ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى يېڭىلىقلار
زەھەر چەكلەش خەۋەرلىرى
خۇاڭ شياۋمىڭ: كەمسىتىش ئەيدىز كېسىلىدىنمۇ قورقۇنچلۇق ۋىرۇس
ۋاقتى : 2017-05-26 17:12:01  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : ئەخمەت قۇربان

    بۇلتۇر 11-ئايدا خۇاڭ شياۋمىڭ ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ دوستلۇق ئەلچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا قىزغىن بولۇپ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەرەپتە نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. يېقىندا، خۇاڭ شياۋمىڭ بېيجىڭدا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا كەلگۈسىدىكى پىلانلىرى توغرىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتتى.
   خۇاڭ شياۋمىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، مەيلى چوڭ ياكى كىچىك ئىش بولسۇن ھەرقانداق بىر مېھىرلىك قىلمىشنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشتە مۇھىم رول ئۆتەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق ب د ت ئەيدىز كېسىلىنى پىلانلاش مەھكىمىسىگە ياردەملىشىپ 2030-يىلىدىن بۇرۇنقى ئەيدىز نىشانىنى تاماملاياىغانلىقىنى ئېيتتى.
     ھازىرغىچە، خۇاڭ شياۋمىڭ ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ 33 قىزىل لېنتا مەكتىپىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بەردى. خۇاڭ شياۋمىڭ مۇنداق دېدى: «كەمسىتىش ئەيدىزدىنمۇ قورقۇنچلۇق ۋىرۇستۇر. ئەيدىز بالىلارغا ئاغرىق ئازابى ئېلىپ كەلگەندىن باشقا پىسخىكىسىغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا مەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتمەي، ئۇلارنىڭ ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىشىنى، بولۇپمۇ بالىلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن».
   خۇاڭ شياۋمىڭ تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم بەرگۈم بار، مەن كېلەر يىلى ئافرىقىغا بېرىپ ئەيدىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىلارنى يوقلاشنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇ ئارقىلىق كۆپچىلىكنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلىمەن».                       
ئەخمەت قۇربان تەرجىمىسى