ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بۈگۈن :
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  يارپ  »  يارىپ خەۋەرلىرى
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلەر
يارىپ خەۋەرلىرى
زاھىدە تۇرسۇنغا بىلەت تاشلاڭ
ۋاقتى : 2013-05-14 12:11:01  مەنبەسى : خەلق تورى  يوللىغۇچى : مەقسەت

زەھەر چەكلەش ئىشلىرىغا بېغىشلانغان رەڭدار ھايات


      

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

                        http://society.people.com.cn/GB/8217/363640/index.html

                    (بۇ خەنزۇچە خەلق تورىدىكى بىلەت تاشلاش ئۇلىنىش ئادرىسى)

    زاھىدە تۇرسۇن، ئايال، ئۇيغۇر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق ئىككىنچى ئۆلچەش- سىزىش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن تۈزۈش ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىك قانۇن ئىجرا نازارەتچىسى، ئىلگىرى «مەملىكەتلىك ئىلغار زەھەر چەكلەش پىدائىيسى»، توققۇزۇنچى نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياشلىرى مىدالى»، «ئاپتونوم رايونلۇق ئىلغار زەھەر چەكلەش پىدائىيسى»، ئۈرۈمچى شەھەرلىك «جوڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر پىدائىي» شەرىپىگە ئېرىشكەن.
زاھىدە تۇرسۇن 2006 –يىلى 6-ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش  پىدائىيلار قوشۇنىغا كىرىشكە ئىلتىماس يازدى ۋە كېيىن بۇ قوشۇننىڭ غوللۇق ئەزاسى ۋە پىدائىيلار قوشۇنىنىڭ مەسئۇلى بولدى. 2005 -2006-يىللىق زەھەر چەكلەش ئاممىسى ئىچىدىكى مەملىكەتلىك ئون مەشھۇر شەخىسنىڭ بىرى ئەخمەتجان قۇربان زاھىدەنىڭ ئەستايىدىل،  سەمىمىي، ئۆگىنىشكە ھىرىسمەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنى ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى يارپ ئامبولاتورىيىسى ۋە شىنجاڭ يارىپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىغا خىزمەتكە تەكلىپ قىلدى، زاھىدە قىلچە ئىككىلەنمەستىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ئەخمەت قۇرباننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى، 2006-يىلى11-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش تورىدا خىزمەت قىلدى. زاھىدە تۇرسۇن بۇ قوشۇنغا كىرگەندىن باشلاپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈشنى تەشۋىق قىلىش ھاياتىنى باشلىۋەتتى. شىنجاڭنىڭ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش بىلىملىرىنى ئۆگەندى، ۋاقتى چىقسىلا پىدائىيلاردىن ۋە جەمئىيەتتىكى بىرقىسىم كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى  ۋە ھەرخىل كىچىك تىپتىكى زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.
      شىنجاڭ يارىپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورىدا خىزمەت قىلغان جەرياندا زاھىدە تۇرسۇن شىنجاڭنىڭ جوڭگودىكى زەھەر ۋە ئەيدىز ئەھۋالى ئېغىر رايۇن ئىكەنلىكى ۋە شۇنداقلا خەلقىئارادىكى چوڭ زەھەر ئۇۋىسى «ئالتۇن ھىلال ئاي»نىڭ خەۋپىدە ئىكەنلىكىدەك كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئەمەلىيەتنى ھېس قىلدى. ئەخمەت قۇربان ئاكىنىڭ يىتەكلىشىدە ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدى ۋە كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلارنى پۈكتى. شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىگە تۆھپە قوشۇشنى ئويلىدى.
قىزغىن مۇلازىمەت قىممەتلىك دوستلۇقنى پەيدا قىلدى
     2007-يىلى6-ئايدا  زاھىدە تۇرسۇن زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈش سالاھىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر چەكلەش ئىشخانىسى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق تەشۋىقات بۈلۈمى تەشكىللىگەن 2005-يىللىق دۆلەتلىك خەلق ئىچىدىكى ئون مەشھۇر زەھەر چەكلىگۈچىلەرنىڭ سەييارە نۇتقىغا قاتناشتى، ئۆزىنىڭ كومپىيوتىر تېخنىكىسىدىكى ئارتۇقچىلىقىن جارىي قىلدۇرۇپ، دەل ۋاقتىدا ئاۋاز، سۈرەت بىرلەشكەن كۆپ ۋاستىلىك دەرس دىتالى تۈزۈپ چىقتى. سەييارە نۇتۇق ئۆمىكىنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا نۇتۇق سۆزلىشى ۋە كۆپ ۋاستىلىك دەرسنىڭ قۇيۇلۇپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
پائالىيەت مەزگىلىدە زاھىدە تۇرسۇن يەنە دۆلەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەرگە خالس ساياھەت يىتەكچىسى بولۇپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيىتىنى تۇنۇشتۇردى. شۇنداقلا ئۇلارنى غۇلجىدىكى ئۆيىگە باشلاپ مەشرەپ بىلەن كۈتىۋالدى. زاھىدە تۇرسۇن قىزغىن، سەمىمىي بولغاچقا ئۇلار بىلەن تېلفۇن، خەت ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلدى، زاھىدەنىڭ بۇقېتىمقى پائالىيەتتىكى ئىپادىسى ھەرقايسى جەھەتتىكىلەرنىڭ ماختىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ئېسىل خىسلىتىنى نامايەن قىلدى.
     2007-يىلى8-ئايدا،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكىمىتى قانۇن تۈزۇش ئىدارىسى ئۇنىڭغا قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنى تارقاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ كىچىك قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچى بولۇپ قالدى.
يۈكسەك بۇرچ جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىدى.
بۇ يىل زاھىدە تۇرسۇن مەملىكەتلىك 3-نۆۋەتلىك «ئەل ئىچى ئون چوڭ زەھەر چەكلەش ئەربابى»نى تاللاش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 57 نەپەر تاللاش ئوبىكتىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. تەپسىلاتى خەلق تورىنىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئادرىسىدا بىرىلگەن بولۇپ، زاھىدە تۇرسۇننىڭ رەسىملىك كۆرۈنىشى بىلەن بىلەت تاشلاش ئورنى تۆۋەن تەرەپتە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ھەم زاھىدە تۇرسۇننىڭ تولۇق ماتىرىيالىنى شۇ ئورۇندىن ئېچىپ كۆرەلەيسىز.

http://society.people.com.cn/GB/8217/363640/index.html