ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
بىل گەيتىس: مەن 2030-يىللىرى ئەيدىزنىڭ تۇگەيدىغانلىقىغا تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچتە دىدى
ۋاقتى : 2016-08-10 10:49:02  مەنبەسى : شىنجاڭ ئەيدىز تورى  يوللىغۇچى : يارپ

بىل گەيتىس: مەن 2030-يىللىرى ئەيدىزنىڭ تۇگەيدىغانلىقىغا تۇلۇپ تاشقان ئىشەنچتە دىدى

 


ئالدىنقى ھەپتە، 21-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەيدىز يىغىنى جەنۇبى ئافرىقىدا غەلبىلىك يېپىلدى. 18مىڭدىن ئارتۇق تەتقىقاتچى، داۋالاش خادىمى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، خەلىقئارالىق ئاپپاراتلارنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتنىشىپ «ئەيدىزنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشى »غا ئالاقىدار تەتقىقات ۋە ئىلگىرلەش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلدى.
دۇنيا ئەيدىز يىغىنى ھەر تۆت يىلدا بىرقېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «2030-يىلىغا بارغاندا ئەيدىزنى تۈگىتىش»نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. چارلىز سېرون ۋە ئېلتون جون قاتارلىق چولپانلارنىڭ قاتنىشىشى تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىسا، بىل گەيتىس ۋە ئۇنىڭ ئېسىل نوتۇقى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈردى. ئەيدىز ۋىروسىنى تىزگىنلەش بولسا گەيتىس فوندىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتى. ھازىرغا قەدەر بۇ فوند دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلارغا 2مىليارد500مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئەيدىز ۋىروسىنى تىزگىنلەش مەبلىغى ياردەم قىلدى، ھەمدە دۇنيا مىقياسىدا ئەيدىز، ئۆپكە تىبىركليۇزۋە بەزگەككە تاقابىل تۇرۇش فوندىغا 1مىليارد400مىليون دوللار ياردەم بىرىشكە ۋەدە بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەيدىزدىن مۇداپىيلىنىش داۋالاش مۇلازىمىتىگە بولغان مەبلەغ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلدى.

بىل گەيتىس: ”مەن ئۈمۈدۋارلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى. مەن ئەيدىزنى تۈگىتىشكە ئۈمۈد بىلەن قارايمەن، بىزنىڭ ھازىر قوللىنىۋاتقان تەدبىرىمىزدىن خۇشال بولىمەن، شۇنداقلا مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلارنىڭ زور تىرىشچانلىقىدىن ئۈمۈدلىنىمەن“، ئۇ يەنە ”شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئىتتىپاقلاشتۇرغىلى بولىدىغان بارلىق ئادەم ۋە كۈچنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەيدىزنى ئورتاق يېڭىشىمىز كېرەك. بۇنداق قىلىشتا ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىق بەلكىم بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەيدىزنى تۈپ يىلتىزىدىن تۈگىتىشتىن ئىبارەت بۇ گۈزەل ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز“دىدى.
بىرنەچچە يىلنىڭ ئالدىدا «ئەيدىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان جاھىل ۋىروسنى يېڭىش»ئارزۇسى يەتكىلى بولمايدىغان بىر ئىشتى. لېكىن بىز بۇ قېتىملىق ئەيدىز يىغىنىدىن بۇ مەسىلىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەبلەغ، تەتقىقات سېلىنمىسى ۋە ئىتىبارنى قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۇق، بۇ بىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئاخىرى ئەيدىز كىسىلىنى داۋالايدىغان ئۇسۇلنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىشكە سەۋەپ بولالايدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «2030-يىلىغا بارغاندا ئەيدىزنى تۈگىتىش»نىشانىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن بۇيان، دۇنيا ئەيدىز يىغىنى باشتىن-ئاخىر داۋالاش ئۇسۇلىنى تېپىشنى ئاساسلىق تېما قىلىپ كەلدى. دۇنيادىكى ئەيدىزگە قارشى تۇرۇش رەھبەرلىرى، 2016يىلىنى ناھايىتى مۇھىم بىريىل دەپ قارىدى.

”مەن ھېلىمۇ ئۈمۈدۋارلىق بىلەن بىزنىڭ ئون يىل ئىچىدە، بىرخىل يىتەرلىك تاقابىل تۇرۇش كۈچى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان ئەيدىز كىسىلى ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن“. گەيتىس ھەقىقەتەنمۇ نېمىنى ئويلىسا شۇنى قىلىدىغان ئادەم.