ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
شىنجاڭدىكى جىنسى يول ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى
ۋاقتى : 2016-02-19 16:46:56  مەنبەسى : ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيىتى  يوللىغۇچى : يارپ

شىنجاڭدا جىنسىي يول ئارقىلىق ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنشى نىسبىتى %85.5 كە يەتتى

 

 

جىنسىي يول ئارقىل ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇنلانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسىلىنى تاراقىتقانلار ئەيدىز بىمالىرى ئىچىدە بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلىدى. 2015- يىلى بۇ نىسبەت %85.5 كە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتى ئىشخانىسى شىنجاڭدىكى ئەيدىز كېسلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالى توغرىىسدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەل ۋە ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى نى مىڭجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىشتا، ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارىسىدا تارقىلىش نىسبىتى ئالدىنقى يىلدىكىگە قارىغاندا سەل ئۆرلەپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ %2.6 تىنى ئىگىلىدى.ئىگىلىنىشىچە، 2015- يىلى 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە دوكلات قىلىنغان نۆۋەتتە شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقان يېڭىدىن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچى 3890 غا يەتكەن، ئەيدىز بىمارى 1566 گە يەتكەن ( بۇنىڭ ئىچىدىكى 191 كىشى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىدىن تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز بىمارىغا ئايلانغان ). 927 كىشى بۇ كېسەل بىلەن قازا قىلغان. نى مىڭجيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2015- يىللىق ستاتىستىكىدا شىنجاڭدا ئەيدىزنىڭ جىنسىي يول بىلەن تارقىلىش نىسبىتى %85.5، زەھەر چېكىش يولى بىلەن تارقىلىش نىسبىتى %11.4 بولغان. ئەمما 2008- يىلدىن ئىلگىرى ئەيدىزنىڭ جىنسىي يول بىلەن تارقىلىش نىسبىتى بىلەن زەھەر چېكىش ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى ئوخشاش بولۇپ 1:1 گە بولغان. 2008- يىلدىن كېيىن ئەيدىزنىڭ جىنسىي يول بىلەن تارقىلىش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئاشقان.