ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
ئۇنۋېرىسال خەۋەرلەر
شىنجاڭدا زەھەر چېكىدىغانلار نېمىشقا كۆپ؟
ۋاقتى : 2012-08-23 17:39:40  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : سۇلتان

شىنجاڭدا زەھەر چېكىدىغانلار نېمىشقا كۆپ؟

 

     خىروئىن، نەشە قاتارلىق خۇمار قىلىدىغان زەھەرنى چېكىدىغانلارنىڭ شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھەر خىل خەۋەر-ئۇچۇرلاردىن ئاڭلاپ تۇرىمىز. زەھەر چېكىدىغانلار مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ دېگەن مۇشۇ ئاتاق-نىسبەتتىن ئۆزىمىزگە سۇئال قويماي تۇرالمايمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم، يۇرتىمىز شىنجاڭ مەملىكەت ئىچىدە جەمئىيەت تەرەققىياتى، سانائەت تەرەققىياتى، سىياسىي-ئىقتىساد تەرەققىياتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە مەملىكەت ئىچىدە ئارقىدا تۇرىدۇ. ئەمما، ئەل-يۇرتقا، جەمئىيەتكە قىلچە پايدىسى بولمايدىغان، ئەكسىچە قاتتىق زىيىنى بولىدىغان زەھەر چېكىشتە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. مانا بۇ ياخشى تەرەپلەردە كەينىدە قېلىپ، يامان تەرەپلەردە ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىك بولۇپ، خۇددى كىچىك بالىدەك قىل دېگەننى قىلماي، قىلما دېگەننى قىلغانغا ئوخشايدۇ. نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ شىنجاڭلىقلار كىچىك بالىمۇ؟ شىنجاڭلىقلارنى تەربىيىلەش شۇنداق تەسمۇ ياكى تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى بىلمەيۋاتامدۇ؟ شىنجاڭلىقلارنىڭ ئائىلە تەربىيىسى بىلەن مەكتەپ، جەمئىيەت تەربىيىسى ھەم ئائىلە ئىقتىسادى بىلەن جەمئىيەت ئىقتىسادى ئاجىزمۇ؟ مەملىكەت ئىچىدە تەرەققىياتتا كەينىدە قالغان رايۇندا زەھەر چېكىشنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا ئوتۈپ كىتىشى تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتمۇ؟

   شىنجاڭ تارىخى داۋاملىشىشتىن  ھەم زامان نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، كۆپ خىل ئىدىيە بىرلىكتە مەۋجۇت بولىۋاتقان رايۇن بولۇپ، زىددىيەتلىك ئىدىيەلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشى ھەم بۇ ئىدىيەلەرنىڭ ئومۇملۇشۇش،تارقىلىش ئەھۋالىنىڭ دەۋىرلەرنىڭ ئالمىشىشى، ئەجداتتىن ئەۋلاتقا ئۆتۈشىشى بىلەن  يۇقۇرى-تۆۋەن، كۈچلۈك-ئاجىز بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ ماددى تەرەققىياتقا كۈچۈشىنىڭ مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ ئالدىدا كېتىشى، شۇنىڭ بىلەن ماددى تەرەققىيات بىلەن مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىچكى ئامىل تاشقى ئامىلنىڭ ئالدىدا ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۆزىنى باشقۇرالماي مەئىشەتكە دۈم چۈشۈدىغان ئادەملەرنىڭ كۆپۈيۈشى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە تەربىيىلىنىشى تاشلىنىپ قالغان كىشىلەر ھاياتلىقنىڭ مەقسىدىنى يۈتتۈرۈپ قۇيۇپ، چۈشكۈنلۈكنى بازارغا سېلىپ زەھەر ئارقىلىق خىيالى ھوزۇرلىنىشقا قۇل بولۇپ، ئادەملىكتىن قېچىپ يۈرىۋاتىدۇ.

