ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
پەرزەنتلىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنى زەھەرنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇرايلى!
ۋاقتى : 2011-11-26 16:39:39  مەنبەسى : شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش تورى  يوللىغۇچى : ئەرك

    رەشىدە ھەبىبۇللا

    ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى بولسىمۇ، كۈندىكىدەك نەرسىلىرىمنى يىغۇشتۇرۇپ ئۆيگە مېڭىشنىڭ ئورنىغا قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم.چۈنكى بايىقى بىر ياش بىلەن بولغان سۆھبەت مېنى ھېچ ئارام تاپقۇزىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

    مەن ئامبۇلاتورىيىدە خىزمەت قىلىمەن، ئامبۇلاتورىيىمىزدە باشقا ئادەتتىكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدىن باشقا يەنە، زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغۇچىلارنى داۋالاش، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىش بۆلۈملىرى تەسىس قىلىنغان. مەن پىسخىكىدىن مەسلىھەت بېرىشكە مەسئۇل، ئاساسلىق خىزمىتىم زەھەرگە خۇمار بولغۇچىلارنى پىسخىكىلىق داۋالاش. زەھەر چەككۈچىلەردە زەھەر چەككەندىن كېيىن زەھەرگە نىسبەتەن پىسخولوگىيەلىك تايىنىشچانلىق پەيدا بولىدىغان بولغاچقا، ئۇلارغا پىسخولوگىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىن يېتەكلەش ناھايىتى مۇھىم.

    ياخشى پىسخىكا دوختۇرى بولۇش ئۈچۈن ياخشى بولغان ئوبراز، زەھەرگە مۇناسىۋەتلىك پۇختا بىلىم، ياخشى بولغان يېتەكلەش ئىقتىدارى مۇھىم بولغاچقا، توختىماي ئىزدىنىپ يېڭى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ بىلىم دائىرەمنى كېڭەيتىپ تۇرۇشىمغا توغرا كېلىدۇ.

    بۈگۈنمۇ ئەتىگەندە كېلىپلا ئادىتىم بويىچە زەھەر چەكلەش توربەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان يېڭى ماقالىلەرنى ۋە خەۋەرلەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم.

    تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چۇمادو يەپ ئايلىنىپ چۈشتى....؛ 5 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توپلىشىپ زەھەر چېكىپ تۇتۇلۇپ قالغان......

    يۇقارقىدەك خەۋەرلەر يېقىندىن بۇيان دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. دېمەك، ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزمۇ زەھەرنىڭ زىينىغا ئۇچراۋاتاتتى، مېنىڭچە بۇ ئەھۋال زەھەرنىڭ شەكلىدىكى ئۆزگىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زەھەرنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، بۇرۇنقى خىروئىن ، ئەپىيۇن، كوكائىن ، نەشە قاتارلىق ئەنئەنىۋى زەھەرلەرنىڭ ئورنىنى كىرىستال زەھەر، چۇمادو، باش چايقىتىش كومىلىچى،kتالقىنى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى زەھەرلەر ئالغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى زەھەرنى پىششقلاش ئىشلەش قولايلىق، نىسبەتەن ئەرزان بولغاچقا جەمئىيىتىمىزگە يامرىماقتا ۋە ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز ئارىسىغا سىڭىپ كىرمەكتە. بۇ خىلدىكى زەھەرلەرنىڭ ھاياجانلاندۇرۇش، نېرۋىنى غىدىقلاش، خىيالىي تۇيغۇغا كەلتۈرۈش رولى بولغاچقا، بۇ خىلدىكى زەھەرنى يىگەن ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز كونتىروللىقىنى يوقىتىپ، زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنى سادىرقىلىدۇ، بۇ خىلدىكى زەھەرنى ئۇزاق مۇددەت يىگەندە ئادەم نېرۋا سېستىمىسى ھۈجەيرىسىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، روھىي كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، باشقا سېستىمىلارنىڭ ئىقتىدارىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى يېڭى تىپتىكى زەھەرنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ.

    «13 ياشلىق قىز نېمە ئۈچۈن زەھەر چېكىش يولىغا مېڭىپ قالىدۇ؟» بۇ تېمىنى چىكىپ تۇرۇشۇمغا ئامبۇلاتورىيە باشلىقىمىز بىلەن 17-18 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر يىگىت كىرىپ كەلدى.

    «رەشىدە، بۇ يىگىت چۇمادوغا خۇمار بولۇپ قاپتۇ، سىز بۇياق بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ، ئەھۋالىنى ئىگىلەپ بېقىڭ، ئاندىن كونكىرىت داۋالاش لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقايلى» باشلىقنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزەمنى كونتىرول قىلالمىغان ھالدا ئۇنىڭغا ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە قاراپ سالدىم ھەم دەماللىققا ئىنكاس قايتۇرالمىدىم.

    چۈنكى بۇ يىگىتنى كۆرگەن كىشى ئۇنى زەھەر چەككۈچى ئەمەس بىر پۇلدار ئائىلىنىڭ بەگزادىسى، كىنو ئارتىسى ياكى مودېل دەپ پەرەز قىلاتتى.

    يىگىتنىڭ بويى 1.90 ئەتراپىدا بولۇپ، رەتلىك ۋە پوزۇر كىيىنگەن، چېچىنى ھازىر مودا بولۇۋاتقان شەكىلدە ياساتقان بولۇپ، قىزلار ھەرقانچە قىلىپمۇ ئېرىشەلمىگەن ئاپپاق تېرە، چاقماق كىرپىك، قاپقارا قەلەم قاشنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلىنغان ئىدى.

    نەچچە سېكۇنتلۇق كۈزىتىشتىن كېيىن ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم، ئۇ ئىشخانا تېمىغا ئېسىپ قويۇلغان زەھەر چەكلەشكە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرگە بىرمۇ-بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن « نېمە سورايسىزكىن؟» دېگەن نەزەردە ماڭا قارىدى.

    -ئىسمىڭىز نېمە؟

    -تەلئەت

    نەچچە ياشقا كىردىڭىز؟

    -17 گە

    -ئوقۇمسىز؟

    -كىچىكىمدىن مودېل بولۇش ئارزۇيۇم بولغاچقا، تۇلۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ مودېللىققا ئىمتىھان بەرگەن، ھازىر كىيىم مودېلى بولۇۋاتىمەن.

    دېمەك مېنىڭ دەسلەپكى پەرىزىم خاتا ئەمەس ئىدى.

    -قانداق بولۇپ چۇمادوغا خۇمار بولۇپ قالدىڭىز؟ قانچىلىك بولدى؟

    -ئىككى يىل بۇرۇنktvدا دوستلىرىمنىڭ «خۇمار قىلمايدۇ، كەيپىياتىڭنى كۆتۈرىدۇ، تېتىپ باقمامسەن» دېگەندەك قىززىقتۇرۇشلىرى بىلەن يەپ ساپتىمەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ دورىغا خۇمار بولۇپ قالدىم، بىر كۈن يېمىسەم پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىپ كېتىدۇ، چىدىماي يەنە يەيمەن.

    ئۇنىڭ «پۈتۈن بەدىنىم ئاغرىپ كېتىدۇ» دېگەن ۋاقىتتىكى چىراي ئىپادىسىدىن ئۇنىڭ خۇمارى تۇتقاندا قانچىلىك قىيلىنىدىغىنى كۆز ئالدىمغا كېلىپ، ئاچچىق بىر نەرسە يۈتىۋالغاندەك بولدۇم.

    -دورىنى نەدىن سېتىۋالىسىز؟

    -ktv ۋە باشقا جايلاردا يوشۇرۇن ساتىدىغانلار بار، شۇلاردىن سېتىۋالىمەن

    -ئاتا-ئانىڭىزچۇ؟ ئۇلار دورا يەيدىغىنىڭىزنى بىلەمدۇ؟

    -بىلىدۇ، بۇ يەرگىمۇ مىنى ئاپام ئەكەپ قويۇپ كەتتى، دەسلەپتە سەزمىگەن، كېيىن بىلىۋالدى.

    -ئاتا- ئانىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟

    -دادام سودىگەر دائىم سىرىتتا يۈرۈيدۇ، ئاپام باشلىق بولغاچقا يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن دائىم كاماندوروپكىغا چىقىپ كېتىدۇ، ئۆيدە مەن يالغۇز قالىمەن.

    دىئالوگ بۇ يەرگە كەلگەندە مەن مەسىلىنىڭ تۈگىنىنى بىلگەندەك بولدۇم.

    بۇ ئائىلىدە ئائىلە باشلىقى بولغان ئاتا-ئانا خىزمەتتە «ئالدىراش» بولغانلىقى ئۈچۈن دائىم سىرىتلاردا يۈرۈپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇھەببىتى، مۇڭدىشىشى، يېتەكلىشىگە مۇھتاج بولغان يالغۇز پەرزەنتىنى ئۆي دېسە ئۆي ئەمەس ، قاتتىق چىرايلىق بېزەلگەن ، ھەممە نىمە تەل « ھەشەمەتلىك تۆت تام» ئىچىگە تاشلاپ قويغان.

    ياشلاردا بولىدىغان ئۆزىنى تۇتىۋالالماسلىق ۋە قىزىقىش بۇ يىگىتنى رەڭگارەڭ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا باشلاپ كىرگەن، بۇيەردە «يېڭى دوستلار» ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچقان ۋە «دوست» لىرىنىڭ دەۋىتى بىلەن چۇمادونى «تېتىپ باققان».

    بۇ يىگىتنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىشىدا ئۇنىڭ قالايمىقان دوستلىرىنىڭ تەسىرىدىن باشقا،ئاساسلىق سەۋەب ئائىلە مۇھىتى ۋە ئاتا-ئانا تەربىيىسى.

    شۇڭا، ھۆكۈم قىلىش ، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى تۇلۇق يېتىلمىگەن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ زەھەرگە قۇل بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە چوقۇم ئىللىق ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى، پەرزەنتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىشىنى، ئۇلارنى پات-پات ئىللىق قوينىغا بېسپ ، ئاتا-ئانا مۇھەببىتىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇشىنى، ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا، توغرا يىتەكلەپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.