ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى ئەڭ يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى
ۋاقتى : 2017-11-22 22:06:53  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : يارپ

نۇر تورى تەرجىمىسى:

2017-يىلى 20-نويابىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى «ساغلاملىق ھوقۇقۇم» ناملىق ئەڭ يېڭى دوكلاتنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا ئالاقىدار داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلار سانى كۆرۈنەرلىك ئېشىۋېتىپتۇ. ھەمدە بۇ دوكلات ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ خەلق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقىنىڭ قەدىرلەش ۋە قوغداش بۇرچى بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەرگەن.

 

ساغلاملىقىم، ھوقۇقۇم

ئۆزىمىزنى قوغداپ ساغلام تەنگە ئېرىشەيلى

 

1. ھازىرقى ئېشىش سۈرئىتىگە ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى 1 مىليون 600 مىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بالىلار، ۋىرۇسنىڭ تەتۈر يۆتكىلىشىگە قارشى داۋالىنىش نىشانىغا يېتەلمەيدىكەن.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=ھاياتنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغان داۋالاشقا ئېرىشىش پۇرسىتى

1.bmp

2. قىزلارنىڭ تەربىيەلىنىش پۇرسىتى كۆپەيسە، بالدۇر توي قىلىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماس ھالدا ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=تەربىيەلىنىش، بىخەتەر مائارىپ تەربىيەسىگە ئېرىشىش

3. ھەريىلى 870 مىڭ ئەيدىز بىمارى ئاياللار ۋە قىزلار.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنىش

2.jpg

4. خانىم-قىزلارغا ساغلاملىققا ئالاقىدار تاللاشلارنى تاللىيالايدىغان ھوقۇقنى ئاتا قىلغاندىلا، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=مائارىپ،ئۇچۇر ۋە تېخنىكىغا ئېرىشىش

5. جەنۇبى ئافرىقىدا ئاران ئوندىن ئۈچ ئۈلۈش ياش ئايال مۇكەممەل ۋە توغرا بولغان ئەيدىزگە ئالاقىدار چۈشەنچىگە ئىگە.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=مائارىپ،ئۇچۇر ۋە تېخنىكىغا ئېرىشىش

3.jpg

6. ئەيدىز كېسىلىنى يوقىتىش نىشانىنى تېزراق ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 30 مىليون ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ 2020-يىلى ۋىرۇسنىڭ تەتۈر يۆتكىلىشىگە قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=ئەيدىز كېسىلى داۋالاش،قوللاش ۋە غەمخورلۇق قىلىشقا ئېرىشىش

4.jpg

7. كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدىكىلەر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن تاللاپ، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش

8. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشتا ئۇچرايدىغان توسقۇنلۇق بولۇپ، جىنايەت بېكىتىش ۋە قانۇننى قالايمىقان ئىشلىتىش ھادىسىسى.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=قانۇنىي قوغداشقا ئېرىشىش.

5.jpg

9. ئەيدىز كېسىلى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملىنىش ۋە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى تۈگىتىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئۇلارنى كەمسىتىشنى تۈگىتىشىمىز كېرەك.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=ھۆرمەتلىنىش

6.jpg

10. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا بولغان كەمسىتىشنى يوقىتىپ، ئۇلارغا ئوخشاش ئەڭ ئاجىز كىشىلەر توپىغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=قانۇنىي قوغداشقا ئېرىشىش

7.jpg

11. ھەر 4 مىنۇتتا بىر نەپەر ئىشپىرىس بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى كۆپىيىدۇ.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=زىيانلىقلارنى ئازايتىش ۋە ئاممىۋى سەھىيە تۈرلىرىگە قاتنىشىش

8.jpg

12. 2016-يىلىدا، 10 مىليوندىن ئارتۇق ئۆپكە تۇبېركۇليۇز بىمارى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. بۇ سان پۈتۈن دۇنيادىكى ئۆپكە تۇبېركۇليۇز بىمارلىرى سانىنىڭ 10% نى ئىگىلەيدۇ.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=تۇبېركۇليۇز ۋە ئەيدىزگە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەرگە ئېرىشىش

9.jpg

13. 2016-يىلى 374 مىڭ ئەيدىز بىمارى تۇبېركۇليۇز سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ سان ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 40% تىنى ئىگىلەيدۇ.

ساغلاملىق ھوقۇقۇم=ھاياتنى قۇتقۇزىدىغان دورىغا ئېرىشىش

OK XJaids --- Yarp 2副本.jpg