ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ خاتىرىسى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
يارپ خاتىرىسى
يارپ
ۋاقتى : 2013-02-25 11:25:23  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : مەقسەت

يارپ


لاي-پاتقاققا چوڭقۇر چۆككەننىڭ،
جاندىن تۇيۇپ ئاچچىق كۈلگەننىڭ،
ھاياتىدىن ئۈمىت ئۈزگەننىڭ،
يار-يۆلەنچۈك تاغىسەن يارپ.

ئاخىرەتكە كىپەن ئالغاننىڭ،
ئۈمىدىگە يۈگەن سالغاننىڭ،
ئۈچەي دىگەن ھايات شاملارنىڭ،
روھىي ئۇزۇق تۈۋرىگى يارپ.

دەرت-ئەلەمدە يولدىن ئازغاننىڭ،
تۇرمۇشىدىن پۇشايمان سۈزگەننىڭ،
قاراڭغۇ تۈن زۇلمەت كېچىنىڭ،
يۇرۇقلىغى- ئۈمىدى يارپ.

ھاياتلىقنىڭ ئۈمىدى يارپ،
جەمىيەتنىڭ يۈرىگى يارپ،
يولدىن ئازغان ئازغۇن بەندىگە،
زەھەر چەكلەش تۇمارى يارپ.