ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئەيدىز خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئەيدىز خەۋەرلىرى
ئىنسانلار 15 يىلدىن كېيىن ئەيدىز تەھدىتىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن
ۋاقتى : 2016-02-01 16:57:18  مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  يوللىغۇچى : يارپ

ئىنسانلار 15 يىلدىن كېيىن ئەيدىز تەھدىتىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن

 


 

ئىنسانلار 15 يىلدىن كېيىن ئەيدىز تەھدىتىدىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن
ب د ت خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: دۇنيا ئۆتكەن 15 يىلدىن بۇيان ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە دۇنيانىڭ كەلگۈسى 15 يىلدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلۇشىدىن ئۈمىد بار. بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاغرىق ۋاقتىدا داۋالىنىشى كېرەك.
ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسىنىڭ ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2005- يىلى ئەيدىز ۋىرۇسى بويىچە داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغانلار 2 مىليون 200 مىڭغا؛ 2010- يىلى 7 مىليون 500 مىڭغا؛ 2015- يىلى ئىيۇنغىچە 16 مىليون ئادەمگە يەتكەن، بىراق بۇ سان دۇنيادىكى 36 مىليون 900 مىڭ ئەيدىز ئاغرىقىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەن.