ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ شۇئارلىرى
ۋاقتى : 2015-01-06 08:45:03  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ

 

دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ شۇئارلىرى

 

دۇنيادىكى تۇنجى ئەيدىز يۇقۇمدارىغىمۇ دەل 1981-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دىئاگىنوز قويۇلغان    

1988-يىلى 1-ئايدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر يىلدىكى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە تۈرلۈك خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مۇشۇ كۈندە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت بىلىملەرنى تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلدى.
دۇنيا ئەيدىز كۈنىنىڭ بەلگىسى بولغان «قىزىل لېنتا» ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشقا، ھەمدە بىرلىكتە ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇشقا سىموۋۇللۇق قىلىدۇ.

                

 

سۈرەتتە: قىزىل لېنتا

 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەر يىلى دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە، ئەيدىزگە ئائىت بىر باش تېما چىقىرىدۇ، ھەمدە شۇ تېما مەزمۇنى ئاساسىدا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ يىللىق باش تېما ئالدىنقى ئىككى يىلنىڭكىگە ئوخشاش، يەنى «نۆل ئەيدىزگە يۈزلىنەيلى». بۇنىڭ مەنىسى- ئەيدىزنىڭ يېڭىدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى، ئەيدىزنى كەمسىتىشنى ۋە ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈش نىسبىتىنى نۆلگە يۈزلەندۈرەيلى، دېگەنلىك بولىدۇ.

 

ئۇنداقتا، بىز 1988-يىلىدىكى تۇنجى ئەيدىز كۈنىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان باش تېمىلارنىڭ ئۇيغۇرچە، ئېنگلىزچە ۋە خەنزۇچىلىرىنى كۆرۈپ باقايلى!

1988-يىلى



دۇنياۋىي ھەرىكەتكە قاتنىشايلى!



Join the Worldwide Effort



全球共讨,征服有期



1989-يىلى



تۇرمۇشىمىز، دۇنيارىمىز—بىر-بىرىمىزگە كۆيۈنەيلى!



Our Lives, Our World-Let's Take Care of Each Other



我们的生活,我们的世界——让我们相互关照




1990-يىلى



ئاياللار ۋە ئەيدىز



Women and AIDS



妇女和艾滋病




1991-يىلى



ئەيدىزنىڭ رىقابىتىنى تەڭ كۈتىۋالايلى!



Sharing the Challenge



共同迎接艾滋病的挑战




1992-يىلى



ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى بار!



A Community Commitment



预防艾滋病,全社会的责任




1993-يىلى



ھەرىكەتكە ئاتلىنىدىغان ۋاقىت كەلدى!



Time to Act



时不我待,行动起




1994-يىلى



ئەيدىز ۋە ئائىلە



AIDS and the Family



艾滋病和家庭




1995-يىلى



ھوقۇقتىن تەڭ بەھىرلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى تەڭ ئۈستىمىزگە ئالايلى!



Shared Rights, Shared Responsibilities



共享权益,共担责任




1996-يىلى



ئوخشاش بىر دۇنيا، ئوخشاش بىر ئۈمىد



One World. One Hope



同一世界,同一希望




1997-يىلى



ئەيدىز دۇنياسىدا ياشاۋاتقان بالىلار



Children Living in a World with AIDS



生活在有艾滋病世界中的儿童




1998-يىلى



ياشلار ئەيدىز بىلەن كۆرەش قىلىدىغان غالىب كۈچ!



Force for Change: World AIDS Campaign with Young People



青少年:迎战艾滋病的生力军




1999-يىلى



ئاڭلاڭ، ئۆگىنىڭ، ھۆرمەتلەڭ!



Listen, Learn, Live!



倾听,学习,尊重




2000- يىلى



ئەرلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى (ئېنگلىزچىسى: ئەرلەر ئۆزگەرتىش ئېلىپ كېلىدۇ)



Men Make a Difference



男士责无旁贷




2001- يىلى



ھەممىمىز بىرلىكتە قاتنىشايلى! (ئېنگلىزچىسى: مەن كۆيۈنىمەن، سىزچۇ؟)



I Care. Do You?



你我同参与




2002- يىلى



ئۆز-ئارا كۆيۈنۈپ، ھاياتتىن بەھىرلىنەيلى! (ئېنگلىزچىسى: ياشا، ھەم ياشات)



Live, Let Live



相互关爱,共享生命




2003- يىلى



ئۆز-ئارا كۆيۈنۈپ، ھاياتتىن بەھىرلىنەيلى!



Live, Let Live



相互关爱,共享生命




2004-يىلى



ئاياللارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەيدىزگە قارشى تۇرايلى! (ئېنگلىزچىسى: ئاياللار، قىزلار ۋە ئەيدىز)



Women,Girls,HⅣand AIDS



关注妇女,抗击艾滋




2005-يىلى



ئەيدىزنى تىزگىنلەپ، ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى!



Stop AIDS. Keep the Promise



遏制艾滋,履行承诺




2006-يىلى



ئەيدىزنى تىزگىنلەپ، ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى!



Stop AIDS. Keep the Promise



遏制艾滋,履行承诺




2007- يىلى



رەھبەرلەر رولىنى جارى قىلدۇرايلى: ئەيدىزنى تىزگىنلەپ، ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى!



Take the Lead: Stop AIDS, Keep the Promise



发挥领导作用:遏制艾滋,信守承诺




2008-يىلى



رەھبەرلەر رولى ۋە كۈچنى ئاشۇرۇپ، ۋەدىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى!



Lead, Empower, Deliver



领导作用、增强力量和履行承诺




2009-يىلى



مۇمكىنچىلىكنى ۋە ئىنسان ھوقۇقىنى ئومۇملاشتۇرايلى!



Universal Access and Human Rights



普遍可及和人权




2010-يىلى



مۇمكىنچىلىكنى ۋە ئىنسان ھوقۇقىنى ئومۇملاشتۇرايلى!



Universal Access and Human Rights



普遍可及和人权




2011-يىلى



ھەرىكەتكە كېلىپ، نۆل ئەيدىزگە يۈزلىنەيلى!



Getting to Zero



行动起来,向“零”艾滋迈进




2012-يىلى



ھەرىكەتكە كېلىپ، نۆل ئەيدىزگە يۈزلىنەيلى!



Getting to Zero



行动起来,向“零”艾滋迈进




2013-يىلى



ھەرىكەتكە كېلىپ، نۆل ئەيدىزگە يۈزلىنەيلى!



Getting to Zero



行动起来,向“零”艾滋迈进




2014-يىلى



ھەرىكەتكە كېلىپ، نۆل ئەيدىزگە يۈزلىنەيلى!



Getting to Zero



行动起来,向“零”艾滋迈进