ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
لىن ۋېن
ۋاقتى : 2009-01-19 11:56:53  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : لالە

   لىن ۋېن ، ئايال ، 18 ياش ، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرى توڭپەن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى .

   لىن ۋېن سەككىز ياش ۋاقتىدا ، ئانىسىغا ئەگىشىپ زەھەر تاشلاش ئورنىدا زەھەر تاشلاتقۇزۇش تەشۋىقاتى يولىغا كىرگەن . ئۇ تۇنجى قېتىم قۇرۇق ئۇستىخانغا ئايلىنىپ قالغان ، خۇمىرى تۇتقانلىقتىن تىترەپ كەتكەن زەھەر چەككۈچىلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن قورقۇپ كېتىدۇ .

   لىن ۋېننىڭ ئۆيى فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھىرىدە بولۇپ ، فۇجۇ لىن زېشۈينىڭ يۇرتى . لىن ۋېن لىن زېشۈيگە بەك چوقۇنىدۇ ، ئۇ لىن زېشۈينىڭ ئىزىدا مېڭىپ ،ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئىشلىرى ئۈچۈن پىدائىي بولۇشقا بەل باغلايدۇ . ئەنخۇي ئۆلكىسىدىن كەلگەن جاڭ ⅹ شيامىندا ئىشلەپ يۈرگەن كۈنلىرىدە باشقىلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالىدۇ ، ئۇزۇن يىل زەھەر چەككەچكە جاڭ ⅹئورۇقلاپ ئۇستىخانغىلا ئايلىنىپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ بېلىكىنى خۇمىرى تۇتقاندا ئۆزىگە – ئۆزى ياققان تاماكا ئىزلىرى قاپلايدۇ .

لىن ۋېن جاڭ ⅹھەدىسىگە ناھايىتى ھېسداشلىق قىلىپ ، سەۋرىچانلىق بىلەن ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىدۇ ، ۋاقتى چىقسىلا دائىم ئاپىسى بىلەن بىللە جاڭ ھەدىسىنى يوقلايدۇ ، ئۇ مەخسۇس جاڭ ھەدىسىگە ئاتاپ ئىككى پارچە رەسىم سىزىدۇ ، بىر پارچىسى ‹‹ تۈتۈن ئىچىدىكى قىزىل قاشقا تۇرنا ›› ، بۇ رەسىمدە چىرايلىق قىزىل قاشقا تۇرنىنىڭ زەھەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئاپئاق پەيلىرىنىڭ تۈتۈنىدىن قارىداپ كەتكەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ ؛ يەنە بىر پارچىسى ‹‹ ئانامنىڭ مۇھەببىتى ›› دېگەن رەسىم بولۇپ ، بۇنى لىن ۋېن جاڭ ھەدىسىنىڭ بالدۇرراق زەھەر تاشلىشىغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن سىزىپ چىقىدۇ . لىن ۋېن يەنە جاڭ ھەدىسىگە ئۇزۇن بىر پارچە نەسىھەت خېتى يازىدۇ . بۇ سەبىي قىزنىڭ سىزغان رەسىمىلىرى ۋە ئەگرى – بۈگرى خەتلىرىنى كۆرۈپ جاڭ ⅹ نىڭ ياشلىرى تاراملاپ تۆكۈلىدۇ . لىن ۋېن ۋە ئاپىسىنىڭ ياردىمىدە جاڭ ⅹ ئاخىرى زەھەرنى تاشلايدۇ .

   زەھەر تاشلاتقۇزۇش پىدائىيىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بۇ ئون يىل جەريانىدا ، لىن ۋېن ئاپىسىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ‹‹ چىدامچانلىق ھېسىياتتىن مۇھىم ›› دېگەن سۆزنىڭ تۈرتكىسىدە ، پاك قەلبى ، سەممىي قۇربانلىق بېرىشلىرى بىلەن زەھەر چەككۈچىلەرنى قۇتقۇزىدۇ . 10 يىلىدىن بۇيان ، لىن ۋېن ۋە ئاپىسى خەت يېزىش ، تېلېفۇن قىلىش ، يوقلاش ، تورغا چىقىش قاتارلىق ۋاستىلەر ئارقىلىق ، ئەنخۇي ، فۇجيەن ، خۇبېي قاتارلىق جايلاردىكى 39 نەپەر زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان ياش بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم قىلىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە 17 سىنىڭ زەھەر تاشلىغىنىغا 3 يىل ، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ 10 يىل بولغانلىرىمۇ بار .

    2003 – يىلىدىن بۇيان ، لىن ۋېن ۋە ئاپىسىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن سەككىز نەپەر زەھەر چەككۈچى ياش پىدائىيلار تەشكىلاتىغا كىرىدۇ ۋە زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئاممىۋى پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدۇ . لىن ۋېن مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ، زەھەر چەككۈچىلەردىن ساۋاق ئالدىم ، ئۇلار زەھەرنىڭ زىيىنىنىڭ ئېغىرلىقىنى ، زەھەر تاشلاتقۇزۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ماڭا تونۇتتى ، بۇ خىزمەتنى قىلىش ناھايىتى قىممەتلىك بولۇپ ، قېرىغاندا ئۆزەمنىڭ دۆلەت ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىمنى ئەسلەيمەن ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىپتىخارلىنىمەن ›› .