ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ خاتىرىسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
يارپ خاتىرىسى
يۈزلىگەن پىدائىي ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن ئىئانە يىغدى
ۋاقتى : 2012-10-15 17:43:37  مەنبەسى : خۇالوڭ تورى  يوللىغۇچى : بىلگىنۇر

يۈزلىگەن پىدائىي سەددىچىن سېپىلىنى پىيادە ئايلىنىپ، ئەيدىز ئۈچۈن

ئىئانە يىغدى

13-ئۆكتەبىر، ‹‹ئەيدىز سەپىرى››پائالىيىتى سەددىچىن سېپىلىدا ئېلىپ بېرىلدى.پىيادە سەپەر قىلغۇچىلار ئاق رەڭلىك مايكا كىيىۋېلىپ،‹‹سەددىچىننى ئايلىنىش››ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن ئىئانە يىغدى، شۇنداقلا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەيدىز بىمارلىرىنى ئۆزىنى كەمسىتمەسلىككە چاقىرىق قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە تەخمىنەن 115نەپەر جۇڭگو ۋە چەتئەللىك پىدائىي قاتناشقان بولۇپ، 13-ئاۋغۇست كەچ سائەت يەتتىگىچە جەمئىي 150مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە يىغدى.جۇڭگودىكى تۇنجى قېتىملىق‹‹ئەيدىز سەپىرى››پائالىيىتىنى بېيجىڭ جيې ئەندې مەسلىھەت سوراش مەركىزى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى قېتىملىق ‹‹25مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلىنى››ئايلىنىپ چىقىش ئارقىلىق ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن ئاممىۋى ئىئانە يىغىش پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.ئىگىلىنىشىچە، پائالىيەتكە مەسئۇل كىشىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىئانە يىغىش پائالىيىتى 1-دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنىدە ئاخىرلىشىدىكەن.