ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
سۇن چېڭيۇۋ
ۋاقتى : 2009-01-19 11:19:25  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : لالە

سۇن چېڭيۇۋ ، ئەر ، 62 ياش ، خەنزۇ ، ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇاڭشەن شەھىرىدىن ، پەن – تېخنىكا كومىتېتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىنو قويۇش ئەترىتىنىڭ سابىق ئەترەت باشلىقى .

 ‹‹ مەن پەقەت يول ماڭالىساملا ، زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى يولىدا ئاداققىچە ماڭىمەن ›› ، ئەل ئىچىدىكى زەھەر تاشلاتقۇزۇش زاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، سۇن چېڭيۇۋ نەگە بارسا شۇ يەردە زەھەر تاشلاش تەشۋىقاتىدىكى پلاكاتلارنى ئېسىپ ، شۇ يەردە زەھەر تاشلاش ناخشىسىنى ياڭراتتى . 62 ياشقا كىرگەن سۇن چېڭيۇۋ ، ئەنخۇي ئۆلكىسى خۇاڭشەن شەھىرى پەن – تېخنىكا كومىتېتىنىڭ كىنو قويغۇچسى . پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇ يەنىلا بىكار تۇرالماي ، ئۆزىنىڭ كونا پاسوندىكى كىنو قويۇش ئاپپاراتى بىلەن يېزىلارغا بېرىپ كىنو قويدى ، ئۇ مۇشۇنداق كىنو قويۇپ يۈرۈپ ، زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى .

   ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى خۇاڭشەن شەھىرىدە زەھەر ئەتكەسچىلىكى يامراپ كېتىدۇ ، جەمىئىيەتتىكى بەزى بىر بىكار تەلەت كىشلەر زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالىدۇ ، سۇن چېڭيۇۋنىڭ بىر تۇققىنى زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىپ ، ئائىلىسىنى پاراكەندىچىلىككە سالىدۇ ، ئاخىرى زەھەر ئېلىپ ساتقانلىقى ئۈچۈن جازا ھۆكۈم قىلىنىدۇ . بۇ ئىشلار سۇن چېڭيۇۋنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ . ئۇ نېمىشقا كىنو قويۇشتىن پايدىلىنىپ زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات – تەربىيىسىنى قانات يايدۇرمايمەن ، مۇشۇنداق قىلسام بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ دەپ ئويلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن سۇن چېڭيۇۋ پۇل چىقىرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇشقا ئائىت ‹‹ زەھەرنىڭ زىيىنىدىن يىراق تۇرايلى ›› ، ‹‹ زەھەر ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئېزىتقۇ ›› دېگەن ھۆججەتلىك فىلىم ، يەنە ئون پارچە پرويېكسىيە پلاستىنكىسىنى ئۆزى ياساپ ، ئۇلارنى پەننى ئومۇنلاشتۇرۇش كىنولىرى بىلەن بىرلىكتە قويىدۇ .

   نەچچە يىلدىن بېرى ئۇ قانچە مەيدان كىنو قويدى ، قانچە قېتىم زەھەر تاشلاتقۇزۇش مەجبۇرىيەت تەشۋىقاتى ئېلىپ باردى ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ . 2006 – يىلغىچە ، ئۇ 215 مەيدان كىنو قويدى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى 10 مىليون ئادەم ( قېتىم ) دىن ئاشتى . ئۇ دائىم ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرگەچكە ، سۇن چېڭيۇۋنىڭ بېلى زورۇقۇپ ، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدۇ . ئەمما ئۇ بۇلارغا قىلچە پەرۋا قىلماي ، يەنىلا ئاممىنى ئويلاپ ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئىشلىرىغا داۋاملىق ئۆزىنى بېغىشلايدۇ .