ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارپ پائالىيەتلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارپ پائالىيەتلىرى
يارپ تورى ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدە زىيارەتتە بولدى
ۋاقتى : 2015-07-29 18:27:51  مەنبەسى :   يوللىغۇچى :
ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمەت ئەھۋالى


 

2821980473164048488.jpg (136.42 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

چۈشۈرۈش  ئالبومغا ساقلاش

2015-7-15 17:33 چىقىرىش

 
سۈرەتتە: ئوڭدىن سولغا- سۇلتان مەقسەت(يارپ)، لى جۈەن (ئاراتۈرۈكتىن)، شاراپەت(ئاراتۈرۈكتىن)، يارقىن توختى(تاشقىن)


  بۈگۈن 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاراتۈرۈك ناھىيەسى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونتۇرول قىلىش مەركىزى ئەيدىز كېسەللىكى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئاممىۋىي سەھىيە دوختۇرى لى جۈەن خىزمەت زىيارىتىدە  ئاراتۈرۈك ناھىيىسىگە بارغان شىنجاڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىيىتى تورى بىلەن  شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ مەسئۇللىرى  ئارا بولغان سۆھبەتتە تۆۋەندىكىدەك ماتىرىياللارنى تەمىنلىدى.
   ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى، ناھىيەلىك پارتىكوم، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، ئەستايىدىللىق بىلەن ۋىلايەتلىك ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويچە ئاممىغا بولغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، كېسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا نازارەت ئېلىپ بېرىپ، خەتەرلىك قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.
 


1.        ئاراتۈرۈك ناھىيەسىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئالاھىدىلىكى

   بىرىنچىدىن؛ جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى بىلەن، جىنسىي يول ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى بارغانسىرى ئېشىپ بارماقتا، كېسەللىك خەتەرلىك ئادەملەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ تارقالماقتا، تارقىلىش مەنبەسىنىڭ توختىماستىن كۆپىيىشى ۋە خەتەرلىك قىلمىشلارنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ناھىيىمىزدىكى كېسەللىكنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى بەلكىم داۋاملىق ئېشىپ بېرىشى مۇمكىن. 
ئىككىنچىدىن؛ تۆتنى كەچۈرۈم قىلىپ بىرگە كۆڭۈل بۆلۈش سىياسىتىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك ئەمىللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى ئازايتىپ، ئۇلارنىڭ ھايات كەچۈرۈش ئۆمۈرىنى ئۇزارتتۇق، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقۇملانغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن كېسەللىك قوزغۇلۇش مەزگىلىگە كىرىپ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ۋە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.
ئۈچىنچىدىن؛ ناھىيىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلىشىنىڭ تىزلىشىشىگە ئەگىشىپ، نوم بازىرىدىكى كۆچمەن نوپۇسلارمۇ كۆپۈيۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشىنى يەنىمۇ بىر قەدەم تىزلىتىۋەتتى. 
تۆتىنچىدىن؛ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ  شەكلى كۆپ، تارقىلىش شەكلىمۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ، يەنە نۇرغۇنلىغان ئەيدىز بىمارلىرى ۋە ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بايقالمىغان بولۇپ، يەنە بىر قەدەم تارقىلىش خەتىرى بار.
 

ئاراتۈرۈك ناھىيەلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونتۇرۇل قىلىش مەركىزىنىڭ ئالدىدا


2.        ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش خىزمەت ئەھۋالى

  بىرىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمىيەت ئورتاق ھالدا ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش سېستىمىسى بىرىنچى قەدەمدە شەكىللەندى.
   ناھىيىمىز ئەستايىدىللىق بىلەن ۋىلايەتلىك ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش كومىتىتېنىڭ بىكىتكەن « قۇمۇل ۋىلايەتلىك 2011-2015 يىللىق جىنسىي كېسەللىكلەر ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەركەت پىلانى»غا ئاساسلىنىپ، ناھىيىمىزنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى يەنە بىر قەدەم كۈچەيتتۇق، ھەر قايسى ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ تەشكىلى ۋە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتتۇق. ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈدۇق، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر قايسىداۋالاش ئورگانلىرىدا ئەيدىز تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردۇق، بالنىستتا ياتقان، ئۆزىنى تەكشۈرتكەن، داۋالانغانلارغا قارىتا ئەيدىز تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، بالدۇر تەكشۈرۈش، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر داۋالاشنى ئېلىپ باردۇق.
   ئىككىنچى، ئەستايىدىللىق بىلەن تەشۋىقات تەربىيەسى ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنىڭ ئەيدىزگە بولغان بىلىم-چۈشەنچىسىنى يۇقۇرى كۆتۈردۇق.
    ئۈچۈنچى، ئەستايىدىللىق بىلەن ھەر تۈرلۈك مۇداپىئەلىنىش ۋاستىللىرىنى قوللاندۇق. كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلۇرىغا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات ۋارىقى، ئاياللار ساقلىقنى ساقلاش قوللانمىسى، مەسلىھەت سوراش كارتىسى، گاندون قاتارلىقلارنى ھەقسىز تارقاتتۇق. ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئارقىلىق، ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى خەتەرلىك كىشىلەرنىڭ ئەيدىزگە بولغان بىلىملىرى كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقۇرى كۆتۈرۈلدى، خەتەرلىك بولغان جىنسىي مۇناسىۋەتمۇ ئازلىدى.
 


3.        كۆرۈلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر

   بىرىنچى، ئەيدىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر، جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقۇرى، ئەيدىز كېسىلى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا تارقالماقتا.
   ئىككىنچى، ھەر قايسى يېزا، كەنىتلەرگە بولغان تەشۋىقات يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش ئېڭى تېخى يۇقۇرى ئەمەس، بولۇپمۇ نوم بازىرىدىكى كىشىلەرگە بولغان تەشۋىقات يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس.
   ئۈچىنچى، سىرتتىن كەلگەن نوپۇسلارنىڭ كۆپۈيىشى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بولغان كۆزۈتۈش يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس. 
   تۆتىنچى، ئەيدىز بىمارلىرىنى ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش، بالدۇر تىزگىنلەش ئۈچۈن، ناھىيىمىزدىكى داۋالاش ئورگانلىرىدا بالنىستتا ياتقانلارغا %100 لىك ئەيدىز ئانتىتېلا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدۇق.