ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ خاتىرىسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
يارپ خاتىرىسى
زەھەر چەكلەش مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش مۇسابىقە نەتىجىسى
ۋاقتى : 2012-06-12 12:04:36  مەنبەسى : يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپى  يوللىغۇچى : زاھىدە

   زەھەر چەكلەش تەشۋىقات تەربىيە خىزمىتىنىڭ كۈچىنى يەنە بىر قەدەم زورايتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش، زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، پۈتۈن خەلقنى زەھەر چەكلەش كۈرۈشىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، جەمئىيەتتە «زەھەر چەكلەش كۈرىشى» نى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش مەقسىتىدە، 2012-يىل5-ئاينىڭ25-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش توردا 15 كۈنلۈك زەھەر چەكلەش بىلىملىرىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى. بۇ يىللىق مۇسابىقىگە جەمئىي 275 ئادەم قاتناشتى. توردا نەتىجە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۆۋەندىكى ماھىرلار تاللاپ چىقىلدى:

   1-دەرىجىگە ئېرىشكۈچى: شۆھرەت پەرھات

   2-دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەر: ئەخمەتجان مۇتەللىپ، نۇرئەلى مەمەت، شۇ تىڭ، ۋاڭ بېي بېي،

   3-دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەر:قەيسەر يۈسۈپ، نۇرگۈل مەمەت، لى يۆ، لەززەت ئەسقەر، يۇ تىڭ

   نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلەرگە شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇكاپات تارقىتىدۇ.   

   ئەسكەرتىش: يۇقىرىدىكى نەتىجىگە ئېرىشكۈچىلەر ئۇقتۇرۇشنى كۆرگەندىن كېيىن بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭلار.

   ئالاقىلىشىش تېلىفونى: 2628331-0991