ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ پائالىيەتلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارپ پائالىيەتلىرى
يارپ تورى قۇمۇل ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ كونتۇرۇل مەركىزىدە
ۋاقتى : 2015-07-29 18:32:07  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

قۇمۇل ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزىدىكى زىيارەت


 

مەسلىھەت سوراش تېلىفۇن نومۇرى: 7263391-0902 
 


 


   شىنجاڭ ئەيدىز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىيىتى تورىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى سۇلتان مەقسەت (شۇنداقلا شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ باشلىقى) بىلەن تەرجىمان يارقىن توختى(شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مۇنبىرىنىڭ ئالى باشقۇرغۇچىسى) 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇمۇل ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونتىرول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ، ئەيدىزنى تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابدۇكېرىم راخمان ۋە ئەيدىزدىن مەسلىھەت بەرگۇچى ھەبىبە ئىبراھىم بىلەن زىيارەت سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
زىيارەت سۆھبىتىدە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقىلى 14 يىل بولغان ھەم نۆۋەتتە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل 
 


بولىۋاتقان ئابدۇكېرىم راخمان قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: 
ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا تۇنجى بولۇپ، 1995-يىلى قۇمۇلدا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن باشلاپ، قۇمۇل ۋىلايىتىدە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، بىر شەھەر ئىككى ناھىيىدە خېلى مۇكەممەل بولغان ئەيدىزنى تەكشۈرۈش، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى تىزىملاپ دورا تەمىنلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش  سىستېمىسى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، 2010-يىلدىن باشلاپ قۇمۇل ۋىلايىتى بويىچە  دوختۇرخانىدا بالنىستا ياتقانلارغا %100لىك ئەيدىز تەكشۈرۈشىنى ئېلىپ بېرىشنىڭ تۈزۈملىشىگە ئەگىشىپ، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بايقىلىشى كۆرۈنەرلىك ھالەتتە يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاھىشىلەرگە، ھەمجىنىسلىقلارغا، زەھەر چەككۈچىلەرگە بولغان تەكشۈرۈش كۈچەيتىلىپ، بايقىلىش نىسبىتى كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىمارلار ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپۈيۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ سانىنى كونتىرول قىلىش تېخىمۇ تەسلەشكەچكە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يىلدىن يىلغا كۆپەيگەن. يەنە ھەمجىنىسلارنى بايقاشمۇ بىرقەدەر تەس بولماقتا. شۇنداقلا ياشلارنىڭ تېنى ساغلام بولغاچقا، كۆپۈنچە ھالدا بالنىستتا ياتمايدۇ، شۇڭلاشقا ياشلار ئارىسىدا ئەيدىز بىمارلىرىنى بايقاش تەسكە چۈشمەكتە. بۇ ئەھۋال تىز سۈرئەتتە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا ۋە بايقاش-ئېنىقلاش تەس بولۇشقا سەۋەپ بولماقتا. 
لېكىن يەنىلا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، قىلچە بوشاشماي ھەر تەرەپتىن تەڭ ھۇجۇم قىلىپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دىياگىنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاشنى چىڭ تۇتۇپ، كېسەلنىڭ كوتىرول قىلىنىشىنىڭ كۈچۈيىشى ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق تىرىشىپ زور كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. خىزمەت جەريانىدا تەشۋىقاتنى ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئەيدىزنىڭ كونتىرول قىلىنىشى جەريانىدا تېخىمۇ تىرىشىۋاتىمىز.  
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئادەم ئەيدىزدىن  يۇشۇرۇن يۇقۇملىنىپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى يەنە يۇشۇرۇن ساقلىنىدۇ. ئەمما، ھامىلدارلىق-تۇغۇت جەريانىدىكى ئاياللارنىڭ دوختۇرخانىدا قەرەللىك تەكشۈرۈتۈشى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى بىرقەدەر ئاسان بايقىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەم ئۆزىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن ئاياللارنىڭ بالىلىق بولماقچى بولسا،  مەخسۇس كەسپى مەسلىھەت  قۇبۇل قىلىشى بىلەن، قۇمۇل ۋىلايىتىدە ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئالاھىدە نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ،  ئانىدىن بالىغا يۇقتۇرۇش نىسبىتىنى ھەم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملۇنۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇلارغا مەخسۇس كۆڭۈل بۆلۈپ، بالا تۇغۇلغۇچە ھەقسىز دورا بىلەن تەمىنلەپ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن يەنە بالىغا بېرىدىغان سۈت پاراشوگى قاتارلىقلارنىمۇ ھەقسىز تەمىنلەپ كېلىۋاتىمىز. 
 


بۇ جەھەتتە، قۇمۇل ۋىلايەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى ئەيدىزنى تىزگىنلەش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابدىكېرىمجان راخمان مۇنداق نەتىجىلەرنىمۇ ئېيتىپ بەردى: 
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان  22 ئانىدىن  ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان ھالەتتە22  بالا تۇغۇلغان بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ ئالدى ھازىر 12 ياشقا كىرىپ ساغلام تۇرمۇش كۆچۈرىۋېتىپتۇ. چۈنكى، بۇ ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىگە زىيىنى بولمىغان ھالەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەيدىغان دورىنى ئىزچىل يەيدىكەن. بالىنى ئوپىراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇدىكەن. تۇغۇتتىن كىيىن بالىسىنى ھەرگىز ئىمىتمەيدىكەن.  
 

      


سۆھبەتتە، ئۇلار كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن قورقۇش كېسىلى تۈپەيلىدىن، ئۆزىنىڭ ئەيدىز چىقىپ قېلىشىدىن قورقۇپمۇ تەكشۈرتمەيدىغانلىقىنى، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ ئەيدىزدىن قورقۇش كېسىلى تۈپەيلى، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نېيىتىدىمۇ بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. 
    كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتنى مەجبۇرىيەت بويچە ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ، cd4 ھۈجەيرىسى 500 دىن تۆۋەن بولغانلارغا كۈچەپ دورا ئىچكۈزۈپ تىزگىنلەپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغان بەزى كىشىلەر ھەقسىز دورا ئىچىشنى، دائىملىق تەكشۈرۈشنىمۇ رەت قىلىدىغانلارمۇ بار ئىدى.  شۇنداقتىمۇ ئەيدىزنى تىزگىنلەش كەسپى خادىملىرى ئۇلارنى ئىزدەپ بېرىپ، ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان دورىنى ئىزچىل ئىچىش ئارقىلىق بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنى تىزگىنلەشنى، بۇ ئارقىلىق ساغلام ھالدا  ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بولسىمۇ، ئۇلارنى تىللاپ ھەم قولىغا چىققان نەرسىلەرنى ئېتىپ ناھەق زەربە بېرىپ، «ياخشى كۆڭۈلگە ئىشەك تەپكەندەك» مۇئامىلە قىلىپ، قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەردى. 
دېمەك، بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىسى بەكمۇ ئاجىز بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بۇ كېسەلدىن قورقۇپ ئۈمىدسىزلىنىپ، داۋالىنىشتىن قاچىدىغانلىقى، يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ تېخى ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش ئورنى مۇقىملاشتۇرۇپ دىياگىنوز قويماستا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالىدىغان، ئۆزىنى تۈگەشتۈرىۋالىدىغان، ياكى بولمىسا بۇ كېسەلگە سەل قاراپ باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇدىغان مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، تەشۋىقاتنى توغرا قۇبۇل قىلىپ ، ئۆزىنى ياخشى تەكشۈرتۈپ، داۋالىنىشقا ماسلىشىۋاتقان كىشىلەرمۇ بار، ئەلۋەتتە.