ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ پائالىيەتلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارپ پائالىيەتلىرى
‹‹زەھەر چەكلەش قانۇنى›› بويىچە توردا مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
ۋاقتى : 2009-06-02 15:36:34  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : لالە

زەھەر ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق دۈشمىنى . ئۇ ھاياتلىققا ۋە تەرەققىياتقا ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ . 2007–يىلى 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31–قېتىملىق يىغىنى جۇڭگونىڭ تۇنجى ‹‹زەھەر چەكلەش قانۇنى›› نى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى ھەمدە 2008–يىلى 6–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويدى . يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ‹‹زەھەر چەكلەش قانۇنى›› مەملىكىتىمىزنىڭ زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رىئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە .

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنى ‹‹زەھەر چەكلەش قانۇنى››نى ئۆگىنىش ، زەھەرگە قارشى تۇرۇش خەلق ئۇرۇشىغا قاتنىشىشقا ئىلھام بېرىش مەقسىتىدە ، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ قېتىمقى ‹‹زەھەر چەكلەش قانۇنى›› بويىچە توردا مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسىنى تەشكىللىدى . ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ‹‹زەھەر چەكلەش قانۇنى›› بويىچە توردا مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسى پائالىيىتىنى ‹‹26–ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى›› تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تۈرلۈك خىزمەتلىرى كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ ، زەھەر چەكلەش تەشۋىقات پائالىيىتى سۈپىتىدە ئومۇمىيۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ نۆۋەتتە بار بولغان تور ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ،‹‹زەھەر چەكلەش قانۇنى›› بويىچە توردا مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە :

1. پائالىيەت مەزمۇنى :

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى ‹‹زەھەر چەكلەش قانۇنى›› نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا ئاساسەن ، پۈتكۈل جەمئىيەت بىلىشكە تېگىشلىك 50 سۇئالنى رەتلەپ شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورىدا ئېلان قىلىدۇ .

2. مۇسابىقە ۋاقتى :

2009-يىلى 6–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن 20–كۈنىگىچە .

3. جاۋاب بېرىدىغان تور بەت ئادىرىسى :

شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورى (http://www.yarp.net.cn/uighur/)

4. پائالىيەت تەشكىلى .

1. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى بىلەن شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورى بىرلىكتە مەخسۇس رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇپ ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىدى .

2. مۇسابىقە شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تورىغا ھاۋالە قىلىنىپ ، مۇسابىقە دائىرىسى ۋە مۇسابىقە مەزمۇنى بۇ تور بەتتە ئېلان قىلىنىدۇ . مۇسابىقە دائىرىسى : ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زەھەر چەكلەش قانۇنى›› نىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرى ؛ زەھەرنىڭ تۈرلىرى ، زەھەرنىڭ زىيىنى ، ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش ، قارشى تۇرۇشى قاتارلىق مەزمۇنلار .

3. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە بىرىنچى دەرىجىدىن بىر نەپەر ، ئىككىنچى دەرىجىدىن ئىككى نەپەر ، ئۈچىنچى دەرىجىدىن ئۈچ نەپەر ، رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىدىن 10 نەپەر كىشى تاللىنىپ چىقىلىدۇ . مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇنلار مۇكاپاتلايدۇ ۋە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىدۇ.