ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ پائالىيەتلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارپ پائالىيەتلىرى
قۇمۇل تارانچىدىكى زىيارەت ۋە تەسىرات
ۋاقتى : 2015-07-29 18:35:18  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ
قۇمۇل تارانچىدىكى زىيارەت ۋە تەسىرات



 

سولدىن ئوڭغا: يارپ، مەلىكەم ساتتار، ئايشەمگۈل نىياز، تاشقىن
قۇمۇل تارانچى سەھىيە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پونكىتىنىڭ ئالدىدا

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇمۇل تارانچىغا زىيارەتكە باردۇق. زىيارەت ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھەم ئۇتۇقلۇق بولدى. تارانچى رايۇنلۇق سەھىيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پونكىتى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بۈلۈمىنىڭ باشلىقى  مەلىكەم ساتتار تارانچى رايۇنىدىكى بىردىن-بىر ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەتچىسى بولۇپ، مەزكۇر كانچىلىق سانائەت رايۇنىدىكى گەۋدىلىك بولغان زەھەر چەككەنلەر ھەم زەھەر چېكىش ۋە ھەر خىل سەۋەپلەردىن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا قارىتا، خىزمىتىدىكى ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارنى سۆزلەپ بەردى. 
بىر ئائىلىدە بىرەيلەننىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بولسا، ھەمرايىنىمۇ تەكشۈرۈپ بېقىشقا ماسلاشمايدىغان، ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى ھەمرايىدىن يۇشۇرىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار دۆلەت ھەقسىز تەمىنلىگەن ۋىرۇسقا قارشى دورا يىيىشكە قۇشۇلمايدىغان، دورا يەۋاتقانلار ئىزچىل دورا يىمەيدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار ئۆزلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشنى خالىمايدىغان، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا لېكسىيە-پائالىيەت ئېلىپ بارسا كىشىلەر: «بىز ئەيدىز بولمىساق» دەپ قاتنىشىشتىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچىدىغان، بىر قىسىم زەھەر چېكىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار ئۆزىنىڭ ھەم ئەتراپىدىكىلەرنىڭ نېمە بولۇشلىرى بىلەن كارى بولماي پەرۋاسىز يۈرۈيدىغان، ئەيدىزنىڭ داۋاسى يوق دەپ چۈشكۈنلىشىپ ئۆزلىرىنى تاشلىۋېتىدىغان، ئەيدىزنى ماڭا باشقىلار يۇقتۇردى دەپ باشقىلارغا دۈشمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىن جەمىيەتتىن ئاغرىنىدىغان، ساقايمايدىغان ئەيدىزنىڭ داۋاسىنى ئىزدەپ ئالدامچىلارنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىشىغا ئۇچرايدىغان، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن گاندۇن ئىشلىتىشكە كۈنەلمەيدىغان... 
مۇشۇلارنى ئاڭلىغاندا، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ھەم باشقىلارنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىشى ئۈچۈن، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك كەسپى تەشۋىقاتلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكى بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. 
  ئەيدىز بىر ئىجتىمائىي ئاپەت. ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ ھەم نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ خىلمۇ-خىل سەۋەپلىرى بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتى، ئىشتىن سىرتقى ۋاقتى، دەم ئېلىش ئۇسۇللىرى، تەربىيەلىنىش ئەھۋالى-ساپاسى، قىممەت ئېڭى، مۇناسىۋەتلىك كەسپى قاتلاملارنىڭ تەشۋىقات-تەربىيە كۈچى-ئىقتىدارى  قاتارلىق كۆپ تەرەپلەردىن زەھەر چېكىش ھەم ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋاللىرىنى تەھلىل-مۇھاكىمە قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن. 
ئەيدىزنى بىلمەسلىك، ئەيدىز ساۋاتسىزلىقى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى كۆپەيتمەي قالمايدۇ.  شۇڭا، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئەتراپلىق ئىگەللەش كېرەك. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىمۇ ئەيدىزنى تىزگىنلەش بىلىملىرىنى يىتەرلىك ئىگەللەپ، قانداق قىلغاندا ساغلام ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. قىسقىسى، ئەيدىزدىن يۇقۇملانماسلىق، ئەيدىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرماسلىق، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئۆز بەدىنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش، ئەيدىز بىلىملىرىنى ھەم ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى چەتكە قاقماسلىق كېرەك. ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقۇدىغانلىقىغا ھەر قاچان-ھەر زامان سەگەك-ھۇشيار تۇرۇش كېرەك. شۇنداقلا، كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قۇيۇپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا، ئەيدىز بولغۇچىلارنىڭ دەردىنى، روھى بېسىمىنى، ساغلاملىق ئەھۋالىنى چۈشۈنەلەيدۇ. ئەنە شۇ چاغدا ئەيدىزدىن قانداق مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا كەسكىن پۇزىتسىيەگە كېلەلەيدۇ. 
 


      مەلىكەم ساتتار يەنە توختىماي ئالاقىلىشىپ ھەم ئۆزى يالغۇز چېپىپ يۈرۈپ، مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن مەسچىت جامائىتىنى تەشكىللەپ، ئىككى مەيدان زەھەرنىڭ زىيىنى ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. 
  مەلىكەم ساتتار ئىلگىرى ئاساسەن زەھەر چەككەنلەر بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنى قەرەللىك يىغىپ، ئۇلارغا زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ زىيىنىدىن ئۆزلىرىنى قانداق قوغداش توغرىسىدا مەلۇمات-مەسلىھەت بىرىپ كىلىۋاتقان ئىكەن. ئەمما، بۇ قېتىمقى لېكسىيە  تۇنجى بولۇپ جەمىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلام كىشىلىرىگە ئاشكارە سۆزلەنگەن يېڭىلىق بولۇپ، ئىلگىرىتىن ئەيدىز توغرىسىدىكى لېكسىيە-پائالىيەتلەرگە پەقەت ئەيدىزدىن يۇقۇملانغالارلا قاتنىشىدۇ دەپ بىرتەرەپلىمە چۈشۈنىۋالغان كىشىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى نۇرغۇن مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەنگەن لېكسىيەگە قاتناشقان رازىمەنلىك تەسىراتىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى. لېكسىيە ئاخىرىدا بالىلارمۇ، ئانىلارمۇ، بوۋايلارمۇ، ھەتتا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارمۇ نۇرغۇن سۇئاللارنى سورىدى. مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ چوڭراق، تېخىمۇ كۆپرەك ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىشنى ئۈمىد قىلغانلارمۇ بولدى. بىزمۇ لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قايىللىقىنى ھەم تەسىراتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، مۇشۇنداق زىيارەت پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىشنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلدۇق.