ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ئۇيغۇر شىلەيلې-ئاجايىپ تېۋىپ رىۋىدۇللانىڭ ئەپتى-بەشىرىسى
ۋاقتى : 2017-01-28 22:20:26  مەنبەسى : ئەلداۋا سالونى  يوللىغۇچى : يارپ

ئۇيغۇر شىلەيلې-ئاجايىپ تېۋىپ رىۋىدۇللانىڭ ئەپتى-بەشىرىسى

 

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى 27-يانۋار خەۋىرى، ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈندىدارىدا 72 خىل كېسەلنى داۋالاپ ساقايتالايدىغان، ساقايمىسا بىر موچەن پۇل ئالمايدىغان، ئۇيغۇرلاردىن چىققان «شىلەيلې»، گۇچۇڭدىكى رىۋىدۇللا «ئاجايىپ تېۋىپ» نىڭ تەرىپى قىلىنغان بىر قىسقا فىلىم كەڭ تارقالدى، بۇ فىلىم ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قىزىق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى. تۆۋەندىكى فىلىمگە قارالسۇن.

https://v.qq.com/x/page/t0370qzcft9.html

 

بۇ فىلىم دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆز كېسىلىگە شىپا، رەنجىگە داۋا ئىزدەپ يۈرگەن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان بولۇپ، ھەتتا يۈزلىگەن كىشى بۇ «ئاجايىپ تېۋىپ» قا كۆرۈنۈش ئۈچۈن سەپەر تەييارلىقىغا چۈشكەن. ئەلداۋا ساغلاملىق تورىنىڭ بورتالا سەھىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئابدۇنۇر ئابلىمىتتىن ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇنۇر ئەپەندى بۇ قىسقا فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن فىلىمدىكى گەپ-سۆزلەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى بايقىغان، كەڭ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، بىمارلارنىڭ ھاياتى ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماستىن، ئۆز يانچۇقىنى تومپايتىشنىلا مەقسەت قىلغان «كاززاپ تېۋىپ» نىڭ بۇ قىلمىشىغا سەھىيە نازارەت خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىغان.

 

ئابدۇنۇر ئەپەندى يۇقىرىقى قىسقا فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە تارماقلىرىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان. ئارقىدىن ئۆزىنىڭ ئۈندىدارىدا يۇقىرىقى فىلىمدىكى گەپ-سۆزلەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغان-ياۋىداق گەپ-سۆزلەر ئىكەنلىكىنى، كەڭ ئاممىنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئالدىنىپ قالماسلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۇچۇر تارقاتقان. بۇ ئۇچۇرمۇ ئۈندىداردا كەڭ تارقالغان ھەمدە ئابدۇنۇر ئەپەندىگىمۇ دىيارىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىكى كىشىلەردىن مەسلىھەت سوراش تېلېفونلىرى كېلىشكە باشلىغان، پەقەت ئالدىنقى كۈنى 1 كۈن ئىچىدىلا قوبۇل قىلغان تېلېفون 100 دىن ئاشقان، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرىقى قىسقا فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن، ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي «ئاجايىپ تېۋىپ» رىۋىدۇللانىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ كېسىلىنى كۆرسەتمەكچى بولغان، ئارقىدىن ئابدۇنۇر ئەپەندىنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرۈپ ئىككىلىنىپ قالغان.

 

 

بۇ جەرياندا، ئۈندىداردا «ئاجايىپ تېۋىپ» رىۋىدۇللاغا ئائىت نۇرغۇنلىغان، ھەرخىل ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىغان، بەزىلىرىدە بۇ كىشى مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن، ئەسلى بىر سەيپۇڭ ئىدى، كېيىنرەك ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان دۇكان ئېچىپ «تېۋىپ» بولۇۋالدى دېيىلىسە، بەزىلىرىدە يەنە ئاللاكىملەرنىڭ ئون نەچچە مىڭ يۈەنلىك دورا ئىشلىتىپ بولسىمۇ، كېسىلىنىڭ يەنىلا ھېچقانداق شىپا تاپمىغانلىقىغا ئوخشاش ئاچچىق ھېكايىلەر سۆزلەنگەن ئىدى. بىزنى تېخىمۇ چۈچۈتكىنى شۇ بولدىكى، ئۆزىنى «ئاجايىپ تېۋىپ» رىۋىدۇللانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى دەپ ئاتىۋالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئابدۇنۇر ئەپەندىگە تېلېفون ئۇرۇپ، ئۇنى تىللاپ ھاقارەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان. ئەمما، ئابدۇنۇر ئەپەندى بۇ تەھدىتلەردىن قىلچىمۇ قورقماي، ئالاقىدار ئورۇنلارغا داۋاملىق ئەھۋالنى پاش قىلغان ۋە مەسلىھەت سوراپ تېلېفون قىلغان كىشىلەرگە، ئەھۋالنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، «ئاجايىپ تېۋىپ» نىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنى بۇ خىل «كاززاپ تېۋىپ» لارغا ئەخمەق بولماي، ھەقىقى كەسپىي سالاھىيەت ھازىرلىغان پەزىلەتلىك تېۋىپ-دوختۇرلارغا كۆرۈنۈشنى تەۋسىيە قىلغان.

https://v.qq.com/x/page/z0370b3tdb8.html

 

 

1-ئاينىڭ 26-كۈنى، گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى رىۋىدۇللانىڭ دۇكىنىغا بېرىپ، ئەھۋالنى تەكشۈرگەن ۋە ئۇنىڭدىن دوختۇرلۇق كەسپىي سالاھىيىتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قانۇنسىز كېسەل كۆرۈش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن رىۋىدۇللا جامائەتچىلىككە يۇقىرىدىكى مەزمۇندا ئاشكارا ئۇچۇر تارقىتىشقا مەجبۇر بولغان.