلىش ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولىغا ئايلىنىپ، ئەر ھەمجىنسلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن يۇقۇش نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلەپ، ياشلار، ئوقۇغۇچىلاردىكى يۇقۇش نىسبىتى خېلىلا تېز بولغان. 

 «پىلان»دا ئايان بولۇشىچە، «12-بەشيىللىق» پىلان مەزگىلىدە، ئەيدىزنىڭ تەكشۈرۈش سالمىقى داۋاملىق زورايتىلىپ، زەھەرنى ئۇكۇل قىلىش ئۇرۇش ئارقىلىق تارقىلىش، قاندىن يۇقۇش ۋە ئانا-بالىدىن يۇقۇش يوللىرى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن، ئەيدىز كېسەللىك ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ بايقىلىش نىسبىتى % 68.1 ئۆرلەپ، بىمارلارنىڭ ئۆلۈس نىسبىتى 57 تۆۋەنلىگەن، نۇقتىلىق رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېزلىكتە ئۆرلىشى ئاساسەن تىزگىنلەنگەن، مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ تىزگىنلىنىشى تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە بولۇپ، ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي كەمسىتىش يەنىمۇ ئازايتىلىپ، «جۇڭگونىڭ ئەيدىزنى چەكلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش12 بەشيىللىق« يىرىك پىلانى»نىڭ ئومۇمىي نىشانى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. 

 

    «پىلان»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزنىڭ ئەيدىز تارقىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولماقتا، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىدىكى يېڭى-كونا مەسىلىلەر ۋە قىيىن مەسىلىلەر تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل بولماقتا. بەلگىلىك ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلار تېخىچە تەكشۈرۈشنىڭ سىرتىدا تۇرماقتا، جىنسىي تارقىلىش ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولىغا ئايلىنىپ، ئەر ھەمجىنسلارنىڭ قىلمىشى تۈپەيلىدىن يۇقۇش نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلەپ، ياشلار، ئوقۇغۇچىلاردىكى يۇقۇش نىسبىتى خېلىلا تېز بولغان، ئىپپەت نومۇسىنى سېتىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار، زەھەرنى سېنتىزلەپ قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە بىخەتەر بولمىغان جىنسىي قىلمىشلار ئەيدىزنىڭ تارقىلىش خېيىم-خەتىرىنى زورايتىۋەتكەن، ئىجتىمائىي يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ئاسان يۇقىدىغان ئەيدىز قىلمىشلىرىنىڭ يۇشۇرۇنچانلىقى كۈچىيىپ كەتكەن، نوپۇسنىڭ كۆپلەپ ئېقىشى ئالدىنى ئېلىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. قىسمەن رايونلار ۋە تارماقلار ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىگەن، سىياسەتلەر جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەن، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش تېخنىكا ۋاسىتىلىرى چەكلىك بولۇپ قالغان، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى يېتەرلىك بولمىغان، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئۇزاققىچە بوشاشماي ئىشلەشكە توغرا كېلىدىكەن. 

    خىزمەت نىشانىغا قارىتا، «پىلان»دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمالارنى ئەڭ زور چەكتە بايقاپ، جىنسىي تارقىلىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، زەھەرنى ئۇكۇل قىلىش ئۇرۇش ئارقىلىق تارقىلىش، قاندىن يۇقۇش ۋە ئانا-بالىدىن يۇقۇش يوللىرى ئۈنۈملۈك ئازايتىلىپ، كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلىگەن، يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ ھاياتلىق سۈپىتى پەيدىنپەي يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي كەمسىتىش ئۈزلۈكسىز ئازايتىلىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە تۇرغان. 

    بىرىنچى، ئاھالىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش بىلىملىرىنى ئىگىلەش نىسبىتى % 85 تىن يۇقىرى بولغان. كۆچمە نوپۇسلار، ياشلار، ئوقۇغۇچىلار، نازارەت سورۇنلىرىدىكى نازارەت قىلىنىۋاتقان كىشىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە ئەيدىز خەتىرى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش بىلىملىرىنى ئىگىلەش نىسبىتى % 90 تىن يۇقىرى بولغان.

    ئىككىنچى، ئەر ھەمجىنسلارنىڭ جىنسىي قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئەيدىز يۇقۇش نىسبىتى % 10 تىن يۇقىرى ئازايغان، باشقا جىنسىي تارقىلىش خېيىم-خەتىرى بولغان قىلمىشلاردىن يۇقۇش نىسبىتى % 0.5 تىن تۆۋەن كونتىرول قىلىنغان. زەھەر تاشلاتقۇزۇش دورىلىرى بىلەن داۋالىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى % 0.3 تىن تۆۋەن كونتىرول قىلىنغان. 

    ئۈچىنچى، ئەر-ئايالدىن بىر تەرەپنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئائىلىدىكى جۆرىسىدىن تارقىلىش نىسبىتى % 1 تۆۋەنلىگەن. ئەيدىز ئانا-بالىدىن تارقىلىش نىسبىتى % 4 تۆۋەنلىگەن. 

    تۆتىنچى، ئۆزىدىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىغا دىياگنوز قويۇپ بايقىغان ھەم بىلگەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ نىسبىتى % 90 تىن يۇقىرى بولغان. داۋالاش شارائىتىغا ماس كېلىدىغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى % 90 تىن يۇقىرى بولغان، ۋىروسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمالارنى داۋالاشنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش نىسبىتى % 90 تىن يۇقىرى بولغان، جۇڭگو تېبابىتى بويىچە داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ئادەم سانى 2015-يىلىدىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان.