ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
ئىچكى موڭغۇلنىڭ سۇنىت زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتىدە زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيتى قانات يايدۇرۇلدى
ۋاقتى : 2017-08-08 16:24:42  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

 يېقىندا، ئىچكى موڭغۇلنىڭ سۇنىت ج خ ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش چوڭ ئەترىتى جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەترىتى، يەرلىك تېخنىكوم-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پىدائىيلار بىلەن بىرگە، «زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش» تەشۋىقات ئەترىتىنى تەشكىللەپ، يازلىق تەتىللىك «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيتىنىڭ بىر قىسمى بولغان زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات پائالىيتىنى قانات يايدۇردى.

 پائالىيەت  ئېلىپ بېرىلغان نەق مەيداندا زەھەر چەكلەپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى قوللانمىسى ۋە ھەرخىل تەشۋىقات ماتېرىياللىرى تارقىتىلىپ، كەڭ ئامما ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئاساسىي بىلىملىرىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشەندى. پائالىيەت ئارقىلىق ئاممىنىڭ زەھەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرىپ، زىيانكەشلىكىدىن مۇداپىئەلىنىش تەۋسيە قىلىنىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «زەھەردىن يىراق تۇرۇپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش» تەشۋىقات ئۆمىكى نەق مەيداندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە پارتىيەنىڭ زەھەر چەكلەشكە دائىر تەدبىر سىياسەتلىرىنى، زەھەرگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى قانۇن-تۈزۈملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرنى چەكلەپ، ھاياتىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلدى. 
بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن كەڭ ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ زەھەرنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.   
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى