ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئايالنىڭ يېڭىچە قەدىمى
ۋاقتى : 2012-03-14 10:21:07  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : 亚普禁毒网

(غۇلجىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىنىڭ ھەقىقىي ھىكايىسى)

يازنىڭ تولىمۇ ئىللىق بىر كۈنى ئىدى.مەيىن شامال يۈزلەرنى يېنىككنە سۆيۈپ ئۆتەتتى،مەريەم ھويلىدا ئولتۇرۇپ، ئۇزاقتىن ئۇزاق خىيال سۈرىۋاتاتتى،توساتتىن ئېچىلغان دەرۋازا ئۇنىڭ خىيالنى بۆلدى.ھويلىغا ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىككى ئايال كادىرى كىرىپ كەلدى،ھەم ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىغاچ‹‹مەريەم،ئەتە ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرىست جەميىتىدىن كەلگەن خىزمەتچى خادىملار، تەۋەيىمىزدىكى ياشلارنى يىغىپ تەڭتۇشلار تەربىيىسى(ئەيدىز توغرىسىدىكى) كۇرسى ئاچماقچى، سىزمۇ بېرىپ قاتنىشىپ كىلىڭ››دىدى.مەريەم بۇ چاغداسەل ئىككىلىنىپ قالدى  ۋە ئۇلارغا ئويلىشىپ باقاي دەپلا يولغا سالدى.ئۇ ئەتىسى تولىمۇ تەستە بۇ كۇرۇسقا كەلدى.بۇ كۇرۇس 5كۈنلۈك بولۇپ، بۇ بەش كۇن جەريانىدا نۇرغۇنلىغان بىلىملەرنى بىلدى.لېكىنبۇ جەرياندا ئۇنىڭدا ھەم قۇرقۇش ھەم تەشۋىش پەيدا بولدى، چۈنكى ئۇنىڭ يولدىشى بۇرۇن زەھەرلىك چېكىملىك چەككەن ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستگە كۇرۇستا سۆزلەنگەن ئەيدىز  ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر يىقىندىن بىرى ئۇنىڭ يولدىشىدا پات-پات كۆرۈلىدىغان بوپ قالغان ئىدى.مەريەم بۇلارنى ئويلىغانسىرى بەك قورقۇپ تۇراتتى.ئۇ ئاخىرى يولدىشى ھەم ئۆزىنى قان تەكشۈرتۈپ بېقىش نىيتىگە كەلدى.2005-يىلى 5-ئايدا ئۇلار قان تەكشۈرەتتى،قاننىڭ نەتىجىسى بىر ھەپتىدىن كىيىن چىقىدىغان بولغاچقا، بۇ بىر ھەپتە ئۇنىڭ  ئۈچۈن بىر يىلدەك بىلىندى.

مانا ئۇنىڭ قولىدا قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى، شۇ تاپتا مەريەم نېمە قىلشنى بىلمەي قالدى.شۇ زامان ئۆلۈۋىلشىنى ئويلىدى،بىراق ئۇنىڭ تولىمۇ  تاتلىق 2 قىزى بار ئىدى،ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز –ئۆزىگە تەسەللىي بەرگەچ تەڭتۇشلار تەربىيىسى كۇرسىدا ئۈگەنگەن مەزمۇنلارنى ئويلىدى،ئارىدىن ھەش-پەش دېگۈچە 2-3ئايلار ئۆتۈپ كەتتى،ئۇ يەنە بىر قىتىم كۇرۇسقا قاتناشتى ھەم ئۆزىنىڭ قىزىل كىرىسىتنىڭ بىر پىدائىيسى  بولغانلىقىنى ئاڭلاپ قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەيلا قالدى،ئۇ پىدائىي بولغان كۈندىن تارتىپ،تۇنجى قەدىمىنى ئۆز مەھەللىسدىن باشلىدى. ئۇلارنىڭ مەھەللىسىدە زەھەر چىكىپ نابۇت بولغان،مۇشۇ سەۋەپتىن ۋەيران بولغان ئائىللەر تولىمۇ نۇرغۇن ئىدى.ئۇ ھەركۈنى نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرگە كىرىپ،زەھەرلىك چىكىملىك ۋە ئەيدىز كىسلى توغرىسىدا كىشلەرگە تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ باردى، بۇ جەرياندا بەزى كىشلەرنىڭ ھاقارەتلىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ ،ئۇ ئۆزىنىڭ بىر پىدائىي ئىكەنلىكىنى،مۇشۇ تەشۋىقات ئارقىلىق ئۆزىگە ئوخشاش بىگۇناھ يۇقۇملىنىپ قالغان قىز-ئاياللارنى قۇتقۇزۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى.ئۇ پىدائىي بولۇش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ھەم قوللىشغا ئىرىشتى.ئۇلار بىلەن دوست بولدى.مەريەم گەرچە ئۆزنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ، لېكىن ئۇ ھازىر ھاياتقا كۈلۈپ قارايدىغان بولدى.

 

يارپ تورىنىڭ غۇلجىلىق پىدائىيسى لەتىپە تەرىپىدىن خاتىرلەنگەن