ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  زەھەر  »  زەھەر چەكلەش زاتلىرى
زەھەر چەكلەش زاتلىرى
ياڭ مياۋلىڭ
ۋاقتى : 2009-01-19 11:57:12  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : لالە

   ياڭ مياۋلىڭ ، ئايال ، 43 ياش ، خەنزۇ ، گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۈەن شەھىرى سۇجۇۋ رايونى توڭدې كوچىسى مەھەللە ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ پارتكوم شۇجىسى .

 ‹‹ ئاپا ، بەك چارچاپ كەتمەڭ ، ياخشى دەم ئېلىڭ ! ›› — بۇ بىر غەرەز ئۇقىدىغان بالىنىڭ ئاپىسىغا يوللىغان يانفۇن ئۇچۇرى . ياڭ مياۋلىڭ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بىر ئاز خاتىرجەم بولدى . لېكىن ، ئوغلى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش بىلەن بىرگە يەنە ئاغرىنىپمۇ باققان . ئوغلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇ ئوغلىنىڭ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇۋاتقان چاغدا ، ئوغلىنىڭ نەرسە – كېرەكلىرى ئىچىدىن ‹‹ ئاپامغا يېزىلغان خەت ›› دېگەن بىر پارچە خەتنى كۆرۈپ قالىدۇ . خەتتە مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى : ‹‹ ئاپا ، مەن سىزگە ئۆچ ، چۈنكى مەن ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن بۇيان ، مېنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىدى ... ›› .

   ئوغلى راست گەپ قىلغان ئىدى . ياڭ مياۋلىڭ قانداقمۇ ئوغلىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى خالىمىسۇن ؟ قانداقمۇ ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادارلىقلىقىنى يەتكۈزۈشنى ئويلىمىسۇن ؟ قانداقمۇ يولدىشىغا ئاياللىق مېھرىبانلىقلىقىنى يەتكۈزۈشنى خالىمىسۇن ؟ بىراق ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش خىزمىتى ئۇنىڭ بىلەن چىڭ باغلانغان . ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن زەھەر تاشلاتقۇزۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ ، زەھەر تاشلاتقۇزۇش خىزمىتىنى ناھايىتى مۇقەددەس ھەم زۆرۆر خىزمەت دەپ قارايدۇ . ئۇ ئىبلىس زەھەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە چىداپ تۇرالمايدۇ .

    ياڭ مياۋلىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۈەن شەھىرى سۇجۇۋ رايونى توڭدې كوچىسى مەھەللە ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ پارتكوم شۇجىسى، 2 – نۆۋەتلىك ئەلئىچى زەھەر چەكلەش زاتلىرىنىڭ بىرى . ئۇ ئۆزى ۋىجىك ئايال بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ زەھەر تاشلاتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى قەھرىمان .

   توڭدې كوچىسى مەھەللە رايونىدىكى شياۋجاڭ ، ياڭ مىياۋلىڭنىڭ نۇقتىلىق كۈزىتىش ئوبيېكتى . شياۋجاڭ زەھەرنى يەنە تاشلاپ يەنە چېكىپ ، ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئىدى . بىر قېتىم شياۋ جاڭ مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئەۋەتىلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئايالى ئائىلىسىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ ۋە ‹‹ ئۇنىڭدىن چوقۇم ئۇنىڭدىن ئاجىرىشىپ كېتىش كېرەك ، بۇنداق كۈنلەرگە چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى›› دەيدۇ .

    ياڭ مياۋلىڭ شياۋ جاڭنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ،ئۇنىڭ ئايالى مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ سىز ئىككى كۈندە بىر بىزنىڭ ئۆيگە كېلىسىز ، لېكىن ئۇ يەنە كىرىپ كەتتى ، سىزنىڭ نېمە رولىڭىز بولدى ؟ بۇندىن كېيىن بىزنىڭ ئۆينىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلىغۇچى بولماڭ ›› .

