ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
سۈن خۈيجى
ۋاقتى : 2009-01-09 18:17:50  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : لالە

    سۈن خۈيجى ، ئەر ، 44 ياش ، خەنزۇ ، پارتىيە ئەزاسى ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيىسىگە ئىگە ، سەنشى ئۆلكىسى خۇۋما شەھىرى شىنتىيەن يېزىلىق چياۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى .

 پۈتۈن خەلق قول تۇتۇشۇپ ، گۈزەل ئائىلىمىزنى بىرگە قۇرايلى

    ئۇ غەيرەتلىك ھالدا چاۋ ناھىيىسىنىڭ زەھەر چەكلەش ئىشلىرى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ھەر بىر زەھەر چەكلەش خادىمىنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە ئۆز ئالدىغا ئۇسۇلى بولغانغا ئوخشاش ، سۈن خۈيجىنىڭمۇ بىر يۈرۈش ئۇسۇللىرى بار . ئۇ ھەر دائىم يېزىدىكى كىشلەرنى زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ زەھەرنى تونۇش ، زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى . ئۇ كۆپ قېتىم زەھەر چەكلەشكە ئائىت رەسىملەر كۆرگەزمىسى ، زەھەر چەكلەش بىلىملىرى لېكسىيىسى ئويۇشتۇردى ، كىشلەرگە زەھەر چەكلەشكە ئائىت فىلىملەرنى قويۇپ بەردى ، رادىئو ئىستانسىسى ، گېزىت ، تەشۋىق ۋەرەقىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن ئۈنۇنلۈك پايدىلىنىپ زەھەرنىڭ زىيىنىنى ۋە زەھەر چەكلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەشۋىق قىلدى . يېزا كادىرلىرىنى ئويۇشتۇرۇپ ، زەھەر چەكلەشنى تېما قىلغان سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى . ھەر يىلى‹‹ 6.26 ›› زەھەر چەكلەش كۈنىدە ، ئۇ زەھەر چەكلەش گۇرۇپىسىدىكى ئەزالارنى چوڭ تىپتىكى تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلىدى .سۈن خۈيجى زەھەر چەككۈچىلەرگە خۇددى ئۆز ئىنى – سىڭىللىرىدەك مۇئامىلە قىلىپ ، ئۇلارنىڭ زەھەر تاشلىشىغا يېقىندىن ياردەم بەردى .

   دېھقان شاڭ XX يولداش سۈن خۈيجىنىڭ ياردىمىدە زەھەر تاشلاپ قايتىدىن بېيىغان دېھقانلارنىڭ بىرى . شاڭ XX زەھەر چەككەن مەزگىللەردە ، ئائىلىسىنىڭ بېساتىنى قۇرۇغداپ قويۇپ ، دادىسى ئاغرىپ قالغاندا داۋالاش ھەققى تاپشۇرالمىدى ، بالىسىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى تاپشۇرالمىدى ، ئايالى بۇ ئىشقا چىدىماي ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشماقچى بولدى . سۈن خۈيجى بۇ ئائىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇندى ، گۈرۈچ ، ماي قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ بەردى ، بالىنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن 300 يۈەن ياردەم قىلدى ، شاڭ XX غا تەربىيە قىلىپ زەھەر تاشلاپ قايتىدىن ئادەم بولۇشقا دەۋەت قىلدى . يولداش سۈن خۈيجىنىڭ ياردىمىدە شاڭ XX زەھەر تاشلاپلا قالماي يەنە 10 مو يەرنى كۆتۈرە ئېلىپ ، يېزىدىكى بېيىغان دېھقانلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى .

   يولداش سۈن خۈيجى يەنە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ، زەھەر چەكلەشكە ئائىت كىتاپ ، دېسكا ۋە رەسىملىك ماتېرىياللارنى سېتىۋالدى . 2006 –يىلى ، ئۆزى 4000 يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ ، زەھەر چەكلەش تەشۋىق ۋەرەقىسى باستۇرۇپ ، يېزىدا زەھەر چەكلەش پونكىتى قۇردى . يولداش سۈن خۈيجىنىڭ خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقى ، خالىس تۆھپىسى ئۇنىڭغا ئارقا – ئارقىدىن شان– شەرەپ ئېلىپ كەلدى . ئۇ ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ ‹‹ مەملىكەتلىك ئۇچقۇن ياشلار باشلامچىسى ›› ، ‹‹ مەملىكەتلىك يېڭى ئۇزۇن سەپەر زەربىدارى ›› ، ‹‹ سەنشى ئۆلكىلىك ھاللىق سەپەردىكى ياخشى يېزا كادىرى ›› دېگەن نام –شەرەپلەرگە ئېرىشتى . 2005 –يىلى ئۆكتەبىردە ، سەنشى ئۆلكىلىك ‹‹ 1–ماي ئەمگەك مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشتى .