ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
خې يۈەنيىڭ
ۋاقتى : 2009-01-19 11:17:58  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : لالە

  خې يۈەنيىڭ ، ئايال ، 62 ياش ، خەنزۇ ، جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى خەيجۇ رايونى مەھەللە ئىش باشقارمىسنىڭ پىنسىيىگە چىققان كادىرى

  خې يۈەنيىڭ بولسا ‹‹زەھەردىن يىراقلىشىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش›› كۇلۇبىنىڭ مۇدىرى شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ خىزمەتچى خادىمى.

  ئېچىلغىنىغا ئالتە يىل بولغان ‹‹زەھەردىن يىراقلىشىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش›› كۇلۇبى — نىڭبو شەھىرى خەيشۇ رايونى نەنمىن مەھەللە ئىش بىجىرىش ئورنى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى تۇنجى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان ، خەلق مۇستەقىل باشقۇرۇدىغان زەھەر تاشلاشقا  ياردەملىشىدىغان كۇلۇب . ئەينى چاغدا ۋەنئەن مەھەللە ئىش بىجىرىش ئورنىدىن پىنسىيىگە چىققان خې يۈەنيىڭ بۇ كۇلۇبنىڭ ‹‹ خوجايىنى ›› بولدى .

 2001 – يىلى 6 – ئاينىڭ بىر كۈنى ، ليۇچېن ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) يەنە بىر قېتىم مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن قايتىپ چىقتى ، گەرچە زەھەر ئۇنىڭ بەدىنىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ ئاشۇ ئازاپلىق كۈنلەرنى زادىلا ئۇنتالمىدى . دەل موشۇ چاغدا خې يۈەنيىڭ ئۇنىڭ ۋەيرانە كەپىسىگە كەلدى . ليۇچېن ئىشىكىنىڭ ‹‹ مۈشۈك كۆزى›› دىن قاراپ تونۇمايدىغان كىشىلىكىنى كۆرۈپ پىسەنت قىلمىدى . خې يۈەنيىڭ : ‹‹ مەن مەھەللە ئىش بىجىرىش ئورنى زەھەر تاشلاپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۇلۇبىدىن . سىزنى يوقلاپ كەلدىم ›› دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆينىڭ ئىچى جىمجىت بولۇپ كەتتى .

 2 – كۈنى خې يۈەنيىڭ يەنە ئىشىكنى چەكتى . لېكىن يەنە ليۇچېننىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىدى . خې يۈەنيىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە تېلېفۇن بېرىپ : ‹‹ مەن سىزنى بىزنىڭ كۇلۇبقا قاتنىششقا تەكلىپ قىلىپ كەلدىم ، بۇ يەردە سىزگە ئوخشاش كىشىلەر بار ، كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆزئارا ئىلھام بېرەيلى .›› دەيدۇ.

  3 – كۈنى خې يۈەنيىڭ ئىشىكنى چەككەندە ئىشىك ئېچىلىدۇ . خېيۈەنيىڭ ليۇچېىننىڭ قالايمىقان تۇرغان ئۆيىنى كۆرۈپ گەپ قىلماي دەرھال يىغىشتۇرۇشقا باشلايدۇ . بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ليۇچېن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كېتىدۇ .

   4 – كۈنى ، ليۇچېن كۇلۈبقا ئەزا بولىدۇ .

  ئەزا شياۋ فاڭ ئىلگىرى بىر چايخانا ئاچقان بولۇپ ، 600 مىڭ يۈەن پۇل تاپقان ئىدى ، تۇرمۇشى خاتىرجەم ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ زەھەر چېكىدىغان بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ . بۇ قىزنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن ، شياۋفاڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالىدۇ . قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدا ئۇ پۈتۈن بىساتىدىن ئايرىلىشنىڭ ئۈستىگە يەنە باشقىلارغا 100 نەچچە مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالىدۇ . ئايالى ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىدۇ ، ئاتا – ئانىسىنىڭ يۈرىكى پۇچۇلىنىدۇ ، سىڭلىسىنىڭ يولدىشى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۈرمىگە كىرىپ كېتىدۇ . شياۋفاڭنىڭ زەھەرنى بەكمۇ تاشلىغۇسى بار ئىدى ، لېكىن يېرىم يولدا يەنە جەمىئىيەتتىكى زەھەر چەككۈچىلىرىگە ئارىلىشىپ قالىدۇ .

   خې يۈەنيىڭ بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن ، قىزغىنلىق بىلەن شياۋفاڭنى كۇلۇبقا ئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ ، چۈنكى كۇلۇبنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى ، زەھەر چەككۈچىلەر بىلەن جەمىئىيەتتىكى زەھەر ساتقۇچىلارنىڭ بىر – بىرىگە تەسىر قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، ئۇلارنى ئايرىۋېتىش .

   يېقىندا ، شياۋفاڭ كۇلۇبتا قايتىدىن يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى . ئۇ يەنە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە بىر مېھمانخانا ئېچىۋالدى . كۇلۇب قوبۇل قىلغانلار ئىچىدە 14 ئەزانىڭ زەھەر تاشلىغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان بولۇپ ، ئۇلار ھازىر توي قىلىپ بالىلىقمۇ بولدى .