ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ خاتىرىسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
يارپ خاتىرىسى
تورىمىز «زەھەرگە قارشى تۇرۇپ، زەھەر چەكلەشكە قاتنىشايلى» دېگەن تېمىدا زەھەر چەكلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى
ۋاقتى : 2012-06-14 16:53:46  مەنبەسى : يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپى  يوللىغۇچى : زاھىدە

 

2012-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى (چارشەنبە) چۈشتىن كېيىن4:30دە، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىمىز شىنجاڭ تاۋلان خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەنھەمكارلىشىپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى زەھەر چەكلەش تەشۋىقات تەربىيەپائالىيىتى ئۇيۇشتۇردۇق. پائالىيەتگە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېت رەھبەرلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ باشلىقلىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش باشقارمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خىزمەتچىلىرى، تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە چىمبۇلاق تورىنىڭ مۇخبىر، خادىملىرى بولۇپ جەمئىي 500 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتى ھەيئىتى، قوشۇمچە زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى پارتكوم ھەيئىتى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ چيەنروڭ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ئارزۇگۈل ئابدۇللا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ باش ئەترەت باشلىقى جىن پېڭ، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى ياڭ سۇچۈن قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى.

پائالىيەت كۈنتەرتىپى بويىچە، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىپارتكومىنىڭ سېكرىتارى ئارزۇگۈل ئابدۇللا سۆز قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى زەھەر چەكلەش پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇپ، ئۆزىدە ساغلام بەدەن ساپاسى يېتىلىدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىردى.ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئۆزلىرىنىڭ تىرىشىپ ئوقۇپ، زەھەر چەكلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتىن ئەتراپلىق يېتىشكەن ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ چىقىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى. جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى زەھەر چەكلەش باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئەترەت باشلىقى ياڭ سۇچۈن شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئارتىسى گاۋ جيەنشىن، رېن جىچياڭ، تور بېكىتىمىزنىڭ مۇدىرى زاھىدە تۇرسۇن، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى جاڭ نىڭ قاتارلىقلارنىڭ «ئاپتونوم رايون بويىچە زەھەر چەكلەشتىكى مۇنەۋۋەر پىدائىي» بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدەشۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئاندىن تورىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن «2012-يىللىق توردا زەھەر چەكلەش بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى» دە نەتىجىگە ئېرىشكەن 10 نەپەر ماھىرغا تەقدىرنامە تارقىتىلدى. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1-دەرىجىگە ئېرىشكۈچى: شۆھرەت پەرھات (100 نومۇر)

2-دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەر: ئەخمەتجان مۇتەللىپ (90 نومۇر)، نۇرئەلى مەمەت (87 نومۇر)، شۈ تىڭ (86 نومۇر)، ۋاڭ بېي بېي (83 نومۇر).

3-دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەر: قەيسەر يۈسۈپ (79 نومۇر)، نۇرگۈل مەمەت (77 نومۇر)، لى يۆ (75 نومۇر)، لەززەت ئەسقەر (79 نومۇر)، يۈ تىڭ (72 نومۇر).

پائالىيەت ئاخىرىدا خىلمۇ خىل سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ زەھەر چەكلەش كۈرىشىگە بولغان قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، شۇنداقلا مەكتەپ ئىچىدە زەھەر چەكلەشكە ئالاقىدار ھەر خىل سوۋغات بۇيۇملىرى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز تارقىتىلدى.بۇ يىللىق پائالىيەت ناھايىتى داغدۇغىلىق ۋە ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى، قاتناشقان ئادەم سانىمۇ كۆپ بولدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پائالىيەتكە تۇتقان قىزغىن پوزىتسىيىسىدىن، بىز بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەتكە يەتكەندەك بولدۇق ۋە كېلەر قېتىملىق پائالىيىتىمىزنى تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىشقا ئىرادە باغلىدۇق.

 

 

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ئارزۇگۈل ئابدۇللاسۆز قىلماقتا

ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى قوشۇمچە زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ج خ نازارىتى پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ۋاڭ چيەنرۇڭ سۆز قىلماقتا

 

 

رەھبەرلەر ئىلغار پىدائىيلارنى تەقدىرلىمەكتە

 

 

ئاپتونوم رايون بويىچە زەھەر چەكلەشتىكى مۇنەۋۋەر پىدائىيلار

 

 

شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى ئۇيۇشتۇرغان «زەھەر چەكلەش زېھىن سىناش مۇسابىقىسى» دە نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلەر

 

 

قىزىقارلىق سەنئەت نومۇرلىرى

 

 

پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار

 

 

ئوقۇغۇچىلار سەنئەتچىلەرگە قول قويغۇزماقتا

 

 

پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بىلەن ئىلغار پىدائىيلار