ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ پائالىيەتلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارپ پائالىيەتلىرى
يارپ تورى قۇمۇل تارانچى رايۇنىدا لېكسىيە سۆزلىدى
ۋاقتى : 2015-07-29 18:30:15  مەنبەسى : يارپ مۇنبىرى  يوللىغۇچى : يارپ
تارانچىدىكى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش لېكسىيەسى


 


   قۇمۇل شەھرى تارانچى كانچىلىق رايۇنى سەھىيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مەلىكەم ساتتار  شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىيىتى تورىنىڭ زىيارىتىگە مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن مەسچىت جامائىتىنى ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى توغرىسىدىكى مەخسۇس لېكسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. 
 


تارانچى- قۇمۇلنىڭ كانچىلىق سانائەت رايۇنى بولۇپ، بۇ رايۇندا ئېنىقلانغان زەھەر چەككەنلەر ھەم ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارمۇ خېلى بار ئىدى. شۇنداق بولغاچقا پائالىيەتكە قاتناشقان مەھەللە ئاھالىلىرى ئەيدىزبىلىملىرى توغرىسىدىكى لېكسىيەنى ناھايىتى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلىدى. 
 


ھەتتا ئون ياشقىمۇ توشمىغان بالىلارمۇ لېكسىيە ئاخىرىدا ناھايىتى مۇھىم سۇئاللارنى سورىدى. كىچىك بالىلار كوچا يول ياقىلىرىدىن، مەھەللە كوچىلىرىدىن ئىشلىتىپ تاشلىۋېتىلگەن ئىشپىرىسلارنى تىرىۋېلىپ بىر-بىرسىگە سۇ چېچىشىپ ئوينايدىكەن. 
 


بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا تارانچى رايۇنىدىكى بىردىن-بىر ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەتچىسى مەلىكەم ساتتار يولغا قويغان چارە-تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ ئۆتتى. 
 


پىدائىلار كوچىلاردىكى زەھەر چەككەنلەر تاشلىۋەتكەن ئىشپىرىسلارنى  تىرىۋالسا، بىر ئىشپىرىسقا ئۈچ مودىن پۇل بىرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، شۇنداقتىمۇ زەھەر چەككەنلەرنىڭ قالايمىقان تاشلىغان ئىشپىرىسلارنى كوچىلاردىن يەنىلا ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. 
 


لېكسىيە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەپ بولغان زەھەر چەككەنلەرنىڭ قان ئارقىلىق تارقىلىشىدىكى جەريانلىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ بايان قىلىندى. 
 


شۇنداقلا، كىچىك بالىلارنىڭ كوچىلاردىكى تاشلىۋېتىلگەن ئىشپىرىسىلارنى قەتئىي ئوينىماسلىقى، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ تەرەپلەرگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇشى ئالاھىدە تەكىتلەندى. 
 

 


مەھەللە پۇقرالىرىغا تەكلىپ قىلىش، چاقىرىپ كىلىش ئارقىلىق ئاشكارا سورۇندا مەخسۇس ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدا بۇنداق لېكسىيە سۆزلەش تارانچى رايۇنىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇن ئەمەلىي مىساللىرى ئارقىلىق سۆزلەنگەن لېكسىيەدىن كىيىن، بىر قىسىم لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بىرتەرەپلىمە چۈشەنچىلىرىنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقى مەلۇم بولدى. 
 


ئەسلىدە جەمىيەتتىكى ئاز بولمىغان كىشىلەر ئەيدىز توغرىسدىكى لېكسىيە-پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشتىن ئۆزلىرىنى ئېلىپ قاچىدىكەن. بۇنداق لېكسىيەنى پەقەت ئەيدىز بولۇپ قالغانلارلا ئاڭلىشى كېرەكتەك ئويلىشىدىكەن. 
 


   چۈشتىن بۇرۇن، مەھەللە پۇقرالىرىغا، ئائىلە ئاياللىرىغا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش توغرىسىدىكى لېكسىيە بايان قىلىنغاندىن كىيىن، چۈشتىن كىيىن مەسچىتتىن يانغان 
جامائەتكە مەسچىتنىڭ نەزىر-چىراق زالىدا يەنە بىر مەيدان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 
 


   لېكسىيەدىن كىيىن سۇئاللار سورۇلۇپ، ساتراشخانىدا ساقال تىغىنى ئورتاق ئىشلىتىپ قالماسلىق توغرىسىدا، يەنەياش يىگىتلەرنىڭ ناشايان ئىشلار سورۇنىدا  ئەيدىزدىن قانداق يۇقۇملىنىپ قالىدىغانلىقى توغرىسىدا قىزغىن مۇلاھىزىلەر بولدى. 
 


  ئاشخانىلاردىكى ئاچچىقسۇ-مۇچ قىياملىرىغا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ قانلىرىنى ئېقىتىپ قۇيۇدىغانلىقى توغرىسىدىكى كوچا پاراڭلىرى توغرىسىدىمۇ سۇئاللار 
 


 


سورۇلۇپ، ئەيدىزنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇدىغانلىقى، نەرسىدىن ئادەمگە يۇقمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئورتاقلىشىش ئېلىپ بېرىلدى.