  شىنجاڭدا زەھەر چېكىدىغانلار نېمە ئۈچۈن كۆپ؟ دېگەن بۇ سۇئال ھەر بىر شىنجاڭلىقلارنى ئويلاندۇرۇشى كېرەك. بىز بۇنىڭ سەۋەبىنى نامراتلىق، ئىشسىزلىق، تەربىيەسىزلىك، ئېتىۋارسىزلىق، ساددىلىق دېگەن تەرەپلەرگىلا دۆڭگەپ قۇيالمايمىز. خەلقىمىزدە شۇنداق بىر ماقال-تەمسىل بار: بېشىمغا ھەر بالا كەلسە ئۆزەمنىڭ شورى دەيدىغان. ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن قىممەت ئېڭى چۈشەنچىسى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، قىممەت ئېڭى ئادەمنى باشلاپ ماڭىدۇ. ئادەم ئۈچۈن نېمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكى، ھاياتنىڭ قانداق قىممەتكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئادەمنىڭ قىممەت ئېڭىغا باغلىق بولىدۇ. ئادەمنىڭ قىممەت ئېڭى ئۇنىڭ ئەقىدە-ئېتىقاد چۈشەنچىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدىغان ھاياتلىق ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىدۇ. يەنى ئادەملەر ئۆلۈمنى ئېسىدىن چىقارمامدۇ ياكى ھاياتلىق پۇرسىتىنى قەدىرلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيامدۇ دېگەن نۇقتىدىن ئويلانغاندا، ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقى ئۈچۈن ھاياتنى مۇھىم بىلمەسلىك كېرەكمۇ ياكى ئۆلۈپ كىتىدىغانلىقى ئۈچۈن ھاياتنى قىممەتكە ئىگە قىلىش كېرەكمۇ؟ مۇشۇ تاللاش ئارىلىقىدا قىممەت ئېڭى تەرەققى قىلغانلار ھاياتىنى قىممەتكە ئىگە قىلىشنى ئويلايدۇ، ئەمما قىممەت ئېڭى تەرەققى قىلمىغانلار بەرىبىر ئۆلۈپ تۈگۈشىدىغان ھاياتلىق بۇ دەپ قاراپ چۈشكۈنلۈكنى تاللاپ، جامائەت ۋە جەمئىيەتنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىشى بىلەن كارى بولماي، خۇددى ئۆلۈمنى ئىزدەپ يۈرگەندەك ھاياتلىقنى ئىسراپ قىلىپ، خارلاپ يۈرۈيدۇ.

  خۇددى خاتا تۇغۇلۇپ قالغاندەك ھاياتلىقتىن قېچىپ يۈرۈپ چۈشكۈنلۈككە ئادەتلىنىش ئادەمنى پاسسىپ راھەتپەرەسكە ئايلاندۇرىۋېتىدۇ. مەيلى ھاراقكەشلىك، تېلەمچىلىك، ھورۇنلۇق قاتارلىقلار بولسۇن، ئوخشاشلا رىئاللىققا پاسسىپ كەيپىيات بىلەن يۈزلىنىش بولۇپ، خىروئىن، نەشە قاتارلىق زەھەرگە خۇمار بولۇشمۇ قىممەت ئېڭىدىكى ھاياتلىقنىڭ قىممىتىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكتىن تىنەپ-تەمتىرەپ، گاڭگىراپ-قايمۇقۇپ خىيالى ھوزۇر ئىزدەش ئىستىگىگە قۇل بولۇشتىن باشقا ئىش ئەمەستۇر.

   دېمەك، شىنجاڭلىقلارنىڭ قىممەت ئېڭى ھەم ئېنىق ئەمەس ھەم قالايمىقان. ئاتا-ئانىلارنىڭ، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ قىممەت ئېڭى تەربىيىسى يىتەرلىك ئەمەس بولۇپ، ھاياتلىق چۈشەنچىسىدە چالا قالغان قىممەت ئېڭى بىر قىسىم شىنجاڭلىقلارنى جاھاندارچىلىق ئالدىدا ئېرىشتۈرۈشتىنمۇ ئۆتە ھالدا ئىرىشىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدۇرىۋېلىپ، تۇغۇلۇش ئەھمىيىتىنى يوقاتقان ھالدا زەھەرگە دۈم چۈشۈرۈپ يۈرۈيدۇ. ئۇلار جەمئىيەتتە نېمە ئۈچۈن ياشايمەن دېگەننى يۈكسەكلىك بىلەن ئويلىمايدۇ. ھازىردىن قاچىدۇ، رىئاللىققا پاسسىپلىق بىلەن يۈزلىنىدۇ، جەمئىيەت بىلەن كارى بولمايدۇ.

  قىسقىسى، ماددى تەرەققىيات بىلەن مەنىۋى تەرەققىيات ئۆزئارا ماس ھالدا ئادەملەرگە يۈزلەنمىسە، بىر جەمئىيەتتە رايۇنلار ھەم قاتلاملار ئارا ئىقتىسادى ئىگىز-پەسلىك كىلىپ چىقسا، كىشىلەرنىڭ ئېتىقات-ھاياتلىق قارىشى  تەسىرىدىكى قىممەت ئېڭى زاماننىڭ يۈزلىنىشى بويىچە ئىسلاھ قىلىنىپ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلمىسە، رايۇنلار ھەم مىللەتلەر پەرقى-ئالاھىدىلىكى بويىچە زەھەر چېكىش ئۈستۈنلىكى كىلىپ چىقىدۇ.

   بۇ تېمىغا ئىنكاس يازىدىغانلار يارپ مۇنبىرىگە مەرھەمەت!

   http://yarp.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=1430