ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ خاتىرىسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
يارپ خاتىرىسى
خوتەندە ئەيدىز ئەھۋالىنى ئىگەللەش
ۋاقتى : 2012-09-18 10:29:51  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : مەقسەت

خوتەندە ئەيدىز ئەھۋالىنى ئىگەللەش

شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، مەملىكەتلىك زەھەر چەكلەش ئەربابى ئەخمەتجان قۇربان مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا خوتەنگە بېرىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتۇرۇل قىلىش مەركىزىدەتەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشتا بولدى.

خوتەندە 2007-يىلى ئەيدىز بايقىلىپ، 2008-يىلدىن باشلاپ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا ۋىروسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىش باشلانغان بولۇپ، ھازىر خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتقان ئەيدىز بىمارلىرى 260 نەپەر. ئۇلار ھەقسىز تەكشۈرىلىپ، ھەقسىز دورا بىلەن تەمىنلىنىدۇ. دوختۇرخانىدا داۋالاشنى قۇبۇل قىلغان خوتەن ۋىلايىتىدىن بولمىغان، ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن بىمارلارمۇ بار. خوتەن ۋىلايىتىدە نۆۋەتتە سىتاتىستىكا قىلىنغان ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار 1500 دىن كۆپ بولۇپ،ۋىروسقا قارشى دورىلارنى كۆتىرەلەيدىغان ھەم داۋالىنىشنى قۇبۇل قىلغان ئەيدىز بىمارلىرى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ.

دوختۇرخانىغا كىلىپ ۋىروسقا قارشى داۋالىنىشنى قۇبۇل قىلغان بىمارلارغا دورا تەمىنلەنگەندىن كىيىن، ئۆيلىرىگە قايتىپ 15 كۈندىن كىيىن كىلىپ قان تەكشۈرتىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن بىر ئايدا بىر قېتىم، ئىككى ئايدا بىر قېتىم، ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش بويىچە يىلدا تۆت قېتىم تەكشۈرتىدۇ.

ئىلگىرى ئەيدىز كېسىلى بولغان-بولمىغانلىقىنى ئۈرۈمچىگە بېرىپ مۇقىملاشتۇرۇپ كېلەتتى، بىر يىلنىڭ بىرىسىدىن خوتەندىمۇ تەكشۈرۈپ بىكىتەلەيدىغان بولدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىككى-ئۈچ كۈندىلا چىقىدۇ.

ئىلگىرى دېھقانلار، تىجارەتچىلەر قاتلىمىدىكىلەردىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆپرەك كۆرۈلگەن بولسا، ھازىر ھەرقايسى ساھەلەردىكىلەردىن يوقۇملانغۇچىلار كىلىپ چىقىۋاتىدۇ. يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسەن 20 ياش بىلەن 30 ياشنىڭ ئارىلىقىدىكى ياشلار بولۇپ، زەھەر چېكىش، جىنسى مۇناسىۋەت، قان سېلىش، چىش تارتقۇزۇش، تۇغۇت ئوپىراتسىيەسى دېگەندەك كۆپ خىل سەۋەپلەر بار. بولۇپمۇ زەھەر چىكىدىغان ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ ئەڭ كۆپ ھەم ئەڭ تېز بولىدىغانلىقى بايقىلىۋاتىدۇ.

كىسىلىنى داۋالىتىشنى خالايدىغانلار %80 چىقىدۇ، %20 بىماردا داۋالىنىشنى خالىمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

ئىلگىرى تويدىن بۇرۇن تەكشۈرتمەسلىك تۈپەيلى تۇغما ئەيدىز بولۇپ تۇغۇلغان ئالتە ياشلىق، سەككىز ياشلىق قىز-ئوغۇللار بار.

دورىنى بەزىدە يەپ، بەزىدە يىمەي كېسىلى ئېغىرلىشىپ قېلىپ ئاخىرى دورىنى يىيەلمەي ئۆلگەنلەر يەتتە-سەككىز چىقىدۇ.

ھەر يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان بارلىق ئەيدىز بىمارلىرىنى يىغىپ، ئۈلگۈلۈك داۋالانغۇچىلار بىكىتىپ چىقىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدى، ئىرادىسى، ئەستايىدىللىقىنى باشقا بىمارلارغا تەشۋىق قىلىنىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا ۋىلايەتنىڭ سەھىيە، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى كىلىپ ئۇلارنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئىزچىل داۋالىنىشىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق ياخشى شارائىت ھازىرلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.