ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن ب د ت ئەيدىز لايىھە مەھكىمىسى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلدى: ئەيدىزنى مەجبۇرىي تەكشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىشقا بولمايدۇ
ۋاقتى : 2017-09-12 12:35:43  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

ب د ت ئەيدىز لايىھە مەھكىمىسى 8-سېنتەبىر ئورگان تور بېكىتى مىكرو بىلوگىدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) بىلەن بىرگە ، ئەيدىز تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا ئېيتىلىشىچە، ئەيدىزنى تەكشۈرۈش مەيلى قانداق يولغا قويۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم شەخىسنىڭ تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشى، چوقۇم ئەخلاق ۋە كىشلىك ھوقۇق پىرىنسىپىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەككەن. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ب د ت ئەيدىز لايىھە مەھكىمىسى ئاممىۋى سەھىيەنىڭ شەخىسنى مەجبۇرلاپ، زورلاپ ئەيدىزنى تەكشۈرۈشىنى تەشەببۇس قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
باياناتتا يەنە ئېيتىلىشىچە، ئەيدىز توغرىسىدىكى خاتا دىياگنوزنى ئامالنىڭ بارىچە ئازايتىپ، ئەيدىزنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىدە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سۈپەت ئۆلچىمى ۋە باشقا دۆلەت ياكى رايونلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى ئەيدىزنى تەكشۈرۈش دورىسى ۋە تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئىچىگە كىرگۈزۈش كېرەككەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ب د ت ئەيدىز لايىھە مەھكىمىسىنىڭ مەيدانى بولسا، ھەرقانداق ئادەمگە بىر قېتىملىق ئەيدىزنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەنلا مۇسبەت ئەيدىز ۋىرۇسى دەپ دىياگنوز قويۇلماسلىقى كېرەك، دۆلەتلىك ئەيدىزنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى مۇسبەت ئەيدىز ۋىرۇسى ياكى ئەمەسلىكىنى ئېنىق ئايرىشى كېرەككەن.
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى