ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارىپ خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارىپ خەۋەرلىرى
يارپ تورى رادىيۇ دولقۇنلىرىدا
ۋاقتى : 2015-06-26 03:02:26  مەنبەسى : يارپ تورى  يوللىغۇچى : يارپ

بۈگۈنكى «26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ خەلق رادىيۇ ئىستانسىسى قاتناش-سەنئەت رادىيۇسى يېرىم سائەتلىك «چايخانا پاراڭلىرى» پىرۇگىراممىسىدا مەخسۇس شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ باشلىقى سۇلتان مەقسەت (يارپ)نى زەھەر، زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى توغرىسىدا تىلىفۇن زىيارىتى ئېلىپ باردى.
بۈگۈن «26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى». ئەمما، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىغا نىسبەتەن بىر يىل 365 كۈننىڭ ھەر كۈنى زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش كۈنى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى ئالاھىدە كەسپ بولغان زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش مەزمۇنىدىكى ماتىرىيال، ئۇچۇر-ساۋاتلارنىڭ مەتبۇئاتلاردا ھەم تور دۇنياسىدا ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋالغا نىسبەتەن، ئون يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل ھالدا زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقات-تەربىيەسىدىكى سەرخىل تېمىلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىجادى ھالدا يېزىپ ھەم تور دۇنياسىدىن تاللاپ چىقىپ، زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى جەھەتتە جەمىيەتتە مۇھىم رولىنى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئىككى تىللىق ھەم تورداشلارنىڭ سۇئال سوراپ ئۆزئارا مەسلىھەت بىرىشىگە قولايلىق ياراتقان مۇنبەر ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى جەھەتتىكى ھەرقانداق ئېھتياجىنى قاندۇرۇپ بىرىدۇ.
زەھەر چەكلەش ۋە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش جەھەتتىكى بىلىملەرنى ئىگەللىگەن، شۇنداقلا بۇ بىلىملەرنى ھەر ۋاقىت ئىسىدە ساقلىغان كىشىلەر زەھەرگە خۇمار بولۇپ قېلىش ھەم ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن چوقۇم يىراق تۇرالايدۇ. شۇڭا، ھەممەيلەن زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ئىگەللەيلى!