ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
قەشقەردىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى
ۋاقتى : 2013-03-15 18:41:26  مەنبەسى : جۇڭگو ئەيدىز كېسەللىكلىرى ژورنىلى  يوللىغۇچى : مەقسەت

                 قەشقەردىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى(2003-2004)

 

   ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ  ئەيدىز ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﻩ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ-ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ  ئەيدىزنىڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ – ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ 2003 – ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ 2004 – ﻳﯩﻠﻰ 2 – ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻣﯩﺰ :

      ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ،ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺑﯩﻴﯧﻜﺘﻰ

 ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ 4 ﺧﯩﻞ ﺗﻮﭘﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺑﯩﻴﯧﻜﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ.
1. ﺯﻩﮬﻪﺭ ( ﺋﻪﭘﻴﯘﻥ، ﻧﻪﺷﻪ، ﻛﻮﻛﺎﻳﯩﻦ،ﺧﯩﺮﻭﺋﯩﻦ ) ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ
2. ﺟﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﻰ ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
3. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺒﻮﻻﺗﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ 13 ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ
4. ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ

ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ، ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ

 1. ﺯﻩﮬﻪﺭﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻰ

 ﺯﻩﮬﻪﺭﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ 400 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺯﻩﮬﻪﺭ ﺗﺎﺷﻼﺗﻘﯘﺯﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 99 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ – ﻛﻮﻣﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻗﻼﺭ 301 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ 351 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ 49 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﻳﯧﺸﻰ8. 38 ﻳﺎﺵ، ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯕﻰ 83، ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ 16 ﻳﺎﺵ. ﺧﻪﻧﺰﯗ 28 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 369ﻧﻪﭘﻪﺭ (% 25. 92 ).
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﯞﺍﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﻰ 111 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ 102 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ 22ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﯘﺭﺳﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﺭ 10 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ 253 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻛﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ 147ﻧﻪﭘﻪﺭ.
306 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯔ ﺟﯚﺭﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 30 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺟﯚﺭﯨﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺟﻨﺴﯩﻲ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﯩﻤﯘ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﯧﻜﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ 400 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺯﻩﮬﻪﺭ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ 310ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ 95 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ئەيدىز ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ؛  ﻳﻪﻛﻪﻥﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ 90 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﻮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ 2 ﻧﻪﭘﻪﺭﻛﯩﺸﻰ ئەيدىز ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

 ﺑﯘ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ئەيدىزﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰﺳﺎﯞﺍﺩﻯ ﻳﻮﻕ ﺩﯨﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ %70ﮔﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .

  2. ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺗﻮﭘﻰ

  ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﮬﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﻼﺭﺩﯨﻦ 300 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﻟﮕﻪﻥﺑﻮﻟﯘﭖ، 33 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪﺍ، 175 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥﻛﯜﺗﯜﺵ، ﮬﻮﺭﺩﺍﻗﺨﺎﻧﺎ، ﻗﺎﯞﺍﻕ، ﻛﺎﺭﺍﺋﻮﻛﯧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ، 92 ﻧﻪﭘﯩﺮﻯ ﺳﺎﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﺎ، ﭘﻪﺭﺩﺍﺯﺧﺎﻧﺎ، ﭘﯘﺕ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ، ﻛﻮﭼﺎ – ﻛﻮﺗﺎﯓ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ 16 ﻳﺎﺵ، ﭼﻮﯕﻰ 45 ﻳﺎﺵ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ 3. 24 ﻳﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ205 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 87 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ 8 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
    ﺑﯘ 300 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 2 ﻧﻪﭘﻪﺭئەيدىز ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ.
    ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 1 ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍﻗﺎﭘﭽﯘﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ 167 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ 27 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺩﺍﺋﯩﻢﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ 20 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﮬﻪﺭﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ86 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﭘﭽﯘﻕﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

  3. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﻣﺒﻮﻻﺗﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭ

ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﯜﭼﻰ 400 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﺭ 244 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﺎﻳﺎﻝ 156 ﻧﻪﭘﻪﺭ. ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ 304 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ 81 ﻧﻪﭘﻪﺭ؛ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ 235 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 159 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ 6 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ئەيدىز ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ . ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺳﯩﻔﻠﯩﺴﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯘﻣﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭ 23 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

 4. ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ

  ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 802 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﭽﯩﻜﻰ 16 ﻳﺎﺵ، ﭼﻮﯕﻰ 40 ﻳﺎﺵ. ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭ 760 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ 42 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ 729 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ 61 ﻧﻪﭘﻪﺭ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ 12 ﻧﻪﭘﻪﺭ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ 1 ﻧﻪﭘﻪﺭ ئەيدىز ﻳﯘﻗﯘﻣﺪﺍﺭﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ئەيدىزﮔﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭﺳﺎﯞﺍﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ 70%ﮔﯩﻤﯘﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.
—————-

ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ : ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ << ﺟﯘﯕﮕﻮئەيدىز ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ >> ﺩﯦﮕﻪﻥﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻨﯩﯔ 2005 –ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 10 – ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ 11 – ﺟﯩﻠﯩﺖ 5 – ﺳﺎﻥ 354 –ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯧﺰﮔﯩﻨﻠﻪﺵﻣﻪﺭﻛﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.