   ياڭ مياۋلىڭنىڭ كۆڭلى ئازار يىدى ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئانچە پىسەنت قىلمىدى .ياڭ مياۋلىڭ شياۋجاڭنىڭ ئايالىنىڭ خىزمىتى يوقلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، قاتراپ يۈرۈپ ، مەھەللە ئەتراپىدىكى دوختۇرخانىدىن تازلىق قىلىدىغان خىزمەتنى تاپتى . ئۇ يەنە تاۋۇز سېتىۋېلىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىكى شياۋ جاڭنى يوقلاپ بارغاندا شياۋ جاڭ خۇددى بىر نېمىنى سەزگەندەك : ‹‹ ئەگەر ئۇ مېنىڭ بىلەن ئاجرىشىپ كەتسە ، مەن چىققاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوت قويىۋېتىمەن ›› دېدى. شياۋجاڭنىڭ چۇس مىجەزىگە قاراپ ياڭ مياۋلىڭ گەپ قىلمىدى . ئۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى : ‹‹ ئائىلىڭىز ھەر ھالدا ياخشى ، ئايالىڭىز سىز بىلەن ئاجىرشىمەن دېمىدى ، ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتىدۇ . دادىڭىزغا دورا تەييارلاپ بېرىۋاتىدۇ ، بالىلار كۈندە سۈت ئىچەلەيدىغان بولدى . ئائىلىڭىزنىڭ ئېغىرلىقىنى ئايالىڭىز كۆتۈرۈۋاتىدۇ . سىزمۇ زەھەرنى تاشلاپ بالدۇرراق يېنىپ چىقىڭ ، ئۆيىڭىزدىكىلەر سىزنى ساقلاۋاتىدۇ ! ›› شياۋجاڭ كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ،‹‹ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ياڭ ئاچامنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى بىلىمەن ، سىزنىڭ ياردىمىڭىز بولمىغان بولسا مېنىڭ ئائىلەم نېمە بولاتتىكىن بىلمەيمەن ، مەن نۇرغۇن يىل زەھەر چېكىپ ئائىلەمنى ۋەيران قىلدىم ، بۇ قېتىم چوقۇم زەھەر تاشلايمەن ›› . ياڭ مياۋلىڭنىڭ كۆزىدە شياۋ جاڭغا بولغان ئىشەنچ نۇرلىرى چاقنىدى .

ئەمما ئۇنىڭغا شۇنىسى ئېنىقكى شياۋ جاڭنى تەلتۆكۈس زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرگىزمۇ بوشىشىپ قالماسلىق كېرەك .

   ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ، توڭدې كوچىسى رايونىدىكى زەھەر تاشلاتقۇزۇش خىزمىتى پۈتۈن شەھەر بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ ، 28 نەپەر زەھەر چەككۈچىدىن 21 ى زەھەر تاشلىدى ، بۇنىڭ ئىچىدە 3 يىلدىن ئاشقانلار 12 ئادەم ، بىر يىلدىن ئاشقانلار 9 ئادەم .

  2000 – يىلدىن باشلاپ بۇ رايوندا يېڭىدىن زەھەر چەككۈچىلەر بايقالمىدى ، دائىم نوپۇسلار ئىچىدىمۇ زەھەر جىنايىتى پائالىيەتلىرى كۆرۈلمىدى ، بۇ رايون رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زەھەر تاشلاتقۇزۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار ئاساسىي قاتلام ئورۇن دەپ باھالاندى . ياڭ مياۋلىڭ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، مەركەز تەشكىلات مىنىىستىرلىكى ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ‹‹ مەملىكەتلىك ئىلغار مەھەللە خىزمەتچىسى ›› ، ئۆلكە ئۇنۋېرسال تۈزەش كومىتېتى تەرىپىدىن ‹‹ ئۆلكە بويىچە ياردەملىشىپ تەربىيلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس ›› ‹‹ ئۆلكە بويىچە قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس ›› ، جيۇ چۈەن شەھىرى ، سۇجۇۋ رايونى بويىچە ‹‹ زەھەر تاشلاتقۇزۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس ›› بولۇپ باھالاندى .